چېكەتكە(زامانىدىن پاكزات)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-30 08:10:27

چېكەتكەزامانىدىن پاكزاتچېكەتكە،بارماستىنلا مەكتەپكە،ھەركۈنى كەچتە،ئۆزىنىڭكى ئۆيىدە،شىۋاقلارنىڭ تۈۋىدە،ئۆزى ناخشا ئۆگەنگەچكە؛كۈچەپ، دىر-دىر دىرىلداپ،توختىماستىن چىرىلداپ،(كۆزلىرى پولتىيىپ كە...

    چېكەتكە
    زامانىدىن پاكزات


    چېكەتكە،
    بارماستىنلا مەكتەپكە،
    ھەركۈنى كەچتە،
    ئۆزىنىڭكى ئۆيىدە،
    شىۋاقلارنىڭ تۈۋىدە،
    ئۆزى ناخشا ئۆگەنگەچكە؛
    كۈچەپ، دىر-دىر دىرىلداپ،
    توختىماستىن چىرىلداپ،
    (كۆزلىرى پولتىيىپ كەتكۈچە)
    ئۆگىنىپ بولالمىدى ناخشىنى،
    چىرىلداشتىن باشقىنى.
    نەدە بار
    ساي كۆرمىگەن ئۆچكىنىڭ،
    قىردىن ئاشقىنى؟!
    ئەگەر چېكەتكە،
    بارسا مەكتەپكە
    تورغاي ئۇنىڭغا مۇئەللىم بولىدۇ.
    ناخشىنىغۇ ئۆگەتسە خوپ،
    سەللا ئۆتسە سەۋەنلىك
    (ھەركىم كېلىدىغۇ ئېۋەنلىك)
    تورغاينىڭ قاتتىق ئاچچىغى كېلىدۇ،
    چېكەتكىنىڭ كۆزىنى ئاچمىغى كېلىدۇ،
    شۇنىڭغا دۆڭگەپ
    «ۋاي نانقېپى!» دەپ،
    سالار ئۇنى يەپ!
    تورغاي چېكەتكىگە مۇئەللىم بولىدۇ،
    ئۇنىڭ ئەزىز باشىگە زامىن بولىدۇ،
    بۇ ساۋاقنى بىلگەن چېكەتكە،
    ئوقۇمىسىمۇ ئالىم بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.