تەن مۇزىكىسى(ئەخەت كەلپىن ئىنسانى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-05 07:10:54

تەن مۇزىكىسىئەخەت كەلپىن ئىنسانىتېنىڭدۇر مۇزىكا مۇڭلۇق چېلىنغان،مەن ئۇنى ئاڭلايمەن پىغانلار ئارا.ئۇ مەيىن شامالدا يەلپۈنگەن گۈلدەك،تېنىمنى توختاۋسىز سالار ئۇسسۇلغا.تېنىڭدۇر مۇزىكا مۇڭلۇق چې...

    تەن مۇزىكىسى
    ئەخەت كەلپىن ئىنسانى



    تېنىڭدۇر مۇزىكا مۇڭلۇق چېلىنغان،
    مەن ئۇنى ئاڭلايمەن پىغانلار ئارا.
    ئۇ مەيىن شامالدا يەلپۈنگەن گۈلدەك،
    تېنىمنى توختاۋسىز سالار ئۇسسۇلغا.

    تېنىڭدۇر مۇزىكا مۇڭلۇق چېلىنغان،
    مەن ئۇنى ئاڭلايمەن كۈيگە چۆمۈلۈپ.
    كۈي ئارا سەزگۈم قان لەشكىرىنى باشلاپ
    تەن تومۇرلىرىمغا كېتىدۇ يۈرۈپ...

    مانا ئۆي، ئەنە يول، ئەنە ئىشخانا
    ئاھ ئەنە ! توختاۋسىز تېنىم ئۇسسۇلى.
    ئۆي ۋە يول، ئىشخانا...
    قان تومۇر ئىلە
    ئاڭلىنار تېنىڭنىڭ مۇزىكىلىرى !...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.