مۇنار ئۈستىدىكى قۇياش(ئابابەكرى توختى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 08:46:38

مۇنار ئۈستىدىكى قۇياشئابابەكرى توختىئىزاھاتتىنجىپ قالغان سۈكۈتمەن،ھەقىقەتنىڭ كۆزىدە.بىخ يارمىغان ئۈمىدمەن،شۇنچە ئۇزۇن قىش پەسلىم.قان ئاقىدۇ قۇمۇش كۆكسىدىن،قاسراق تاشلاپ كۆكلىشىم ئۈچۈن.بىتەلە...

    مۇنار ئۈستىدىكى قۇياش
    ئابابەكرى توختى



    ئىزاھات


    تىنجىپ قالغان سۈكۈتمەن،
    ھەقىقەتنىڭ كۆزىدە.
    بىخ يارمىغان ئۈمىدمەن،
    شۇنچە ئۇزۇن قىش پەسلىم.

    قان ئاقىدۇ قۇمۇش كۆكسىدىن،
    قاسراق تاشلاپ كۆكلىشىم ئۈچۈن.

    بىتەلەي جەڭچىمەن، ئاتقان ئوقۇمدا،
    يارىلاندۇرغان يارا قەلبىمنى.
    بەختلىك مەھبۇسمەن، زىندانىم ئۆزۈم،
    ھېچكىم بۇلىيالماس ئۆلۈش ئەركىمنى...



    قىشتىن چىقىش


    ئىدىيىلەر ھارغىن،
    سېڭىپ بارار سارغۇچ، نەم قارغا.
    سوغۇق جان تالىشار،
    ئۇزۇن - ئۇزۇن،
    ئاچچىق - ئاچچىق...
    يۈرىكىمنى قاقلايمەن يارغا.

    كوچىلارنىڭ يۈزى سويۇلغان،
    شالاپ - شالاپ...
    قىزلار پەلتۇسىنى تاشلىغان،
    ئالمىلار پىشقان.
    دوقمۇشتىكى بويتاق يىگىتلەر،
    كالپۇكىنى قويىدۇ يالاپ.

    ئايىغىم ئاستىدا تەرلىگەن تۇپراق،
    ئۈستۈمدە،
    لەگلەك سېغىنغان ئاسمان.
    كۆرەلمەيمىز تېخى ئالدىراپ،
    گۈل ئېچىلار خىلۋەتتە پىنھان.
    دېرىزىلەرنى ئۇلۇغ ئېچىۋەتتۇق،
    يېقىنلاپ كەلمەكتە باھار،
    قىشتىن چىقتۇق.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.