بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-03 22:28:25

بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھانساداقەتجان ھاجىكۈل بولار كۆيۈپ ئاخىر كۆمۈر دىگەن.چىرىيدۇ دات بېسىپ ھەم تۆمۈر دىگەن.تۈگەيدۇ ياشاپ بولسا ئۆمۈر دىگەن.بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.گۈزەللىك باقى ئەمەس گۈ...

    بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان


    ساداقەتجان ھاجى


    كۈل بولار كۆيۈپ ئاخىر كۆمۈر دىگەن.
    چىرىيدۇ دات بېسىپ ھەم تۆمۈر دىگەن.
    تۈگەيدۇ ياشاپ بولسا ئۆمۈر دىگەن.
    بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.

    گۈزەللىك باقى ئەمەس گۈلگە دىگەن.
    ھەمىشە ياراشمايدۇ كۈلكە دىگەن.
    ئىلىنار تۇمشۇقىدىن تۈلكە دىگەن.
    بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.

    يول دىگەن كەڭمۇ بولار، تارمۇ بولار،
    بەزىدە يوقمۇ بولار، بارمۇ بولار،
    ئالدىڭدا گۈلمۇ بولار، دارمۇ بولار.
    بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.

    شامالدەك ئۇچۇپ تۇرار ئاتاق دىگەن،
    ساڭىمۇ كېلىپ قالار تاۋاق دىگەن،
    ئىزدىسەڭ تېپىلىدۇ ساۋاق دىگەن.
    بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.

    ھەر كويغا كۆڭۈل سېنى باشلاپ تۇرار،
    ئاپىرىپ چۆلگە ھەتتا تاشلاپ تۇرار،
    ئۈمىدۋار كۆزلىرىڭنى ياشلاپ تۇرار.
    بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.

    ئانچىلا يىراق ئەمەس ئاسمان دىگەن،
    ياخشىدۇر ئالغا قەدەم باسقان دىگەن،
    قاناتسىز بولۇۋەرمەس ئارمان دىگەن.
    بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.

    مەڭگۈلۈك ئەمەس ھەرگىز تۆرە بولۇش،
    ئۆمىلەپ مېڭىش ياكى ئۆرە بولۇش.
    خۇيۇڭدىن قوي بولۇش يا بۆرە بولۇش.
    بۇ جاھان ئۇزۇن-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.

    بۈگۈنگە ئوخشىمايدۇ ئەتە دىگەن.
    يۆتكىلىپ تۇرار سازدا پەدە دىگەن.
    ئالدىڭدا پەيدا بولار... نەدە دىگەن.
    بۇ جاھان- ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.

    يامانلار ياخشىلارنى قەستلەپ تۇرار.
    قىممەت ئۇ، ئۆرلەپ تۇرار، پەسلەپ تۇرار.
    ئەۋلاتلار ياخشىلارنى ئەسلەپ تۇرار.
    بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.

    ھەر ۋاقىت نىسىپ بولماس نەپمۇ ماڭا،
    ئېيتساملا شېئىر بولماس گەپمۇ ماڭا،
    جاي بېرەر ئەل قاتارى سەپمۇ ماڭا.
    بۇ جاھان-ئۇزۇن جاھان، ئۇزۇن جاھان.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    1992- يىل 8- ئاي. قەشقەر
    («قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1993- يىللىق 4- سانى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.