كىپەنگە كۆمۈلگەن سىرلار-ئۆزلەت

يوللىغۇچى : ozlat يوللىغان ۋاقىت : 2012-04-03 19:54:57

كىپەنگە كۆمۈلگەن سىرلارمەھمۇد مۇھەممەد ئۆزلەتقەبرە -دوزاخ ئوتى يالقۇنجىغان بىر ئورەكۋە يا جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر-ھەدىستىن.مەن كەتتىميىللار كەينىدەئەپتى قورۇق، زىلۋا بەرگىلەرمەن كەت...

     



    كىپەنگە كۆمۈلگەن سىرلار

     

     مەھمۇد مۇھەممەد ئۆزلەت

     

    قەبرە - دوزاخ ئوتى يالقۇنجىغان بىر ئورەكۋە يا جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر-ھەدىستىن.

     

    مەن كەتتىم

    يىللار كەينىدە

    ئەپتى قورۇق، زىلۋا بەرگىلەر

    مەن كەتتىم

    بىر،ئىككى، ئۈچ

    كىپەن ئوراپ يۈتكەن پەسىللەر.

    مەن كەتتىم

    تىرىكلىك قىممەتنى مەنسىتمىگەن ياش

    مىنى ئۇزاتتى ئاخىر دومىلاپ.

    ‹‹رەھمەتلىك خوي ئوبدان كىشى ئىدى››

    چوڭقۇر لەھەت كۆمۈلۈپ تىنى

    تەرىپلىنەر شۇنداق ھەر كىشى.

    بىراق مەن كىچىكتىم

    تولىمۇ كىچىكتىم بۇ بىر ھەق ئىدى.

    ئېچىلدى- يېپىلدى

    توختىىدى قەلەم.

    تەسبىيىدە ئاخىرقى ئۇرۇق

    ساناۋېتىپ تۈگەلمەن ئەمدى.

    يۈزلىرى قارا

    كۆزلىرى قارا

    قولىدا توخماق

    ۋاي! تۈگىمىدى

    ئۇلار بىلمەيدۇ تاشلايدۇ تۇپراق

    ئۇلار بىلمەيدۇ كەتسەم بۇلدۇقلاپ... 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.