كېچە(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 02:57:34

كېچەچىمەنگۈل ئاۋۇتئوينايدىغان بالا بارمۇسۇ ئىچىدە ئۆرۈم-ئۆرۈم چاچ،گۈل بەرگىدەك يېرىلدى قات-قات.بارمىقىمدا ئوچۇم-ئوچۇم نۇر،ئاپئاق تامغا يازىمەن پەرياد.ئۆگزىسى يوق ئۆيدىن تولۇن ئاي،قارىيالماي...

    كېچە
    چىمەنگۈل ئاۋۇت



    ئوينايدىغان بالا بارمۇ

    سۇ ئىچىدە ئۆرۈم-ئۆرۈم چاچ،
    گۈل بەرگىدەك يېرىلدى قات-قات.
    بارمىقىمدا ئوچۇم-ئوچۇم نۇر،
    ئاپئاق تامغا يازىمەن پەرياد.
    ئۆگزىسى يوق ئۆيدىن تولۇن ئاي،
    قارىيالماي بولماقتا چاك-چاك.
    نەمخۇش پۇتلار سىلكىنەر يېنىك،
    يامغۇردىكى خىيالغا ئوخشاپ.
    كىچىكلىكتە ياسىغان ئۆيۈم،
    كېلىپ قالدى يەنە يادىمغا.
    ئۇنلىرىم-قۇم، سېيىم-يوپۇرماق،
    ئاش ئېتەتتىم بالىلىرىمغا.
    كۈلۈپ سېلىپ ئۆزۈمچە غەمكىن،
    ئېچىۋەتتىم روجەكلىرىمنى.
    ئاينىسۇن دەپ كېچە باغرىدا،
    چېچىۋەتتىم چېچەكلىرىمنى.
     ئاق تاش، كۆك تاش،
    دەريا بويى سۈزۈك تاش.
    سېنىڭ بىلەن مەن ئاداش،
    ئوينايدىغان بالا بارمۇ.
    بولمىسىمۇ بۇ جايدا بىر تاغ،
    ئەكس سادا ياندى ئاھ دەرھال.
    ھايات دېگەن مۇشۇدۇر بەلكىم،
    ئوت ئىچىگە تاشلاندى ئايال.
     ئاق تاش، كۆك تاش.
    دەريا بويى سۈزۈك تاش،
    ئويناي دېسەم دەريادا،
    يولۇم تۇرسا قارا تاش...

    ئۈلگۈرەلمىدىم

    يارىلانغان تۇلپاردەك كىشنەيدۇ كېچە،
    باغرىڭدەك بىپايان كۆيەر تەبىئەت.
    رېئاللىق ۋەسلىدىن كۆكلەيدۇ مېھرىم،
    شۇ قەدەر گۈزەل ھەم شۇ قەدەر دەھشەت.
    ھالاللىق ئىچىدە پارلايدۇ يۇلتۇز،
    جېنىممۇ سەن ئۈچۈن بولماقتا پايخان.
    قەدرىڭنى قەدرىمگە سىڭدۈرسەم سۇدەك،
    مەڭگۈلۈك دەملەردىن يارالدى ئىمكان.
    ئۇلۇغ بىر ئىستەكتەك سۈزۈكتۇر تاملار،
    چېھرىمدەك تاڭ ئاتتى ئاماندۇر ھەممە.
    بىر گەپنى دېيىشكە ئۈلگۈرەلمىدىم،
    شەھرىزات ھېكايىسىنى توختاتتى يەنە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر چىمەنگۈل ئاۋۇت كېچە