سەن مەندەك بولالامسەن؟(مۇھەممەدجان راشىدىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-25 08:16:46

سەن مەندەك بولالامسەن؟مۇھەممەتجان راشىدىنسەن مەندەك بولالامسەن,دۆڭگە سۇ قۇيالامسەن؟ئاناڭغا سويمىغان قوينى,باشلىققا سويالامسەن؟قويغا ئۆزگىرەلەمسەن,ئىتقا ئايلىنالامسەن؟مەندەك ئەركىلەپ يۇرۇپ,با...

    سەن مەندەك بولالامسەن؟
    مۇھەممەتجان راشىدىن

     

    سەن مەندەك بولالامسەن,
    دۆڭگە سۇ قۇيالامسەن؟
    ئاناڭغا سويمىغان قوينى,
    باشلىققا سويالامسەن؟

    قويغا ئۆزگىرەلەمسەن,
    ئىتقا ئايلىنالامسەن؟
    مەندەك ئەركىلەپ يۇرۇپ,
    باشلىق سايلىنالامسەن؟

    سەن مەندەك بولالامسەن,
    كۆككە غادىيالامسەن؟
    "بۇ ئىشىڭ خاتا " دېسە,
    شۇ ئان جايلىيالامسەن؟

    ئاغزىڭدا شەھەر ئىلىپ,
    بىر كۆتەك يارالامسەن؟
    بېلىڭنى سىيلاپ يۇرۇپ,
    مۇكاپات ئالالامسەن؟

    سەن مەندەك بولالامسەن,
    غەيۋەتمۇ قىلالامسەن؟
    ياخشىلارغا دەرت كەلسە,
    چاۋاكمۇ چالالامسەن؟

    قانچىلىك ھۆنەرۋەنسەن,
    قاپقانمۇ قۇرالامسەن؟
    ھەر دوستۇڭغا بەش ئورا,
    مەندەك كولىيالامسەن؟

    سەن مەندەك بولالامسەن,
    قىزلارنى تورالامسەن؟
    دادېسى كىلىپ قالسا,
    قورقماستىن ئۇرالامسەن؟

    پايپاسلاپ سەتەڭلەرنىڭ,
    كەينىدىن ماڭالامسەن؟
    ئەر يەتكەن بالاڭ تۇرۇپ,
    ئاشنا ئوينىيالامسەن؟

    سەن مەندەك بولالامسەن,
    قاۋاقتا قونالامسەن؟
    ساقچىلار كىلىپ قالسا,
    مەندەك تېز تونالامسەن .

    يىتىمنى بوزەك ئەيلەپ,
    يالغۇزنى ئۇرالامسەن؟
    نوچىسى كىلىپ قالسا,
    ئون تەزىم قىلالامسەن؟

    سەن مەندەك بولالامسەن,
    بازار باشقۇرالامسەن؟
    ئون تىيىن چىقىم قىلماي,
    كىگىز باستۇرالامسەن؟

    سودىگەر بولالامسەن,
    خەقنى كوملىيالامسەن؟
    داداڭ پۇل سوراپ قالسا,
    شىردەك ھومىيالامسەن؟

    سەن مەندەك بولالامسەن,
    سۇتكە سۇ قوشالامسەن؟
    خەقنىڭ مۇلىكىنى, ئاستا
    ئۆيۇڭگە توشۇيالامسەن؟

    ئالدىدا ئايالىڭنىڭ,
    مەندەك تىك تۇرالامسەن؟
    كۇندۇزى تاماق ئېتىپ,
    كەچتە كىر يۇيالامسەن؟

    سەن مەندەك بولالامسەن,
    شۇنچە ئىش قىلالامسەن؟
    بوران چىقسىمۇ ئون بال,
    يىقىلماي تۇرالامسەن؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.