كىملىكىڭنى بىلەمسەن جېنىم(ئايمىنىسا سۇلايمان)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-15 06:37:27

كىملىكىڭنى بىلەمسەن جېنىمئايمىنىسا سۇلايمانسۇنغان قەدەھتەك ئۈمىد پارچىسى،ئاپئاق دەرەخلەردە ئوينايدۇ ئۇسسۇل.ئاخشامقى نۇر سىياق كۈلگۈن خىياللار،چۈشلەرنىڭ يۈرىكىگە ئاقماقتا ئۇدۇل.يۇلغۇنزاردا ...



    كىملىكىڭنى بىلەمسەن جېنىم

    ئايمىنىسا سۇلايمان

     

     

    سۇنغان قەدەھتەك ئۈمىد پارچىسى،

    ئاپئاق دەرەخلەردە ئوينايدۇ ئۇسسۇل.

    ئاخشامقى نۇر سىياق كۈلگۈن خىياللار،

    چۈشلەرنىڭ يۈرىكىگە ئاقماقتا ئۇدۇل.

     

     

     

    يۇلغۇنزاردا يالتىراپ،

    باھار ماراپ ياتقان مۇزلاردەك.

    ئاياللارنىڭ سىرلانغان يۈزى،

    قىزىل چېچى،

    قىپقىزىل لېۋى.

    تۈكۈلمەكتە ئەرلەر قەلبىگە.

    كۆزى بىلەن سۆزلەپ ئۆزىنى،

    بېسىپ كىرەر ئەرلەر شەھىرىگە.

     

     

     

    ئاق ئات ئۆلگەن،

    تۈنۈگۈن بىلەن بۈگۈننىڭ ئارىلىقىدا.

    ئەرلەر بارمۇ-يوق؟

    مەن بىر گۈزەل قىزنى تۇققاندا.

     

     

     

    جىنسىيەتتتىن ئېچىلمايدۇ سۆز،

    ھەممە ئوخشاش، ھەتتا جىنىسسىز،

    بىلمەيسەن ئەرنى، ھەتتا ئايالنى،

    ئەنە قوغلاپ كەلمەكتە ئۇلار،

    ئېيىتقىن جېنىم، ئېيىتقىنا چاپسان،

    ئورمانزارغا قاچان كېتىمىز؟....

     

     

     

    لەپىلدەپ ياغماقتا يۇچۇن مەخپىيەت،

    قانلىرىڭنى چېچىپ قۇملارغا.

    نۇزۇرگۇمنىڭ ئاھلىرى بىلەن،

    سېنىڭ قىزىل قېنىڭ رەڭگىدە.

    چوغلۇق بولۇپ ئۈنۈپ باققۇم بار،

    ئويغانمايسەن نىچۈن ئەي بەڭۋاش؟

    كۆمۈپ قويۇپ كېتەيمۇ قۇمغا.

    كۆزلىرىڭنى ئاچ،

    بۇ  يەردە----

    جاھان يالىڭاچ،

    سىرلار يالىڭاچ.

     

     

     

    بۇ ئاخىرقى مۆجىزە ئەمەس،

    سۆيگۈ دىگەن شۇنداق مۇقەددەس.

    ئارىمىزدا تەڭ بەلگىسى يوق،

    سەن ئۆزۈڭگە قايىتقان ئادەم،

    مەن كۈرۈپمۇ باقمىغان ئالەم.

     

     

     

    يۈرىكىڭنى ئال،

    قات-قېتىنى نۇرلاندۇرايلى.

    ئاندىن،

    ئېيتىپ بەر....

    سەن  كىم؟

     كىملىكىڭنى بىلەمسەن جېنىم؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.