زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: ئۆزۈمگە نەسىھەت

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-07 12:08:00

ئۆزۈمگە نەسىھەتزاكىرجان مىجىت سىددىقىبولما غاپىل، كەچ بۇدۇنيا راھىتىدىن ئەي نادان،بارى تۆت كۈنلۈك قونالغۇ-بۇ، باقاسى يوق جاھان. ①كۆر، ئىرادەت قىلدى رەببىم ئەھلى جەننەت ئەتكىلى،ئويلا، ئىنسان...



     

    ئۆزۈمگە نەسىھەت

    زاكىرجان مىجىت سىددىقى

     

    بولما غاپىل، كەچ بۇدۇنيا راھىتىدىن ئەي نادان،

    بارى تۆت كۈنلۈك قونالغۇ-بۇ، باقاسى يوق جاھان. ①

    كۆر، ئىرادەت قىلدى رەببىم ئەھلى جەننەت ئەتكىلى،

    ئويلا، ئىنساننى ياراتماقتىن نېمە مەقسەت، نېشان؟②

     

     

    كىم بۈگۈننىڭ روزىغارى بىرلە قوپتى ئەتىسى؟

    نەدە فىرئۇن؟ نەدە ھارۇن؟ نەدە كىسرا ئوردىسى؟

    گەر تەپەككۇر ئەيلىسەڭ چىن بىرلا ھەقنىڭ ۋەدىسى،

    كۆز ئاياندۇر ھەقكە، ۋەللاھى كۆرەلمەس كۆز ھامان... ③

     

     

    بىلكى، تاپقاي دىل ئاراملىق بىرلا ھەقنىڭ زىكرىدىن،④

    تىل ياراملىق بولغۇسى ھەم مۇستەقىملەر پىكرىدىن.

    كىمكى ئىمان ئېيتتى يالغان، ئالدى لوقما پىتنىدىن،

    ئاخىرەتتە ھەممىدىن شۇ- تارتقۇچىدۇر چوڭ زىيان. ⑤

    --------------------------------

    ①«ھاياتىي دۇنيا پاراغىتىنىڭ بۈگۈنى بار، ئەتىسى يوق. » سۈرە بەقەرە 179-ئايەت

    ②«ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم»(سۈرە زارىيات 56-ئايەت)

    ③«اللەنى كۆزلەر كۆرەلمەيدۇ، اللە كۆزلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدۇ»(سۈرە ئەنئام 103-ئايەت)

    ④«دىللار اللەنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ»(13-سۈرە رەئد 28-ئايەت)

    ⑤«ئىنسانلار ‹ ئىمان ئېيتتۇق› دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئىتىلىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟»(سۈرە ئەنكەبۇت 2-ئايەت) 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.