يەجۇجى-مەجۇجى(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-11 03:07:46

يەجۇجى-مەجۇجىئابدۇخالىق ئۇيغۇرمەنجىڭ غۇلاپ ھەممە جۇش،بولدى پۇت ھەم قولى بوش.ئامبال بولۇپ زالىملار،قاقاقلاشتى تۇشمۇ-تۇش.ھەر سىڭىدا قىلدى دۇ-دۇ،ئۆز ئالدىغا ئىدارە،جۇڭشەننىڭ سۆزلىرى،سانىماي بولا...

    يەجۇجى-مەجۇجى
    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر



    مەنجىڭ غۇلاپ ھەممە جۇش،
    بولدى پۇت ھەم قولى بوش.
    ئامبال بولۇپ زالىملار،
    قاقاقلاشتى تۇشمۇ-تۇش.
     
    ھەر سىڭىدا قىلدى دۇ-دۇ،
    ئۆز ئالدىغا ئىدارە،
    جۇڭشەننىڭ سۆزلىرى،
    سانىماي بولار قاتارە.
     
    سەنمىنجۇيى يېپىلدى،
    قىلماي ئەمەل ۋە كارە.
    ئاخىرى بولدى جۇڭگو،
    يىگىرمە ئىككى پارە.
     
    بۇ پارىلەرنىڭ بىرى،
    يۇرتىمىز ئىدى شىنجاڭ.
    ئۇيغۇر ئىدى ھالى،
    يوق ئىدى مۇندا بىر ئاڭ.
     
    ھېچ تۇيمىدۇق بۇ ئىشنى،
    ئۆتكۈزدۇق يازۇ-قىشنى.
    جىياڭجۇن بولۇپ ياڭ زېڭشىن،
    باشلىۋەتتى قىرىشنى.

    بار ئىدى قازى موللا،
    ئۈستىدە تونۇ سەللا.
    ئەمرىنى تۇتماق ۋاجىب،
    دەپ چىقاردى پەتىۋا.

    ياڭنىڭ خىيالى باشقا،
    ئۇستا ئىدى تالاشقا.
    ئۇستا ئىدى ئارىدا،
    تۈرلۈك نىزا باشلاشقا.

    ياڭغا بۇ ئىش ئەپ كەلدى،
    كەلگەندىمۇ زەپ كەلدى.
    بۆرە پاخلان تاپقاندەك،
    يۇڭدىمايلا يەپ كەلدى.
     
    يەتتە باشلىق يالماۋۇز،
    مەھكەم ئورنىشىپ ئالدى.
    تىللا ھەم يامبۇ بۇلاپ،
    تىيەنجىندە جاي سالدى.

    كەتتى بۇ يۇرتنىڭ داڭقى.
    ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ كانى.
    يالماۋۇزلار كۆپەيدى،
    كۈنسېرى ئېشىپ سانى.

    چېرىك قويدى قۇمۇلغا،
    شىڭ شىڭشانى توسۇشقا.
    قورقار چېرىك چىقار دەپ،
    تەييار، ئوڭاي بۇ ئىشقا.
     
    قۇمۇلدا ياتتى چېرىك،
    بىكارغا لەڭنى جىق يەپ.
    تويغۇزدى بۇ قۇمۇلنىڭ،
    خەلقىنى دېدۈرۈپ "خەپ"
     
    ئۆزى، چېرىك ئوغرى،
    ئۆتتى قۇمۇلغا زورى.
    ئاخىرى بېشىغا چىقتى،
    پەن ياۋنەننىڭ زوھۆرى.
     
    ئۇيغۇر يازدى قوشاقنى،
    ئىچ قارنىنى بوشاتتى.
    كۆرەڭلىگەن جىياڭجيۈننى،
    يالماۋۇزغا ئوخشاتتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.