ئىككىمىزنىڭ ئارىسى

يوللىغۇچى : abduhelil يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-24 18:47:02

ئىككىمىزنىڭ ئارىسىئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا مەنالار دەريا،گىرەلەشكەن بارماقلاردا بار قۇياش تەپتى.ئۈمىدلەردىن پۇرەكلىگەن گۈللەردە زىيا،پەرۋازىمىز ئازاپلاردىن كۆڭۈلنى يەشتى.بىز تەڭ تەرلەپ مۇھەببەت...



      

    ئىككىمىزنىڭ ئارىسى

     

    ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا مەنالار دەريا،

    گىرەلەشكەن بارماقلاردا بار قۇياش تەپتى.

    ئۈمىدلەردىن پۇرەكلىگەن گۈللەردە زىيا،

    پەرۋازىمىز ئازاپلاردىن كۆڭۈلنى يەشتى.

     

    بىز تەڭ تەرلەپ مۇھەببەتتىن باشلانغان يوللار،

    بىزنى ھىجران ئۆڭكۈرىدىن چىقاردى كۆككە.

    سۆيگۈمىزدىن ساپاق- ساپاق ئاينىغان تاللار،

    لىق توشقۇزدى بىز ئىزلىگەن بەخىتنى بۆككە.

     

    ئەسلىمىلەر ۋاراقلانغان ئۇزۇن كىچىلەر،

    يۇلتۇزلارنىڭ نازلىشىدىن ئالدى سۈتتەك رەڭ.

    كۆز ئوقىدا چاراقلىغان يارقىن ئەتىلەر،

    بىزگە ۋىسال ھۇزۇرىدىن قۇچاق ئاچتى كەڭ.

     

    ئىككىمىزنىڭ ئارىسى، بىل، چىمەن سەلكىنى،

    چىن ئەقىدە پەرۋىشىدە مەڭگۈ سولمىسۇن.

    بىزنى غەرىق قىلماق بولسا ھەسەت كەلكۈنى،

    روھىڭ سۇنماي، شاخلىرىڭدا بۇلبۇل سايرىسۇن.

     

    ئىككىمىزنىڭ ئارىسى كۈي چايقالغان دۇنيا،

    بۇ دۇنيانىڭ ئىشىكىنى ئاچايلى تاڭدىن.

    بارچە ئۇزلۇق،  غەيۇرلۇقنى توغۇدۇ قىيا،

    بارماق چىشلەپ تۇرماي، كۆككە سەكرەيلى ھاڭدىن.

     

    ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا سۈزۈك چەشمىلەر،

    بەختىمىزگە قىيالارغا كۆكرەك ياقىدۇ.

    تۇرغاچقىلا بىزنى پەرلەپ شىرىن سۈيۈشلەر،

    شور قىسمەتمۇ بىزگە بىر كۈن ئىللىق باقىدۇ.

     

    ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا چېچەكلىگەن ياز،

    بۇلۇق- بۇلۇق مىۋىلەرگە كىرسۇن بىر ئۆمۈر.

    چالغىن، ئالتۇن تارلار بىلەن بولاي ساڭا ساز،

    ئىشەنچىڭدە، ئىزلىرىمدىن چىن سۆيگۈمنى كۆر...

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.