قۇرغاقچىلىق--(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-02-03 17:00:00

قۇرغاقچىلىق چىمەنگۈل ئاۋۇت قەھرىم بىلەن لېۋىمنى چىشلەپ، كۆپجۈگەن تومۇرۇمنى كېسىۋەتتىم.قۇياش چۇل-چۇل بولدى جىممىدە، مەندىن باشقا ھەممە مەۋجۇدات. چىقىۋالدى كېمىگە... ئۈزىۋەتتىم تۈگمىلىرىمنى،بارم...

    قۇرغاقچىلىق

      چىمەنگۈل ئاۋۇت

              قەھرىم بىلەن لېۋىمنى چىشلەپ، كۆپجۈگەن تومۇرۇمنى كېسىۋەتتىم.
    قۇياش چۇل-چۇل بولدى جىممىدە،
    مەندىن باشقا ھەممە مەۋجۇدات. چىقىۋالدى كېمىگە...
    ئۈزىۋەتتىم تۈگمىلىرىمنى،
    بارمىقىمغا يىڭنە كىرسۇن دەپ.
    كىچىكىمدە ئانام مېنى ئوتلاپ قاققىلى،
    دوقۇراتتى ئۆي-ئۆيگە يۇرۇن تىلەپ

     سېرىق رەڭگە ئۆچ بولدۇم بۈگۈن
    لامپۇچكىنىڭ ئۆلمەكتە نۇرى
    قۇش پېيىدەك قىرقىلغان ۋاقىت
    سۆيمەكتە ھەم يېمەكتە مېنى
    ساڭا تونۇش تۇيغۇلىرىمدەك
    بېسىپ كەلدى رىئاللىق ماڭا
    قورسىقى ئاچ ئايالدەك

        كېچە قارايماقتا كۆزلەردەك يەنە كارۋىتىمغا تاشلاندىم،
    گۈلدەك بۇلۇت
     بۇلۇت بولۇپ يېيىلدى بارچە
    چېكىلمىدى ئىشىكىم يېنىك
    سەن بىلمەيسەن مېنى تېخىچە
       نىمىشقىكىن ئېغىپ يۈرىكىم مەن ئۆزۈمگە سىىغماي قالىمەن تېلىۋىزورغا ئۇدۇل ئولتۇرۇپ ئاياللىقىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالىمەن خەرىتىنىڭ سىزىقلىرىنى يېڭىلايمەن قارا سىياھتا يەر تەۋرەيدۇ شۇقەدەر تەمكىن بۇغۇلىمەن قىيا-چىياغا...
    2
        ئىشخانىدىن چىقتىم يىلاندەك
    ۋاقىت مېنى چاقىدۇ تىنماي
    چىڭقى چۈشنىڭ شىرنىلىرىنى
    بىر توپ چىۋىن يالايدۇ قانماي

     ئاپتوبۇستا «تۇرپان »ژورنىلىنى ئوقۇپ ئولتۇرسام يېنىمدىكى سېمىز بىر ئايال تۇپان دەپ ھەجىلىدى «تۇرپان »دېگەننى ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ كۈلۈپ سالدىم بىلىپ-بىلمەي يۈرىكىمنى تۇتۇپ سالدىم توۋا...
    يېنىمدىلا ئۆرە تۇرغان بوۋايغا
    ئۇنتۇپتىمەن بوشىتىشنى ئورۇندۇقۇمنى

     يەرگە يەنە چۈشتۈم پەرىشان
    ھېچكىم بىلمىدى خىياللىرىمنى
    3
    -سېنىڭ ئاناڭ نېمىش قىلىدۇ؟
    - نان ياقىدۇ، -سېنىڭچۇ؟
    -ئاش ئېتىدۇ.
    -سېنىڭچۇ؟
    -كىر يۇيىدۇ.
    -مېنىڭچۇ؟شېئىر يازىدۇ.
      يالغۇز ئوغلۇم بىر توپ بالىغا بىرەر ئەنە شۇنداق چۇرۇقلاپ
     ـ  ئانا! رەسىم سىزسام تام قاناپ كەتتى، دەپ قالىدۇ گاھى بۇقۇلداپ، ئىشىنىپ قېلىپ ئۇنىڭ گېپىگە، دەپ سالىمەن مەنمۇ تۇيۇقسىز: «سۇمۇ يىغلايدۇ، تاش ئاتما بالام».
        -سەن مەن بولغاندا ،مەن سەن بولغاندا، ئۇ يەنە مۇشۇنداق باشلار ھېكايە: ئايغا چىقىمىز. يۇلتۇز بەك جىقكەن، ئۆيىمىزگە ئېلىپ چۈشىمىز. ئۇلار سېنى ئېمىپ چوڭ بولسا، قاتار قىلىپ ھويلىمىزدا مومام بىلەن بىللە باقىمىز... ئۇنى سۆيۈپ باغرىمغا بېسىپ، كۆز يېشىمنى يۇتىمەن مەغرۇر. كېچە يەنە ئاۋازىڭدەكلا ئېپكېلىدۇ خەتەر ھەم ھۇزۇر.
    4
       يېنىمدىكى دوستۇمنى يېنىك نۇقۇدۇم، ئون تۆتىنجى قۇردىكى خەتنى تەكرار ئوقۇدۇم:
    تۈتەكلەردەك يۈرىدۇ لەيلەپ،
    تارام-تارام كوچىلار ئارا.
    يۈرىكىگە ئوخشايدۇ ئۇنىڭ ،
    كۆل بويىدا چېقىلغان كوزا.

    قىزىق تاشقا دەسسەپ يالاڭ ئاياغ،
    كۆز تىكىدۇ دېڭىز تەرەپكە.
    ئاھ قارىيىپ تۆكۈلسە يامغۇر،
    چىرىلدىماس يالغۇز چېكەتكە.

    تۈۋرۈكلەرگە پۈتكەن يېزىقتەك،
    سىرلىق پېتى ياشايدۇ ئۇلار.
    ئىسسىق ياشتەك چايقىلار جىمجىت،
    ئايىغىمغا تۆكۈلگەن نۇرلار.

    سۇ ئايلىنار ھورغا خىرامان،
    تېرەكلەرمۇ كۆيىدۇ دەھشەت،
    سوزۇلماقتا مۇڭلۇق كۈي بولۇپ،
    ئايالدەكلا ئۇلۇغ مەدەنىيەت.

     قورام تاشنى كېسەلمىسىمۇ،
    كېسىلمەيدۇ تاش بولۇپ ئۆزى.
    يېشىنمەكتە ئايال پادىشاھ،
    قانغا تولدى كېچىنىڭ كۆزى.

    يۇتۇپ كەتتى ئۇلارنى توپان،
    لېكىن يىللار قەي قىلدى ئۇنى.
    چىرىمىگەن بىر تال مېۋىدەك
    كۆكلىمەكتە ئۇلارنىڭ خۇنى.

     ئاق ئاي سۇندى ،يىتىمىدى لېكىن،
    بۇ جاھاندىن مۇقەددەس گۇناھ.
    ئون ئۈچ ياشقا كىرگەن قىزىنى
    ئۆز قولىدا كۆمدى بىر ئاتا...

     ھاياجاندا جۇغۇلداپ تۇرۇپ كىتابنى ياپتىم. ياق ! ياق...ئېزىپتىمەن ، مېنى كۈتكەن ئازابنى تاپتىم. ئەزان چىقتى... سېنىڭ قولۇڭدا دېرىزەمنى ئاۋايلاپ ئاچتىم. قولىقىمدا ئوغلۇمنىڭ تۈنۈگۈنكى ئاۋازى: «ئاپتاپ چىقما، ئاپتاپ چىقما ! بەش بالاڭنى ئالغاچ چىقما. بەش تال گۈللام ئالغاچ چىق...»

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر چىمەنگۈل ئاۋۇت