نورۇز كېلىدۇ(شېئىر)-رەيھانگۈل ئەنھار

يوللىغۇچى : ramizan يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-22 09:37:41

نورۇز كېلىدۇ(رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)مەسۈمە قىزچاقنىڭ زىناقلىرىدا،ئاپتاپتا قىزارغان بوۋاي مەڭزىدە،ئاپامنىڭ چۆچۈرە تۈگكەن قولىدا،باھاردا ئېرىگەن ئەگىز سۈيىدە،شارقىراپ ئويناقلاپ كۈلۈپ كېلىد...



     

    نورۇز كېلىدۇ
    (رەيھانگۈل مۇھەممەد ئەنھار)
     
    مەسۈمە قىزچاقنىڭ زىناقلىرىدا،
    ئاپتاپتا قىزارغان بوۋاي مەڭزىدە،
    ئاپامنىڭ چۆچۈرە تۈگكەن قولىدا،
    باھاردا ئېرىگەن ئەگىز سۈيىدە،
    شارقىراپ ئويناقلاپ كۈلۈپ كېلىدۇ.
    مومام ئۆز قولىدا ئەتكەن چېيىنىڭ،
    تاتلىق ھەم مەززىلىك خۇشبۇي ھىدىدا،
    دادامنىڭ مەڭزىنى بويلىغان تەردە،
    مۇھەببەت قەسرىدىن بالقىپ قۇياشتەك،
    دىللارغا مىڭ ئاتەش سېلىپ كېلىدۇ.
    بوۋامنىڭ ھاسسىلار تۇتقان قولىنى،
    تىترەتكەن بەك سوغۇق زىمىستان قىشنى،
    شامالدەك يەلپۈنۈپ ،ھەيدەپ يىراققا،
    مەجنۇنتال شېخىغا قونۇپ كېلىدۇ.
    نەۋقىران يىگىتنىڭ يايرىغا يازغان،
    ئەقىدە ،ۋاپالىق مەكتۈپلىرىدە،
    كەشتىچى قىزچاقنىڭ يىڭنىلىرىدە،
    ئانارنىڭ گۈلىدەك قىزىل كېلىدۇ.
    جەننەتتەك باغچا ھەم خىيابانلاردا،
    خۇشناۋا بۇلبۇلدەك سايراپ كېلىدۇ،
    قىزىمنىڭ ئۇچۇرغان لەگلەكلىرىدە،
    شامالدىن بەسلىشىپ ئۇچۇپ كېلىدۇ،
    سۈبھىدە چۈشكەن شۇ ئۈنچە شەبنەمدە،
    سەرۋى، ئۇز،ھايالىق قىزنىڭ يۈزىدە،
    كۆكتىكى زىياسىز ھېلال ئاي بىلەن،
    تۈنلەردە روجەكتىن بېقىپ كېلىدۇ.
    بېشىغا گۈللەردىن ئۇماق تاج كىيىپ،
    قەدەھتە شارابلار سۇنۇپ كېلىدۇ،
    كۆكسىگە چېچەكتىن مېداللار تاقاپ،
    سۈلكەتلىك جەڭچىدەك مەغرور كېلىدۇ،
    دەرەخنى،ئوت-چۆپنى ياپيېشىل رەڭدە،
    بىر ئۇستا رەسسامدەك سىزىپ كېلىدۇ.
    سەھەردە ھاپىزنىڭ قوشاقلىرىغا،
    تەڭ جۆر  بوپ قوشاقلار ئېيتىپ كېلىدۇ،
    سازچىنىڭ قولىدىكى تەمبۇر كۈيىدەك،
    يۈرەكنىڭ تارىنى چىكىپ كېلىدۇ.
    بۇ قېتىم بېغىمدا ئەنجۈر چېچەكلەپ،
    ئاجايىپ ئۆزگىچە نورۇز كېلىدۇ!
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.