كۆرمىسە ئەر دېگەن ئەردەك ئۆزىنى...(ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 08:36:36

كۆرمىسە ئەر دېگەن ئەردەك ئۆزىنى...ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنېمىلەر قالدىكىن ئېسىمدە دېسەم،ئىسمىمدىن باشقىسى قالدى ياتسىراپ.نېمىشقا مۇڭلىنىپ تۆكىمەن كۆز ياش،نېمىشقا روھىممۇ كەتتى قاغجىراپ.غۇرۇرغا ق...

    كۆرمىسە ئەر دېگەن ئەردەك ئۆزىنى...
    ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرى



    نېمىلەر قالدىكىن ئېسىمدە دېسەم،
    ئىسمىمدىن باشقىسى قالدى ياتسىراپ.
    نېمىشقا مۇڭلىنىپ تۆكىمەن كۆز ياش،
    نېمىشقا روھىممۇ كەتتى قاغجىراپ.
    غۇرۇرغا قىلسا كىم چاقچاقنى ھە دەپ،
    باش ئېگىپ، ھىجىيىپ يۈرۈپتىم توۋا.
    سۇنسا ياۋ دوست تارتىپ ماڭا يېپىشىپ،
    ئىچىپتىم ئەقلىمنى كەسسىمۇ ئوغا.
    كۆز تىكىپ باقالماي يارىمغا تېخى،
    مەردانە بولالماي قاپتىمەن پەستە.
    يىقىتىپ دەھشەتلىك غەپلەت بەستىنى،
    ماڭغاننىڭ يولى گۈل، گوياكى كەشتە.
    غۇرۇرۇم ئۇرغۇدى قېنىمدا شۇ تاپ،
    كۆزلىرىم نۇر ئىچرە كۆردى ھەممىنى.
    پەقەتلا ئادەمگە دۈشمەن شۇ دەيمەن،
    كۆرمىسە ئەر دېگەن ئەردەك ئۆزىنى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.