زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: شەھىدە

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-19 22:18:45

شەھىدەزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىشۇمەسۇم كۆزلىرىڭ نۇرلانغان دەقىق،كەلگەندەك يېيىلىپ سۇبھى بىز تامان؛ئەسىرلىكتېنەشتىن خالاس بولدى دىل،گەر قورشاپ تۇرسىمۇ چەكسىز باياۋان.ئەتىدىن قايغۇرۇش كۈل ...



      شەھىدە

     

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

    شۇ مەسۇم كۆزلىرىڭ نۇرلانغان دەقىق،

    كەلگەندەك يېيىلىپ سۇبھى بىز تامان؛

    ئەسىرلىك تېنەشتىن خالاس بولدى دىل،

    گەر قورشاپ تۇرسىمۇ چەكسىز باياۋان.

     

    ئەتىدىن قايغۇرۇش كۈل بولدى كۆيۈپ،

    ئۇچتى ھەم تۈتەكتەك ئۆتمۈشنىڭ غېمى.

    كۆزلىرىم ئۈمۈدتىن ياندى باشقىچە،

    ئاھ، ئانام چېھرىدە كۆرگەندە سېنى...

     

    ھاياتتىن ئالغان بۇ بەھىرگە تۇشلۇق،

    كەم قىلماي بېرەر كىم ھاياتقا بەھىر.

    ئىسمىڭدىن تۆكۈلگەن سۇئال ئالدىدا،

    خىجىلمەن ئەجەپمۇ قىلغانچە تەخىر...

     

    ئىھتىمال، سەن مېنى كۆرمەيسەن بۈگۈن،

    ئەتە يا ئۆگۈنمۇ شۇ خىلدا داۋام...

    جەننەتنىڭ سايىسى-ۋەتەن ئاسمىنى

    كۈلكەڭدىن ساڭا ھەم بەرگۈچە سالام.

     

    دەردىم ئاھ، ۋاپادار دەرتلىرىم مېنىڭ،

    شۇ سەۋەب تىلغا ھەم بىھاجەت دىلىم.

    بو مېنىڭ سىرىم ھەم، بولغۇسى ئايان-

    سەن يوقلاپ كەلگەندە قەبرەمگە، قىزىم...

     

    ئەي قىلار ئىكەن جان ئۆلۈمنى ھامان،

     تەقدىر بۇ ئىنسانغا، خوش، ھاسىل كالام:

    ئىسمىڭ ھەم سۈپەت بوپ نۇرلانسۇن قىزىم،

    شەھىد-ئۇ كەشفى جان، ئۆلۈمگە مەقام.

     

    2012-يىل 18-يانۋار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.