ئارىمىزدا بىر تام بار

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-18 18:05:34

ئارىمىزدا بىر تام بارساداقەتجان ھاجىئارىمىزدا بىر تام بار. تىكەندۇر-تىكەن؟كۆڭلىمىزدە بىر غەم بار. ئۆلۈمدۇر-ئۆلۈم؟تېخى بىزنىڭ روھىمىز بىر زۇلمەت ئىكەن،نۇر ئىچىدە ياشاشنى ئۆگەنگىن گۈلۈم.ئارىمى...



     

     

    ئارىمىزدا بىر تام بار


    ساداقەتجان ھاجى


    ئارىمىزدا بىر تام بار. تىكەندۇر-تىكەن؟
    كۆڭلىمىزدە بىر غەم بار. ئۆلۈمدۇر-ئۆلۈم؟
    تېخى بىزنىڭ روھىمىز بىر زۇلمەت ئىكەن،
    نۇر ئىچىدە ياشاشنى ئۆگەنگىن گۈلۈم.

    ئارىمىزدا بىر تام بار. سېپىلدۇر-سېپىل؟
    كۆڭلىمىزدە بىر چوغ بار. كۆيمەكتە يالجىپ.
    ئۆزىمىزنىڭ بەختىگە ئۆزىمىز كېپىل؟
    سەن مۇھەببەت يولىدا قالمىغىن ئالجىپ.

    ئارىمىزدا بىر تام بار. داۋاندۇر-داۋان؟
    كۆڭلىمىزدە بىر ئارمان ياسايدۇ تاشقىن.
    سۆيگۈ دىگەن ئۆلۈمنى يېڭىدۇ ھامان؟
    سۆيسەڭ مېنى سەنمۇ بۇ داۋاندىن ئاشقىن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    2003-يىل 3-فىۋرال. قەشقەر
    «قەشقەر ئەدەبىياتى» 2003-يىل 3-سان
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.