جەنۇپتىكى سۆيگۈ لېرىكىلىرى

يوللىغۇچى : qasimjan يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-23 20:59:52

شېئىرلارقاسىمجان ئوسمان غازىئويلايمەن بىر ئازئويلايمەن جاناننى تاغلاردەك مەزمۇت،ۋە يەنە ئالدىمغا يىقىلغان يول دەپ.ئويلايمەن قەدىمىي كۈيلەر مۇڭىدىن،ئۇپۇققا سوزۇلغان سېھرىگەر قول دەپ.ئويلايمە...



     

    شېئىرلار

    قاسىمجان ئوسمان غازى

    ئويلايمەن بىر ئاز

    ئويلايمەن جاناننى تاغلاردەك مەزمۇت،
    ۋە يەنە ئالدىمغا يىقىلغان يول دەپ.
    ئويلايمەن قەدىمىي كۈيلەر مۇڭىدىن،
    ئۇپۇققا سوزۇلغان سېھرىگەر قول دەپ.
     
    ئويلايمەن، كۆيۈشنى باسالىسا تاش
    شۇ تاشقا ئېغىرلىق بېرەتتىم بىر ئاز.
    ئويلايمەن، ئېسىڭدىن چىقىپ كەتسەم يار
    ھىجراندا ئەڭ مەيۈس كۈلەتتىم بىر ئاز.
     
    ئويلايمەن، ۋىسالنىڭ قوياشى نەدە؟
    تەپتىدە كۈل بولۇپ توزۇيتىم،شۇ چاغ.
    ياق! بۇ ساڭا قىلغىنىم ئۇۋال-
    كۆز يېشىم مېھرىڭدىن ئاقاتتى شۇ چاغ.

     

     

    خىيالدىكى قىياسلار
     
    بىر چۆل بار يىراققا سوزۇلغان چېكى،
    قۇممۇ يوق،چېچىلغان ئاڭا ئۇسسۇزلۇق.
    يىقىلغان ئۇنىڭدا خىيالىي بىر چۈش
    قاراڭغۇ بىر نۇردا كۆيەر يورۇقلۇق.
     
    قىيسايغان بۇ كېچە ئاپتاپ ئالۋۇنى،
    دەرياغا سېغىنار كۆرگەندە ئاينى .
    سورايدۇ مېنىڭدىن جىمجىت خىيالىم،
    ئەسلىتىپ باھاردەك شاھانە قارنى.
     
    نە ئاقلىق، قارا كۆز –ئۇ جانان بىلەن
    تەلمۈرۈپ ئولتۇرار ئالدىمدا يارىم.
    دەرىزەم تۈۋىدە تاڭ ئاتقان قىياس
    ۋىسالغا چىلىشىپ پۈتەرمۇ ئاھى؟

     

     

     

     

     

     

     

     ئاققۇ خاتىرىسى
     
    .
     
    ئاپتاپ كەبى كۈلگەن سىماھىڭ ،
    چاچار نۇردىن قەلبىمگە چاچقۇ .
     باغرىم بولسا زۇمرەتتەك بىركۆل ،
    سەن ئۇنىڭدا يايرىغان ئاققۇ .
    ئايدىڭ دالام كەتسە ئۇيقىغا ،
    يوپۇرماقلار چۈشەيدۇ سېنى.
     چاچلىرىڭدىن تارىتىپ خۇشبۇي ،
    ئەركىلەيدۇ تاڭنىڭ سالقىنى .
    مەن ئەشۇ چاغ قايناق ھېس بىلەن ،
     كۆزلىرىڭگە سۆيىمەن ئۇزاق.
     بارالمىسام يېنىڭغا ئەگەر،
    ھەمراھ بولسۇن مەن ياققان چىراق .

    ئاق سۈتۈڭدەك پاك بىر ئايال سەن،
    كۈتتۈڭ ئۇز روھ ، ئىشەنگەن تەندىن.
    كەچۈر يەنە مېنى كۈت دىدىم،
    مەنمۇ ئۈمىد ئۈزمىگەچ سەندىن...

     

     

     

     

     

     

     

    سېنىڭ ھېكايەڭ

    مەن ساڭا ھەر كۈنى يوللايمەن سالام ،
    تاغلاردىن سۇ ئالغان قۇشنىڭ لېۋىدە .
    سەن ئۇندا پىچىرلاپ خانەڭدە يالغۇز،
    مۇڭ تۆكۈپ چىقىسىەن نۇرسىزكېچىگە.

    ياستۇقۇڭ ئاستىغا قىستۇرمىدىم گۈل،
    سەن مېنى ھېدلايسەن مۇشۇ شېئىرىمدىن.
    يوللاردا يۈرىمەن ،كۆزۈمدە تۇرقۇڭ
    بىلدۈرمەي تۇيغۇدەك كەتتىم يېنىڭدىن.

    سەن بۈگۈن چۈشتىكى ھېكايەڭ بىلەن،
    بىغۇبار كۈنلەرنى يازىسەن ئاخىر .
    غۇۋالىق ئىچىدە تۇرغان قەلبىمنى ،
    كۆرمەكچى بولسەن تىرەن ۋە  پاكىز.

    مەن شۇ چاغ ئوقۇيمەن لېرىك بىر ناخشا،
    ئاۋۇ قۇش قايىتىپ كەلسە يېنىڭدىن.
    تەلمۈرسەم كۆزىگە قىزىرىپ تۇرغان ،
    ئوقۇيدۇ سەن بەرگەن تىنىقنى بىردىن...

     

     

     

     

     

     

     

     

     


    چىڭقىلىش
    تۇسۇلغان يوللاردا تۇرمىدى ئاپتاپ،
    سۇنماقتا ۋوجۇدۇم بىر-بىرلەپ يەنە.
    روھىمنىڭ  ئەڭ سالقىن يېرىگە كىرىپ
    ئىسەدەپ يىغلىدى قارا پەيشەنبە.
     
    چىڭقىلىپ تۇرىدۇ دەرەخلەر قاتار،
    ئاخشامقى سالقىنلىق ئېقىپ لېۋىدىن .
    قۇرۇدى  كۆزۈمدىن ئاققان ئۇلۇغ ياش،
    مەن چىقىپ كەتتىممۇ ئۇنىڭ ئېسىدىن .
     
    بىر يولدىن قايرىلىپ يەنە بىر يولغا،
    مەيۈس بىر تۇيغۇ كەتمەكتە ئېقىپ .
    مۇھەببەت ۋە ئاڭا يۈزلەنگەن ئۆلۈم،
    ناخشا ئېيتار كېچىگە گۆرىدىن چىقىپ.
     
    قەبرىلەر ئاخىرقى كۆجۈم مەھەللە،
    سۈكۈنات ئىلكىدە سۈرۈلگەن تاڭغا.
    كىملەردۇر ئۆزىگە ئۇرماقتا پىچاق،
    بۇ ئاچچىق مېڭەمدىن ئۆتمەكتە قانغا...

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     ئۇنتۇپ كەت...

    يەنىلا يىراققا كەتكەن تۈزۈككەن،
    دىل يېرىم ،كېچە يېرىم بولغان پەيتتە.
    بۇ سۆيگۈ ،بۇ ئەسلەش بولغاندا پايخان
    قونماسكەن بىر قۇشمۇ يالغۇز دەرەخكە .

    سەن مەندىن رەنجىگەن بولساڭ شۇ يەردە
    مەن يەنە كىملەردىن كۈتىمەن شادلىق.
    سەن يىراق يوللاردا بولدۇڭمۇ بىتاپ،
    شۇ سەۋەپ ئارىمىز بولدىمۇ يىراق؟.

    ئۈگەندىم بىر گۈلنى قانداق تۇتۇشنى،
    ياۋا بىخ چىقارسا دەسسەيمەن دەھشەت.
    ئۈگەندىم كېچىشنى چوڭقۇر سۇلارنى،
    يىقىلسام ئۇ يەردىن سەنمۇ يىراق كەت.

    مەيلى مەن يىقىلاي چوڭقۇر ھاڭلارغا،
    ۋە ياكى ماناندەك يوقۇلۇپ كېتەي،
    مەن بىمار ئالدىڭدا ساقايماس پەقەت،
    بولدىلا ئارلىقتا قىسىلىپ ئۆلەي...

     

     

     

     

     

     

     

     

     


    سېنىڭ بىر كۈنۈڭ

     

         كېلىسەن سەھەرنىڭ باغرىنى يېرىپ،
         سىمايىڭ ئۇنىڭغا ياغار سىمىلداپ.
        ئەتراپ شۇ قەدەر ئىزگۈ دەملەرگە،
    سىڭىشىپ كېتىدۇ ساڭا يېقىنلاپ .

    بىر ئىشىك ئۇزۇتۇپ چىققاندا سېنى،
    چىغىر يول كېڭىيىپ ئالدىڭدا ياتقان .
    ۋاڭ-چۇڭلار ئىچىدىن چىقار ۋاقتىڭدا،
    يەنە بىر ئىشىك بار سېنى ساقلىغان .

    ئۇ ئىشىك ئىچىدە سۈرىسەن خىيال،
    جەننەت دەپ بىلىسەن ئۆزۈڭلا قۇرغان.
    ئورۇندۇق شۇ قەدەر قاتتىق ئۇھسىنار،
    دەرىزە ئېچىلسا سىرتقا يالغان.

    قارايسەن گاھىدا ئەينەك ئىچىدىن،
    نېمىدۇر تاللارغا ياغقان تۇماندەك .
    ھاياتىڭ ئەشۇنداق ئۆتەر ھەر كۈنى،
    مەڭگۈگە پۈتمەسكە قالغان روماندەك.

     

     

     

     

     

     

     

     


     غەملەرنىڭ لېۋىدە سۇ ئىچكەن ئەي قۇش

        زېرىكمە كۈنلەرنىڭ جىمجىتلىقىدىن،
    قۇياشنىڭ ئاۋازى يوقالغان نۇرسىز .
    يامغۇرمۇ شۇ قەدەر قورغاق بىلىنسە،
    قالغاندەك بولدىڭمۇ يىراقتا مەنسىز؟

    ئۆكۈنمە ھاياتنىڭ كۆز ياشلىرىمۇ ،
    يالغاندۇر ئۆلۈمگە يۈزلىنەلمەستىن.
    سېغىنغىن يىراقلاپ ماڭغان مەنزىلدە،
    كېچىشكە چىدىغىن ئۇنتىيالماستىن.

     


    سەن ماڭا ئۇچراشقان چەكسىز ئازابسەن،
    غەملەرنىڭ لېۋىدە سۇ ئىچكەن ئەي قۇش.
    شۇ غەملەر ئىلكىدىن قۇتۇلغىنىڭدا  ،
    تىترەشتىن توختىغاي يۈرەكتە تۇيۇش.

    ئۇ تىترەش ئۆتكەندە مېنىڭ قەلبىمگە،
    پەيلىرىڭ سىلانغان كۆزلىرىم بىلەن .
    قورقما ھاياتنىڭ كۈلرەڭ پەسلىدىن
    ئوت قويۇپ ئۇچقايسەن قانىتىم بىلەن...

     

     

     

     

     

     

     

     قۇياشقا كۆرسىتىپ سۆيگەنتىم سېنى

    بىر ئاققۇ مىسالى ئۇچار خيالىم،
    ھەر قېتىم چېچىڭنى سىلىساڭ گۈلۈم
    سېغىنىپ ياشىدىم تۇمانلار ئارا
    تىترىتەر تاغلارنى  چاقىرغان ئۈنۈم.

    ئەشۇ تاغ شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپى ،
    قۇياشقا كۆرسىتىپ سۆيگەنتىم سېنى .
    شاقىراپ چۈشكەندە باغرىدىن سۇلار
    قۇچاقلاپ ئىللىتقان ئېدىڭ سەن مېنى .

    ئەسلىدە شۇ پېتى قالساق بوپتىكەن ،
    قازاقنىڭ ئېتىغا مىنگەن چېغىڭدا .
    مەن شۇنداق كۆز قىسىپ تۇرغانتىم ساڭا ،
    دېگەنتىم مەڭگۈلۈك قالسام يېنىڭدا .

    بىلىمەن،مەن شۇنداق كەپسىز بالىدىم
    سۆيگۈمنى يوشۇرغان تارتىنچاق يەنە .
    بىلىسەن ،ئۆزۈڭمۇ قىينىغان مېنى
    تارتىشىپ ،تارتىشىپ بەرگەنتىڭ ۋەدە.
     
    نېمە دەي مەن سېنى ئۇنۇتالمدىم،
    ئىسمىڭنى ھەركۈنى توۋلايمەن ئۈنلۈك
    ھە،بىراق -ھە!-دەيدۇ يەنە بىر سىياق
    تۈتەكلەپ ئۆتمەكتە ئەشۇنداق كۆيۈك...

     

     

     

     

     

     


    گۇناھ
    گۈلۈڭنى تاشلىغان گۈلگۈن سىياقتا،
    تۇيغۇمىز تۇيۇقسىز ئۇچراشقان كېچە.
    ئاي بولۇپ باغرىمنى ئۈپكەن چېغىڭدا،
    ئەندىككەن تەنلىرىڭ ياپراقتەك يەنە.

    زىلال سەن تەرلىگەن بۇلاقتىن تامغان،
    تۇنجى رەت پىنھاندا ئېرىگەن قارسەن.
    تەلمۈرگەن كەڭلىككە مېنىڭ پايانىم،
    سەن ئۇندا يايرىغان جىمجىت خىيالسەن.

    ئەدىگەن ھاياجان قالدى ئەسلەردە ،
    چوڭقۇر بىر ھاڭدىن تارقالغان تۇمان.
    تەڭرىنىڭ كۆزىچە ئۆتكۈزدۇق گۇناھ،
    يۇيۇشتا يول ئالدۇق مۇھەببەت تامان.

    لالىرەڭ ئازابتا ئايرىلدۇق مانا،
    ئەسلىدىن ئەڭ خاتا بېسىلغاچ قەدەم.
    ئىككى تاش سۆزلەيدۇ سىرلىرىمىزنى،
    تولىمۇ ئۇنتۇلغاق ئىكەن-ھە،ئادەم؟

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     ئارتۇق نەرسە يوق

    روھلاردەك سۆزلىگەن ئىدى كۆزلىرىڭ،
    ئىسىسق بىر دەريانى ئەسلىتىپ ماڭا.
    قىرغاقتا پەرۋازسىز قارا كۆز بىر قۇش،
    بىر سۆزنى ئېيتماقچى قونغاندا ساڭا.

    قايسى سۆز ئۇنىڭكى ئېيتماق بولغىنى،
    بىر پارچە ھاياجان ئوقۇلدى چوقۇم.
    ئىككىمىز خوشلاشقان گۇگۇم ئەكسىدە ،
    تىترىگەن مەڭزىڭدە تەڭلىگەن قولۇم.

    ئىشەنسەڭ تۇنجى رەت بىر بىنا ساڭا،
    تەلمۈرۈپ تۇرغانتى كۈتۈشچۈن سېنى.
    بىر ئادەم ئۇ يەردە قېرىدى شۇ كۈن،
    تەنھا لىق ئىلكىدە كۆيگەنچە دىلى.

    يەنىلا كۈتۈشتىن ئارتۇق نەرسە يوق،
    چەيلەنگەن شەپەققە يۈزلىنىپ ئۇزاق.
    كەلگەندە ئالدىمغا ئىسىسق سىمايىڭ،
    كۈلكەڭگە بۆلەندىم،كۈلكەڭ نۇر سىياق.

    ئەۋەتتىم قۇشۇمدىن بىر تال قىزىلگۈل،
    دەرىزەڭ لېۋىدە  كېتەر ئۇ ئۆلۈپ.
    سەن گۈلنى پۇرايسەن كۆزۈڭنى يۇمۇپ،
    ئازىسەن ئارقىدىن بەرگىدە كۈلۈپ...

     

     

     

     

     

     

         سېنىڭ سىمايىڭ
     
    ئالدىڭغا ئېلىپ كەلدىم سانسىز غېرىپنى،
    باشلىدىڭ كۆزۈڭدە ئۇنى بېغىڭغا.
    سىڭشىپ يوقالدى نۇرغۇن خىياللار،
    ئاپتاپنىڭ باغرىنى تىلغان  چېغىڭدا.

    قەلبىمدىن ئۆرلىدى ئۇزاقى ئازاب،
    زارىقىپ ئۆتكەن شۇ كېچىلەرسىمان.
    نە بولدى بىلمىدىم يىقىلغان ۋاقىت،
    شاخلىرى كۆيگەندەك بىر ئورمانسىمان.

    لىق سۆيگۈ كەلگەندە ئاشۇ ئورمانغا،
    چۆمكىلىپ ئۇنتۇلساق دېدىم دۇنياغا.
    بىلمىدىم يەنىلا، كېسىلدى  تىلىم
    چۆككەندە جىمجىتلىق چوڭقۇر ئارمانغا.

    مەن ساڭا غېرىبلىق بېرىپلا قالدىم،
    رەنجىمە ،دېيىشتىن ئۆزگە يۈزۈم يوق.
    بۇ پىنھان كۆيۈشتە بولدۇم گۇناھكار،
    بۇ شېئىر ئىلكىدە كەتتىڭ يوپ-يورۇق.

    دىل ئارا ،دىلىمدا قالدى سىمايىڭ
    تەلمۈرۈپ دۇر شاخقا سېغىنغان قۇشۇم.
    خىيالدىن قاپقارا چېچىڭدەك ئۇزۇن،
    قەدىمدىن قەدىمگە سوزۇلغان يولۇم.

    مەن ساڭا يەنىلا خوش دىيەلمىدىم،
    خوش...- دېيىش شۇنچىلىك قىينكەن ئەسلى .
    قۇشۇمسەن يەنىلا قاخشال بېغىمدا -
    مەن كۈتەي كەلگۈچە كۆكلىتىش پەسلى...

     

     


    ئۆزۈڭنى ۋە مېنى قىينايسەن گۈلۈم
     
    قۇياش ئاخشام تالادا  قالغان ،
    قىزغۇچ رەڭ كۆزلىرى يىڭناغۇچ بىلەن
    شامالنىڭ پەيلىرى توزىدى يەنە
    يىراقتىن خۇش ھېدىڭ كەلدى يېيىلىپ
    ئېسىمگە ئېسىلدى زەڭگەر رەڭ پەردە
     
    سۆيىسەن باغرىڭغا باغلاپ قورقۇتۇپ
    تاشلايسەن ھاڭلاردەك كۆڭلۈڭ تەكتىگە
    چىرمىشىپ قالىمەن تىنالماي يەڭگىل
    ۋە كۆنۈپ قالىمەن ئەشۇ سۆيگۈڭگە
     
    ئۇيغۇناي دەيمەنۇ باغرىڭدىن چىقىپ
    سىلايمەن دەرىزە قاناتلىرىنى
    ئېچىلىپ كەتكەندە كىرپىكىڭ بىردىن
    كۆرىمەن قەلبىڭنىڭ ئاراشلىرىنى
     
    ھەر قېتىم چۈشۈمنى قىلساڭ مالىمان
    ئەسلىمەم  بەتلىرى تۆكۈلۈپ كېتەر
    ئىتتىرىپ،چاقىرىپ يەنە تەلمۈرۈپ
    شەپەقرەڭ يوللارغا لىق ئازاب كىرەر
    ئۆزۈڭنى ۋە مېنى قىينايسەن گۈلۈم
    شۇ ئارمان نېمىدۇر قالغان ئۇنتۇلۇپ؟

     

     

     

     

     

     

     
     قارا قۇمچاق

    ئېيت ئۆزۈڭ قەلبىمنىڭ قەلبىنى ساڭا،
    يۈرەكتىن يۈرەككە تۇتاشسۇن بۇ سۆز.
    مۇھەببەت چېكىدىن ئاشقان بۇ دەمدە،
    مېھىردىن ياش تۆككەي ئېچىرقىغان كۆز.

    كۆزۈڭنىڭ قارىسى گوياكى كېچەم،
    يورۇتۇپ بارىمەن تاڭنىڭ بېتىگە.
    لاۋۇلداپ كۆيگەن بۇ لالىرەڭ تۇيغۇ،
    يېتەرمۇ ۋىسالنىڭ نازۇك چېتىگە.

    قېنى ئۇ سېنىڭكى يۇمران شۇ باغرىڭ،
    مەن تامان سۈزۈلگەن ماناندەك يۇمشاق؟
    ئېنتىلىپ زارىقتىم چوڭقۇر بىر دەرتتە،
    بىلەمسەن كۆيۈشنى ئەي قارا قۇمچاق ؟.

    قېنى سەن؟

    دۇنيانىڭ ھېممىتى مەندىلا  ئەمەس،
    سېنىڭچە ھاياتنىڭ  قەرزى بارمىدۇ؟
    كېچىمىز ھەممىدىن بۈگۈن كەچكىچە،
    كۈندۈزنىڭ بىز ئۈچۈن تۈنى بارمىدۇ؟

    مەن دەيمەن ھەممىگە ھايات بىر كېچە،
    بۇ تۈننىڭ  تەمىمۇ  قالمىدى بۇ دەم.
    مۇھەببەت  ئەسلىدە مۇھىم بىر كۈندۈز
    ھەر قېتىم،ھەر مېنۇت سېنى ئەىسلىسەم.،

     

     

     

     

     

     


    ئۆز يار

    ئېگىلگەن نۇر يىپلىرى شۇڭغىغان قىياس
    ئىشىكتىن سىغدىلىپ كىردىڭ قارا كۆز.
    قىيا ئېچىلغان قۇشنىڭ ئاغزىدەك
    بىلىندىڭ باغرىمغا ئاۋۋالقىدەك ئۆز.

    قەيەردە كۆرگەندۇر سېنى خىيالىم
    سۇنغان شاخلاردا قالغانمۇ چۈشۈم.
    يەلپۈنۈپ مەن تامان تارالغان چېچىڭ
    تۇيۇقسىز تاراتتى بىر ئىللىق كۆيۈم.

    قانداق چىداي كۆزۈم ساڭا تويمىسا
    ياكى بۇ ئوت ئۆچۈشكە ئەن بەرمىدى.
    شۇنچە ئۇزۇن كۈتتۈم مېھرىڭنى
    بۇ ئۈمىد ھىجرانغا ھېچ تەن بەرمىدى.

    ھوجرىنىڭ تېمىغا سىزدىم جۈپ سايە،
    بۈگۈنمۇ  يېنىمدىن كېتەمسەن جانان؟
    ئەڭ ئەنسىز ئەندىكتىم ،كەتمىگىن ئەمدى،
    بۇ كۆيۈش پەسلىدە قالمىسۇن ئارمان...

     

    ھايات ئورمىنىدا
    تاشلىدىم ئۆزۈمنى ئاشىق مېھرىڭگە،
    شۇ قەدەر يۇرۇيدۇ بۈگۈنكى كېچەم.
    باغلارغا تۆكۈلگەن ياپراقنىڭ ئۈنى
    دۇلقۇنۇڭ ئەۋجىگە بەرگەن ئەندىشەم.

    ئىشىقتىن ئۆرلىگەن گۈلنىڭ خۇش ھېدى،
    تارىلار ئەتىكى يۇمران ياشاشقا.
    ئېچىلىپ-يېپىلىپ تۇرغان كىرپىكىڭ
    باشلايدۇ ئادەمنى ئوتتەك قىياققا .

    نەقەدەر سۈزۈك –ھە،سەھەر ئورمىنى
    تۈتەكلەر،پىژىلدار يۈرەك ئىچىدە .
    ئوت قالاپ قويدۇممەن ئۇنىڭ چېتىگە،
    قۇياشتەك ھۆسنۈڭنى سۆيۈپ كېچىچە.

     

     

    ھۆل ياپراق

    قۇلۇڭنى قولۇمغا قويغان ئىسسىق پەيت،
    دەسلەپكى ناخشامنى سالدى ئېسىمگە.
    سەن ئۇندا پارلىغان سەھەرنىڭ كۈيى
    بىر يۇلتۇز ساقىتقان قارا چۈشۈمگە.

    بۈگۈنكى ئۇچرىشىش ئىككىمىز ئۈچۈن
    تاغلارنىڭ ئۆز ئارا يېتىشلىرى يار.
    باغرىمدا شىۋىرلاپ ئېيتقان سۆزلىرىڭ،
    ئۈستىدە ئەڭ شېرىن ئىرىۋاتقان قار.

    بۇ قاردا مۇھەببەت بوۋاي ياسايدۇ،
    دېڭىزدا كۆيگىنى موماينىڭ يېشى.
    ھۆل ياپراق ئۇچىدۇ ئاشۇ ئارلىقتا،
    ماكانى- سۆيگۈنىڭ ئابىدە تېشى.

     

     

     


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.