بۇ شۇنداق كوچا

يوللىغۇچى : abduhelil يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-06 23:08:14

بۇ شۇنداق كوچاساپ سېرىق چاچلارنىڭ تال-تال بەرگىدە،ئوينايدۇ ئۈلۈمتۈك خىياللار ئۇسسۇل.مۇھەببەت يىرتىلغان قەغەز بېتىدە،يىغلايدۇ قان قۇسۇپ يىگانە بۇلبۇل.بۇ كوچا ساپ سېرىق رەڭلەردە ئاۋات،ھېچكىمنى...

     

     
    بۇ شۇنداق كوچا
     
     
     
    ساپ سېرىق چاچلارنىڭ تال-تال بەرگىدە،
    ئوينايدۇ ئۈلۈمتۈك خىياللار ئۇسسۇل.
    مۇھەببەت يىرتىلغان قەغەز بېتىدە،
    يىغلايدۇ قان قۇسۇپ يىگانە بۇلبۇل.
     
     
    بۇ كوچا ساپ سېرىق رەڭلەردە ئاۋات،
    ھېچكىمنى ھېچكىم
    پۇلسىز، خەنجەر تەڭلەپ بۇزالماس.
    ئەرزان باھالىق پەردازخانىلار،
    ئىپپەتسىز ئەرلەردىن باشقىغا باقماس.
     
     
    بۇ نازلىق كوچىغا يۈرگەنلەر نازلاپ،
    قىيا ئىشىكلەرگە چاڭقاپ قارايدۇ.
    يىرتىق پەردىلەرنىڭ لىرىكىسىدا،
    بىر پەدە ئۆلۈمگە چاچنى تارايدۇ.
     
     
     
    بۇ شۇنداق باش-ئۇچى كىسىلگەن كوچا،
    كۆزلەرنى رەڭگارەڭ چىراق تورلايدۇ.
    بۇ يەردە بىر كىچە قاڭقىغان ئەرلەر،
    ئەتىسى ئۆزىنى ئەخلەتلىك يولدىن،
    تاپقانغا شۈكرى دەپ، جاننى تارايدۇ...
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.