بەخت قۇشۇم

يوللىغۇچى : anwar51 يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-01 18:52:21

بەخت قۇشۇم تاڭ شامىلى يۈزلىرىمنى يېنىك سۆيگەندە ، ئىللىققىنە كۈلۈپ قويدى زوقلانغان يۈرەك.بەخش ئېتىپ زېمىنىمغا پارلىغان قۇياش ، ئاڭا لايىق ھۆسىن قوشتى ئويناقلاپ بۇلاق.دائىم شۇنداق بولسا د...

     

    بەخت  قۇشۇم         
     
    تاڭ شامىلى يۈزلىرىمنى يېنىك سۆيگەندە ،  
    ئىللىققىنە كۈلۈپ قويدى زوقلانغان يۈرەك. 
    بەخش ئېتىپ زېمىنىمغا پارلىغان قۇياش ،   
    ئاڭا لايىق ھۆسىن قوشتى ئويناقلاپ بۇلاق.
     
    دائىم شۇنداق بولسا دەيمەن پىچىرلىشىمدا ،     
    بۇلبۇل بولۇپ قانات قاقسام دەيمەن ئىچىمدە.   
    نىچۈن دېسەڭ ئەي نىگارىم كۆزنىڭ نۇرىسەن،
    چۈشلىرىمگە كىرسەڭ دەيمەن تىنىقلىرىمدا .       
     
    قەلەم ئاستىم تىزىق-تىزىق مارجان ۋە ئۈنچە،    
    پىچىرلىشىم نۆۋەت-نۆۋەت سېغىندىم سېنى .   
    ئاسمانىمغا دائىم بېقىپ خۇش چىراي بىلەن.      
    يەتكۈزىمەن ئارمانىغا بەخت قۇشۇمنى .

     



      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بەخت قۇشۇم _ _