سونېتلار(ئابدۇكېرىم ئابدۇمىجىت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-05 05:37:52

سونېتلارئابدۇكېرىم ئابدۇمىجىت (دولانى)1ئېھ، كۆڭلۈمنى ئوغرىلىغان شەيتان پەرىزات،غېرىبلىقتا سېنى ئەسكە ئالىمەن پات-پات.كۆزلىرىڭنىڭ نۇر ئۇچقۇنى ھارارەت بېرىپ،ھەسرەتلەرنىڭ پەنجىسىدىن بولۇپلا ئاز...

    سونېتلار
    ئابدۇكېرىم ئابدۇمىجىت (دولانى)



    1

    ئېھ، كۆڭلۈمنى ئوغرىلىغان شەيتان پەرىزات،
    غېرىبلىقتا سېنى ئەسكە ئالىمەن پات-پات.

    كۆزلىرىڭنىڭ نۇر ئۇچقۇنى ھارارەت بېرىپ،
    ھەسرەتلەرنىڭ پەنجىسىدىن بولۇپلا ئازاد؛

    ئەركىن قۇشتەك كۆككە دادىل ئۇچقۇم كېلىدۇ،
    تەبەسسۇمىڭ روھسىز تەنگە بېغىشلاپ قانات.

    كۆزلىرىمگە كۆرۈنگەن بۇ ئالەم چىرايلىق،
    نەزىرىمدە پەقەت سەنلا پۈتكۈل كائىنات.

    جامالىڭدا يۇلتۇز خۇمار، نۇرلۇق ئايمۇ بار،
    ئېرىتىدۇ نازىڭ تەننى، سۆزلىرىڭ ناۋات.

    ۋۇجۇدۇمنى دېسەم گويا بىر تاشلاندۇق ئۆي،
    جەزبىدار شوخ قىلىقلىرىڭ بىلەنلا ئاۋات.

    ئۆلۈك روھنى تىرىلدۈرگەي سېنىڭ پاك سۆيگۈڭ،
    سەن مەدەتكار سالغىنىمدا چېلىشلارغا ئات.

    2

    كۆز ئالدىمدا لىقمۇلىق سۇ ئاققان كەڭ تىزناپ①(تىزناپ  دولان دەرياسى.)
    مەجنۇنتاللار سايە سالغان مامۇق كەبى قاش.

    شۇنداق راھەت سۇغا قاراپ ئولتۇرساڭ تەنھا،
    يېشىل ئېتىز، يېشىل قىرلار، يېشىل يالپۇز، ماش.

    يېشىل دۇنيا قوزغاۋاتقان دىلدا ئىشتىياق،
    دەل-دەرەخنى سالقىن شامال ئەتكەندەك باغاش.

    گۈل-چېچەكلەر ھېسسىياتلىق تولىمۇ لىۋەن،
    ئىغاڭلىشىپ شاماللارغا ئاستا پىچىرلاش.

    كاككۇكلارنىڭ شايراشلىرى ھەجەپ يېقىملىق،
    يەنە كۆرگۈم بار سۆيۈملۈك سەھرانى ئاداش.

    ئۇندا قىزلار شۇنچە ساددا، پاك ۋە سەمىمىي،
    ئادەت ئەمەس ئۇلار ئۈچۈن يۈزىنى بوياش.

    ھەممە ئادەم ئۇدۇل سۆزلۈك، نىيىتى دۇرۇس،
    پەقەت ھالال ئەمگەككىلا ئۆمۈرلۈك يولداش.

    3

    ھۆسنى تاڭدەك جانان دىلنى قىلغاچقا ئەسىر،
    پاك مۇھەببەت توك ماڭغاندەك ئۆتكۈزۈپ تەسىر؛

    مەندەك قىران يىگىتلەرنى قۇل قىلدىغۇ قۇل،
    قاچانلاردا يېشىلەر بۇ ئازابلىق كەسىر؟

    قۇل قىلسىمۇ مەيلى، لېكىن سەۋدا قىلمىسا،
    ئادەم ئادەمنى سېھىرلەش بۇ قانداقچە سىر؟

    پۇت-قولنىمۇ چۈشىگەن ھەي نازۇك مۇھەببەت؟
    بايقىشىمچە ئالەمدە سەن خاسىيەتلىك بىر.

    قۇتۇلالماس ھېچكىم بۇنداق لەزىز قىسمەتتىن،
    مەيلى دېھقان، مەيلى خاقان، يا مەندەك پېقىر.

    قانۇنلاردەك سوتتا سوتلاپ چۈشەپ يۈرمەس ئۇ،
    ئەمما ئۆتكۈر كۆزلىرىگە باغلانغان پىكىر.

    شېرىن ھېسلار بورانىدا يوقالسا ئەقىل،
    ھىجران زارى ياپراق كەبى تىترەتكەن دىر-دىر.

    4

    ئاھ، مۇھەببەت سەن ئىنساننى قاقشىتىپ زار-زار،
    گاھى ھەزىل ئوقلىرىغا قىلىسەن نىشان.

    پەرىلەرنىڭ قۇچىقىدا چاقناتساڭ باھار،
    گاھ ئارىنى توسقان سېپىل سوقۇپ غەم-ھىجران.

    قېنى كىملەر ئالدىڭدا باش ئەگمىگەن سېنىڭ؟
    ئوت دېڭىزنى كەچمىگەن-ھە، قايسى بىر ئىنسان؟

    نەپەسلەر دۈت، ئاھلىرى ئىس، ۋۇجۇدى كاۋاپ،
    باش قايدۇرغان تۇغۇلغانغا قىلدۇرۇپ پۇشمان.

    كۈلدۈرىسەن، كۆيدۈرىسەن، ئۆكۈندۈرىسەن،
    سەۋدايىلىق كوچىسىدا يۇتتۇرۇپ پىغان.

    يۇرتنى يۇرتقا تۇتاشتۇرغان يوللارغا ئوخشاش،
    سېغىنىشلار دىلنى دىلغا چاتقان بوپ ئارقان.

    تىرىكلەرنىڭ تىرىكى سەن ئوتلۇق مۇھەببەت،
    سېنىڭ بىلەن كۆكلەيدۇغۇ ھەر بىر مىسكىن جان.

    سونېت-ياۋروپانىڭ لىرىك شېئىر تۈرلىرىدىن بىرى . بۇنىڭدا بىر كۇپلېت 14 مىسرا بولۇپ ، ۋەزىن جەھەتتە يەنە بىرنەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.