ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى (ئا.ئۆتكۈر)

يوللىغۇچى : sherf يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-06 18:10:00

ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى ئا.ئۆتكۈر ئىلاھا ھىكمىتىڭ كۆپتۇر بىلەي دەپمۇ بىلەلمەيمەن. ئۆزىڭدىن بولمىسا رەھمەت ئۆزۈم يىغلاپ كۈلەلمەيمەن، كۈلەرمەن دەپ ئۈمۈت قىلسام قالارمەن گاھىدا يىغلاپ. تۇرۇپ بىردەم ب...

    ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى

     ئا.ئۆتكۈر

    ئىلاھا ھىكمىتىڭ كۆپتۇر بىلەي دەپمۇ بىلەلمەيمەن.
    ئۆزىڭدىن بولمىسا رەھمەت ئۆزۈم يىغلاپ كۈلەلمەيمەن،


     كۈلەرمەن دەپ ئۈمۈت قىلسام قالارمەن گاھىدا يىغلاپ.
    تۇرۇپ بىردەم بۇلۇر ئىشنى ماراپ تۇرسام كۆرەلمەيمەن.

     

    ئۈزۈم قىلدىم ئۈزۈم بىلدىم دىگەن بىرلا جاھالەتتە .
    ئۈزۈڭدىن بولمىسا رەھمەت بازاردىنمۇ كىلەلمەيمەن.


    بېرىپ كەلدىم پەقەت بىرلا ھەرەم ، مەككە مەدىنەمگە.
    ئۈزۈڭ بىلدۈرمىسەڭ يا رەب ئۈزۈمنى ھەم بىلەلمەيمەن.

     

     ئەجەپ ئاجىز ئىكەن بەندە ، جېنى بولغان بىلەن تەندە.
    ئۈزۈڭ يەتكۈزمىسەڭ يا رەب باراي دەپمۇ بارالمايمەن.


     تېنىمنىڭ ساقلىقى بىلسەم، سىنىڭ فەزلى كەرەمىڭدۇر.
    ئۈزۈڭدىن بولمىسا ساقلىق ، تېنىمنى ساق ئىتەلمەيمەن.

     

    ئۈزۈڭنىڭ قۇدرىتى بىرلە كۈزۈم ئاچتىم بۇ ئالەمگە.
    ئۈزۈڭ ئەپكەتمىسەڭ يا رەب ، كىتەي دەپمۇ كېتەلمەيمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر