ئۇچراشقاندا(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-02 16:58:51

ئۇچراشقاندائابدۇرېھىم ئۆتكۈر (بىر شائىرغا تەقلىد ) سەھەر كۆرگەن چېغىم كۆزۈم سۇلتانىنى، دېدىم سۇلتانمۇ سەن؟ ئۇ دېدى ياق – ياق . كۆزلىرى يالقۇنلۇق، قوللىرى خېنىلىق، دېدىم چولپانمۇ سەن؟ ئۇ دېدى ياق ...

     

     

    ئۇچراشقاندا
    ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

    ( بىر شائىرغا تەقلىد )

     

     

    سەھەر كۆرگەن چېغىم كۆزۈم سۇلتانىنى،

    دېدىم سۇلتانمۇ سەن؟ ئۇ دېدى ياق – ياق .

    كۆزلىرى يالقۇنلۇق، قوللىرى خېنىلىق،

    دېدىم چولپانمۇ سەن؟ ئۇ دېدى ياق – ياق .

     

    دېدىم ئىسمىڭ نېمە؟ دېدى ئايخاندۇر،

    دېدىم يۇرتۇڭ قەيەر؟ دېدى تۇرپاندۇر،

    دىدىم باشىڭدىكى؟ دېدى ھىجراندۇر .

    دېدىم ھەيرانمۇسەن؟ ئۇ دېدى ياق – ياق .

     

    دېدىم ئايغا ئوخشار، دېدى يۈزۈممۇ؟

    دېدىم يۇلتۇز كەبى، دېدى كۆزۈممۇ؟

    دېدىم يالقۇن ساچار، دېدى سۆزۈممۇ؟

    دېدىم ۋولقانمۇ سەن؟ ئۇ دېدى ياق – ياق .

     

    دېدىم قىياق نەدۇر؟ دېدى قاشىمدۇر،

    دېدىم قۇندۇز نەدۇر؟ دېدى ساچىمدۇر .

    دېدىم ئون بەش نەدۇر؟ دېدى ياشىمدۇر،

    دېدىم جانانمۇ سەن؟ ئۇ دېدى ياق – ياق .

     

    دېدىم دېڭىز نەدۇر؟ دېدى قەلبىمدۇر،

    دېدىم رەنا نەدۇر؟ دېدى لېۋىمدۇر .

    دېدىم شېكەر نەدۇر؟ دېدى تىلىمدۇر .

    دېدىم بىر ئاغزىمە؟ ئۇ دېدى ياق – ياق .

     

    دېدىم زەنجىر تۇرار، دېدى بوينۇمدا،

    دېدىم ئۆلۈم باردۇر، دېدى يولۇمدا،

    دېدىم بىلەزۈكچۇ؟ دېدى قولۇمدا،

    دېدىم قورقارمۇ سەن؟ ئۇ دېدى ياق – ياق .

     

    دېدىم نېچۈن قورقماسسەن؟ دېدى تەڭرىم بار،

    دېدىم يەنىچۇ؟ دېدى خەلقىم بار .

    دېدىم يەنە يوقمۇ؟ دېدى روھىم بار .

    دېدىم شۇكرانمۇ سەن؟ ئۇ دېدى ياق – ياق .

     

    دېدىم ئىستەك نەدۇر؟ دېدى گۈلۈمدۇر،

    دېدىم چېلىشماققا؟ دېدى يولۇمدۇر،

    دېدىم ئۆتكۈر نېمەڭدۇر؟ دېدى قولۇمدۇر،

    دېدىم ساتارمۇ سەن؟ ئۇ دېدى ياق – ياق ...

     

    1947-يىلى 8-مارت ئۈرۈمچى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر