ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : ۋەلى يوللىغان ۋاقىت : 2013-06-17 01:48:39

ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶﺋﻪﻱ ﭘﻪﺭﻯ ﺳﻪﻥ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻥ،ﻣﯧﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻣﯘﻧﺪﺍ ﺗﺎﺷﻼﭖ،ﺋﺎﮬ،ﺋﻪﺟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ.ﻛﻪﺗﻤﯩﺪﻯ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﯔ،ﻗﺎﺵ ﻗﯧﻘﯩﺸﯩﯔ،ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺯﺍﺗﺘﯩﻢ ،ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺭﺍﯞﺍﻥ.ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺯﺍﺗﻘﺎﻧ...

    ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ

    ﺋﻪﻱ ﭘﻪﺭﻯ ﺳﻪﻥ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻥ،
    ﻣﯧﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻣﯘﻧﺪﺍ ﺗﺎﺷﻼﭖ،ﺋﺎﮬ،ﺋﻪﺟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ.

    ﻛﻪﺗﻤﯩﺪﻯ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﯔ،ﻗﺎﺵ ﻗﯧﻘﯩﺸﯩﯔ،
    ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺯﺍﺗﺘﯩﻢ ،ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ﺭﺍﯞﺍﻥ.

    ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺯﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ،ﺳﻪﻡ ﻛﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ ﻳﯩﺘﻜﯜﭼﻪ،
    ﺳﻪﻥ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﭺ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺵ،ﻳﻪﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﮔﻮﻳﺎ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ.

    ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﻧﻤﯩﺪﯨﯔ،ﺋﻪﺳﻼ ﻳﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﯔ،
    ﺧﻪﺕ-ﺧﻪﯞﻩﺭﻣﯘ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﯨﯔ ﺋﻪﻱ ﭘﻪﺭﻯ ﺑﻮﻟﺪﯗﯓ ﻗﺎﻳﺎﻥ؟

    ﻳﻮﻝ ﻳﯩﺮﺍﻕ،ﻳﻮﻕ ﯞﺍﺳﺘﻪ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﺋﻪﻳﻠﯩﻤﻪ،
    ﺋﻮﯕﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ،ﻛﻪﻟﮕﯩﻞ ﭼﯜﺷﯜﻣﺪﻩ ﻗﯩﻞ ﺑﺎﻳﺎﻥ.

    <ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﺗﻪﻍ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ>ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﻛﯜﺕ ﺋﯜﻣﯜﺩ،
    ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ،ﺳﯜﺯﯛﻟﯘﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍ ﺟﺎﮬﺎﻥ.

    شېئىرلار شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان <<ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى>> ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.