كېسەلخانا(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 23:05:06

كېسەلخانائادىل تۇنىيازكەلتۈرىدۇ ئاغرىپ قالغىڭنىھەممە يەرنى قەپلىغانياش ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگۈچىدوختۇرخانا توغۇرلۇق ئېلان.كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقىچەھەممە ئادەم كېسەلدۇر كېسەل.چىۋىن پوقى،نۇر ۋە ن...

    كېسەلخانا
    ئادىل تۇنىياز



    كەلتۈرىدۇ ئاغرىپ قالغىڭنى
    ھەممە يەرنى قەپلىغان
    ياش ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگۈچى
    دوختۇرخانا توغۇرلۇق ئېلان.

    كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقىچە
    ھەممە ئادەم كېسەلدۇر كېسەل.
    چىۋىن پوقى،نۇر ۋە نەي لامپا
    بەكمۇ يېقىن قالغان كارۋاتقا
    ئاستا،ئېغىر جىمجىتلىق ئارا.

    قات-قات كېسەل
    گويا قات-قات كىيىم ئىچىدە
    قىپيالىڭاچ تۇرغان ئايالدەك.

    دوختۇرلاردىن تۇغقىنىڭ بولسا
    ئاغرىپ  ياتساڭ ھەپتە ھەپتىلەپ.
    چۈشلىرىڭدە ئۆلىسەن تەكرار
    ئەتىگەندىن تا كەچ كىرگۈچە.
    كىرىپ چىقار يېنىڭغا پات-پات
    ئاق كەپتەردەك بىر توپ پەرىشتە.
    ئۇيغۇر تىلىدا
    كارۋات لەقەملىك
    ئۇ ئىسسىق تاۋۇت.
    قىستاپ كىرىپ يېنىڭغا ۋاقىت
    ئۇزۇن-ئۇزۇن ياتار سۆزۇلۇپ،
    ياتار ھالسىز گەجدەك ئاقىرىپ.

    قاناتلىرى ساقىيىشنىڭ
    چاقنىماقتا روجەكتىن
    دادام ياتقان كېسەلخانىدا.

    1993-يىل 3-ئاي

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.