داستان «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى»

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-09 13:48:00

داستان «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى» ئىلاۋە : ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «بارسا كەلمەس يول » ناملىق كىتابى 2007~2008 -يىللىق جوڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر «تۇلپار »مۇكاپاتىغا نائىل بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ئ...

    داستان «شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى»

     

    ئىلاۋە : ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ «بارسا كەلمەس يول » ناملىق كىتابى 2007~2008 -يىللىق جوڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر «تۇلپار »مۇكاپاتىغا نائىل بولغانلىقىنى ئاڭلاپ  ئىنتايىن پەخىرلەندىم .  چىمەنگۈل ئاۋۇت  شېئىرىيەت ساھاسىدە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر ئايال شائىرە بۇلۇپ قالدى .

    بۇ خوشاللىقتىن كەڭ تورداشلارنى تەڭ بەرىمەن قىلىشنى ئويلاپ «شوردەريانىڭ ئۇ تەرىپى »ناملىق بۇداستاننىڭ بىرىنجى بابىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. 

     


     

    بىرىنجى باب

    يامغۇرلۇق كېچە

    ئېتىزلىقتىن تەپچىرەيدۇ ھارغىن تىنىق،

    بۇ كەنىتتە لىغىرلايدۇ ھىجران ئۈنى.

    جىمجىتلىق بار ئورۇنلانمىغان بۇغدايلاردا،

    كەچكۈم كەلدى سېنى شۇدەم ئېرىق سۈيى.

     

    قىر تۈۋىدىن يۇلۇنغان ئاھ ياۋا گۈلۈم،

    سۇس سەزگۈمدە ئوخشاپ قالدى ئىسسىق قولغا.

    ناخشامدەكلا سىڭىپ كەتتى زالىم ئۈنۈم،

    گۈل رەڭگىگە كىرىپ قالغان يوچۇن يولغا .

     

    تال –تال بولۇپ ئەركىلەيدۇ مەيىن شامال،

    شاخلاردىكى يوپۇرماقمۇ ھالسىز شۇنچە.

    يارىغىلا ئوخشايدۇ بۇ پاكار ئۆيلەر،

    چەيلەنمەكتە ئاياغلاردا يۇمران غۇنچە.

     

    كېتىۋاتىمەن ، بۇ ئىشىكتىن يەنە بىر ئايالنىڭ قېچىپ چىققانلىقىنى كۆردۈم. ئارقىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان قارا گەۋدىگە قاراپ شۈركىنىپ كەتتىم ، ئۇمۇ مېنى تونۇدى بولغاي ، چەكچەيگىنىچە ئورنىدا داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. كېتىۋاتىمەن ، يېنىك شىرىقشىۋاتقان ئەسلىمىلىرىمدىن يۇلقۇنۇشقا ئامالىم بولمىدى...

     

    جان قۇشۇم تېپىرلار ،تىرناقلىرى قان،

    ۋەھىمە يالايدۇ قاناتلىرىمنى .

    ئىسسىق قۇم ئۈستىدە ئېچىلغان بىر گۈل،

    تارىتار مېھرىمگە سېنىڭ قەدرىڭنى.

     

    مۇجۇلغان يۈرەكتەك يانىدۇ قۇياش،

    پىژغىرىم تېنىمدە چېچەكلەيدۇ تەر.

    چېقىلغان شېشىلەرگە دەسسەپ ماڭىمەن.

    يالاڭ ئاياغ پۇتۇمدىن ئاۋازىم ئۈنەر.

     

    شېغىللىق يول بىلەن ئۇزىغان بىر مۇڭ ،

    تونۇيدۇ شامالنى ،ئايالىنىمۇ ھەم،

    ئۈن-تىنسىز شەلۋەرەپ تۇرار تېرەكلەر،

    سۆيۈشمۇ بىر ئازاب،سۆيۈلۈشتۇر غەم .

     دەر ۋەقە، مەن ئۇنى سۆيگەن ،ئۇنىڭ تۆككەن ياشلىرىنى  ئۆز قولۇم بىلەن سۈرتكەنىدىم.

     كەچۈرگىن تەبىئەت تەرسالىقىمنى،

    مەن يەنە  خورلۇققا كۆنمىدىم تىنىچ .

    گەر ھازىر بۇ يۇرتتا بولسا چىن تۆمۈر،

    مەن ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۇراتتى قىلىچ.

     

    يامغۇرلۇق شۇ كېچە يۇغان ھەممىنى ،

    ئىشىكتىن جىممىدە چىقسام ئاۋايلاپ ،

    قۇشلارغا ئۆي بولسا بەزىدە قەپەس،

    ئايالغا ئۆز ئۆيى قەپەستۇر شۇ تاپ .

     

    ئاسماندا بىر تالمۇ يۇلتۇز كۆرۈنمەي ،

    چاقماقنىڭ شىددىتى باسقان قەلبىمنى.

    يىرتىلغان كۆڭلىكىمگە سىڭگەنتى كۈلپەت،

    يۇلۇنغان چاچلىرىمغا يايسام ئۈنۈمنى.

     

    يۈزۈمدە ھىلالنىڭ دېغىدەك يېغىر،

    كىرىشكەن چىشلىرىمدا چاينالغان قىسمەت.

    دېگەنتىم شۇندىمۇ :«ھاياتلىقىمدا –

    مەن ئۈچۈن ھەممىدىن ئۇلۇغ مۇھەببەت» .

     

    ئۇزاق يىللار ئىلگىرى مەنمۇ ئاشۇ ئىشىكتىن ئىلكىمدىكى بارلىق ئازاب ۋە ئارمانلىرىمنى ئېلىپ مۇشۇنداقلا قېچىپ چىققان .ئۇھەتتا مېنى ئارقامدىن قوغلاپ بېقىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەنىدى . كېتىۋاتىمەن ...

    ھېلىقى ئايال قاياقلارغا غايىىپ بولغاندۇ ؟

    گۇگۇمدەك مۇلايىم ئەمەستۇر ئەرلەر،

    قەھرىمۇ يارالماس كېچە باغرىنى .

    بىر ئورام تاماكا ،بۆرە ئوشۇقى،

    بەلكىم بۇ ئۆمرىدە ياشاپ تاپقىنى .

     

    ھەسرەتسىز ،ئۈمۈدسىز ئۆتەر خىرامان ،

    ئۇيقۇدىن ئويغانسا ئاندىن ئاتار تاڭ .

    پەسىلسىز ياشاسقا كۆنۈپ كەتكەن ھەي ،

    بەزىدە ۋاقىتمۇ تۇيۇلار غازاڭ !

    « بۇ كەنىتتىكى مەزلۇملار يىغىۋالغىلى يەنىلا كۆل بويىغا بارامدىغاندۇ ؟» ئۆز –ئۆزۈمگە ئاستا شىۋىرلىغاچ  كېتىۋاتىمەن .

    -شۇنداق ، ھازىرمۇ ساڭا تونۇش ئاشۇ كۆل بويىغا بارىدۇ گۈلبانۇ .

    جىگدە شېخىغا قونۇپ تۇرغان قېرى بۇلبۇلنى كۆرۈپ ۋارقىرۋەتتىم:

    - مېنى تېخى ئۇنتۇماپسەن بۇلبۇلۇم .

     تارتقان كۈلپەتلىرىڭنىمۇ ئۇنتۇمىدىم ،-ئۇنىڭ ئاۋازى چىگىلدى ،

    -ئۇلار كۆل بويىدا قانغۇدەك يىغلاپ، ئاندىن كۆز يېشىنى كوزىلىرىغا ئېلىشىپ، يەنە ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتىشىدۇ .

    بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ سوغۇق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتىم .

    -بارغىن ،ئۇمۇ يىغلاۋاتىدىغاندۇ بەلكىم .

    ياشاڭغىراپ تۇرغان كۆزلىرىم بىلەن بۇلبۇلغا بىر قارىۋىلىپ ،كۆل بويىغا يېقىنلاشتىم .

    غۇنچىتىم ، ئاچىلمىدىم  ئۆز بېغىمدا،

    كېيىكىتىم ،يايلىمىدىم ئۆز تېغىمدا.

    سېنى دەپ ،ئاھ سېنى دەپ سۇندۇم تەكرار،

    سانجىدىڭ تىغلىرىڭنى ئۆز قولۇڭدا .

     

    لەختە قان يۈرىكىمنى مۇجۇپ تۇرۇپ ،

    چەيلىسەڭ چاچلىرىمنى يۇلۇپ تۇرۇپ ،

    چىدىدىم ئايال دىگەن بىقۇۋۇل دەپ ،

    بولدىلا كۆڭۈل دىگەن كەتسۇن قۇرۇپ .

     

    ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ قوللىرىنى ئالقانلىرىم ئارىسىغا ئالدىم.ئۇخۇددى ئۇزاق يىل كۆرۈشمىگەن  قەدىردانىغا يولۇققاندەك ماڭا ئۆزىنى ئاتتى . ئاۋازىمىز ئاۋازىمىزغا ،كۆز يېشىمىز كۆز يېشىمىزغا

     قوشۇلۇپ كەتتى ...

    -مېنى تونۇمسىز ؟

    - تارتىۋاتقان ئازابلىرىڭىزنىمۇ بىلىمەن سىڭلىم .

    - نىمە ؟!

    - بىر چاغلاردا مەنمۇ ئاشۇ ئۆيدىن قېچىپ چىققان .

    - ئۇنى سۆيەمتىڭىز ؟

     - ...

     - سىزچۇ ؟

     - ...

     - ئۇ مېنى ئېلىپ قاچقان .

     - مېنى قوناقلىقتا ئوت ئېلىۋاتقان يېرىمدە خوتۇن قىلىۋالغان .

    ھەر ئىككىمىز ئىختىيارسىز كۈلۈپ كېتىشتۇق . كۈلكىمىزگە ئۇلىشىپ  سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق