ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن شىئېرلىرىدىن

يوللىغۇچى : murattursun يوللىغان ۋاقىت : 2008-10-02 12:01:00

ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن شىئېرلىرىدىن ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇغۇلۇپ 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋاپات بولغان . خەلقىمىز 20-ئەسىردىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرى تەڭداشسىز بو...

    ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن شىئېرلىرىدىن

         ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇغۇلۇپ 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋاپات بولغان . خەلقىمىز 20-ئەسىردىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرى تەڭداشسىز بولغان بۇ ئالىمىمىزنى سېغىنىدۇ، ئەسلەيدۇ. مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئۈچ يىل بۇرۇن يېزىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ، تېخى ئېلان قىلىنمىغان تۆۋەندىكى لېرىكىلىرىنى «كىروران»ژورنىلىنىڭ بۇ يىللىق 3-سانىدا كۆرۈپ ، تورداشلار بىلەن تەڭ ھوزۇرلىنىشنى لايىق تاپتىم. مۈمكىن بولسا ، ئالىمنىڭ نادىر شىئېرلىرىنى تورداشلارنىڭ مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللاپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

         مۇھەببەت ھامىيسى بىلگىن ۋىجداننى
    ئۇچىراشقان چېغىدا ئاشىق كۆزلىرى
    ئالەمنىڭ تىلسىمى ئېچىلدى دېگىن.
    سۆيۈشكەن لەۋلەردىن ھەتتا كۈندۈزى،
    مۇقەددەس بىر ھادىس ئۆتتى دەپ بىلگىن.
    ئۇ ناماز ۋەزىندە، مىراج ۋەزىندە،
    ئىنساندا ئالاھلىق تەجەللى ئەييام .
    تەبىئەت سۆيىنەر بۇ دەقىقىغە ۋە ھەتتا
    روھىيەت پەللى ھۆر ماقام.
    ۋىسال مۇھتاجلىقى شۇندا يېشىلگەي ،
    بۇ ئەسلى تەڭرىنىڭ ھوزۇرى، زەۋقى.
     ھايات سۈرىسىنىڭ مەنى ئېچىلغاي ،
    زەپەر تەنتەنىدە سۆيگۈ ھوقۇقى .
    سۈخەنچى تەگىمە ، ۋەسلى ئىنساننى !
    كۆزۈڭگە چۈشكىنى يەردىكى قوياش...
    مۇھەببەت ھامىيسى بىگىن ۋىجداننى بەس،
    ئىزگۈ كۆزلەرگە تىلەنمە كۆز ياش!

     1992-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى،قەشقەر 

     ئېيتچۇ 

     مەلىكەم كۈلەيمۇ يىغلايمۇ قۇت ۋىسال چېغى ؟
    ئاتەشىن يۈرەكلەر بولار نىچۈن لال!
    يۈگەنسىز قۇلاندەك تۇرار ئىدىم تېخى،
     ئېيتچۇ ، ھالىم ئالدىڭدا بىر گۆدەك مىسال؟

    گۈل -چېچەك گۈلشەندەك ئاقار شەھەردە،
    مەڭزىڭگە گۈل تىزىپ كۈلەر قىز -جۇۋان ،
    ئەرزىمەس مەڭزىڭدە بىر گۈل بەدەلگە،
    ئېيتچۇ ، گۈلۈڭسىز يۈرمەك ئەمەسمۇ ئارمان؟

     قۇندۇزلار شەھەرنى قىلىشقان دەريا،
    قىز -جۇۋان چېچىدا قۇندۇز يالتىرار.
    كۆزۈڭگە سۈرمە رەڭ چېچىڭ تۇتىيا،
    ئېيتچۇ، سەنەسز بەسىر يۈرمەك قانچە ئار؟

     بۇ باھار ئەييامى ئەلۋەك بولدى مەي،
    ئاق، قىزىل، چۈچۈك ھەم قىيامى شەربەت.
    كۆز ياشنى مەي قىلىپ ئىچمەستىن نەيلەي،
    ئېيتچۇ، كىم لىۋىمگە قويار مۇھەببەت؟

     شۇ مېنىڭ باھارلىق كۆرگەن-كەچكىنىم،
    بۈگۈنكى ۋىسالغا ساقىنامەم ھەم.
    گەر دېسە :«قايتىپ كىردەى تېنىمگە جېنىم» ئېيتچۇ،
    سەن قايسى سۆز دەرسەن مەلىكەم؟

     1992-يىلى2-ئاينىڭ 14-كۈنى،ئۈرۈمچى

     ھەرقېتىم سېغىنسام

    ... ھەرقېتىم سېغىنسام بىردىن قۇم تۆكسەم،
    بۇ سېغىنىشتىن پۈتەر ئېدى چۆل.
    ھەرقېتىم سېغىنسام قۇيسام بىر قەترە نەم،
    ئالدىمدا مەۋج ئۇرۇپ قوپار ئىدى كۆل.

    چۆللۈكتە كۈتەر ئىدىم سېنى ئەزىزىم،
    سۇغا زار چاڭقىغان ئاھۇ مىسالى.
    كۆلنىڭ باغرىدا تەشنا تۈنەر ئىدىم،
    سۇدىكى ئاينى دەپ جانان مىسالى.

     نەۋ باھار تۈنلىرىن ئۆتكۈزدۈم سەنسىز،
    سېغىنچىم كۆزۈمدىن بولۇپ ئاقتى ياش.
    تىترىدىم قاغجىراق تاللاردەك بەرگسىز،
    تەلمۈردۈم ئىللىتار دەپ ئوتلۇق قۇياش.

     1992-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق