قەشقەردىكى قار (ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن)

يوللىغۇچى : rasheed يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-28 01:47:32

قەشقەردىكى قار غەمكىن شاخلاردا مۈگىدەيدۇ قىش، قەددىدە ھەسرەتلەر ئۇيىغان شەھەر. كوچىلار بېتىنى سىيلايدۇ قەلبىم، ئەسلەرنىڭ قېتىدا ئۇزاق بىر سەھەر.

     
       قەشقەردىكى قار

    (ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن)
     
    غەمكىن شاخلاردا مۈگىدەيدۇ قىش،
    قەددىدە ھەسرەتلەر ئۇيىغان شەھەر.
    كوچىلار بېتىنى سىيلايدۇ قەلبىم،
    ئەسلەرنىڭ قېتىدا ئۇزاق بىر سەھەر.
     
    بۇلاقلار كۆزىگە قارىماق ئېغىر،
    قىيسايغان قەدىمىي ئوقۇللار تېمى.
    ئۈن-تىنسىز سۈكۈتكە چۆمگەن تۈمەندىن،
    بىراۋلار سورىماس نېمىدۇر غېمى؟!!
     
    ئارىيا بويىدا مۇزلىغان رۇجەك،
    بىر سىقىم ئوتۇننى ئالدى قېرى چال.
    دۇنياغا ئوت كېرەك، كېرەكتۇر يۈرەك،
    بەش بالام ئوت سۇنسۇن دېدى ئۇ ئاۋال.
     
    لەڭپۇڭچى ئاچچىقتىن ئورايدۇ موخۇرەك،
    ھە، بۈگۈن سودا يوق، شىۋىرغان يامان.
    ھىيىتگاھ يەنىلا تۇرىدۇ مەغرۇر،
    كەپتەرلەر چۈشىدە ئۆزگە بىر زامان.
     
    بۇ ئۇزۇن قىش ھامان ئۈمىدتتىن قىسقا،
    ئۈمچەيگەن گۈللەرگە تىلىدىم باھار.
    قەشقەرنىڭ ئاسمىنى گىرىمسەن شۇنچە،
    ئۈستىمدىن قار ياغار، ئىچىمدىمۇ قار.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.