ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : ۋەلى يوللىغان ۋاقىت : 2013-06-17 01:41:05

ﻧﻪﻗﯩﻼﻱﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ،ﻳﻮﺭﯗﻣﯩﻐﺎﻥ ﺯﯗﻟﻤﻪ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ،ﺑﺎﺳﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.ﭼﻪﺭﺧﻰ ﮔﻪﺭﺩﯗﻥ ﺗﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻤﻪﻙ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻳﺎﺭﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻢ،ﺗﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﭼﻪﺭﺧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ.ﺋﻪﻱ ﭘﻪﻟﻪﻙ،ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍ...

    ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ

    ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ،ﻳﻮﺭﯗﻣﯩﻐﺎﻥ ﺯﯗﻟﻤﻪ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ،
    ﺑﺎﺳﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ ﺗﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.

    ﭼﻪﺭﺧﻰ ﮔﻪﺭﺩﯗﻥ ﺗﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻤﻪﻙ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﻳﺎﺭﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻢ،
    ﺗﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﭼﻪﺭﺧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ.

    ﺋﻪﻱ ﭘﻪﻟﻪﻙ،ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭼﻪﺭﺥ ﮬﻪﻡ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺭﺍﯞﺍﻥ،
    ﻳﻮﻝ ﺗﯘﻧﯘﭖ ﻳﯘﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻼﻱ.

    ﻧﻪﻩ ﺑﺎﺭﺳﺎﯓ ﺑﺎﺭﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺩﻩﺭﺩﻯ ﺑﺎﺭ ﯞﻩﺗﻪﻥ،
    ﮬﺎﺭﺩﯗﻗﻰ،ﺗﯩﺒﯩﺒﻰ ﻳﻮﻕ،ﺩﻩﺭﺗﻠﯩﻚ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.

    ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﺍ ﺑﺎﺭ،
    ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﻡ ﻗﻪﻟﺒﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻳﺎﺭﺍﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.

    ﺑﯘﻟﺒﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻏﯩﻨﻰ ﺑﯩﻞ ﭘﻪﺭﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﮬﯧﭽﻜﯩﺸﻰ،
    ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻰ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﮕﻪ ﺯﯨﻨﺪﺍﻥ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﻧﻪ ﻗﯩﻼﻱ.

    شېئىرلار شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان <<ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى>> ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.