قەدەھتىكى ئىلپەتكە (ئابدۇللاھ تىمەن)

يوللىغۇچى : Arifbeg يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-26 08:31:46

سېنى دەپ قەدەھكە مەي قۇيدۇم «تۇتاي»- دەپ لىپمە لىپ،كەلمەدىڭ، كەتتىڭ ئۇزاققا، باقمادىڭ مەررە يېنىپ. كۆرمەدىم ئائىنىدە، كۆردۈم سېنى ئاي ھۆسنىدە،شۇ تۇلۇن ئاينى نىقاب ئەتكەن فەرى ساڭا رەقىب. گويا ...

    سېنى دەپ قەدەھكە مەي قۇيدۇم «تۇتاي»- دەپ لىپمە لىپ،
    كەلمەدىڭ، كەتتىڭ ئۇزاققا، باقمادىڭ مەررە يېنىپ.

     

    كۆرمەدىم ئائىنىدە، كۆردۈم سېنى ئاي ھۆسنىدە،
    شۇ تۇلۇن ئاينى نىقاب ئەتكەن فەرى ساڭا رەقىب.

     

    گويا ھۆسنىڭ كۆك يۈزىدە كۈن نۇرىغا زىت ئىمىش،
    ساڭا زىت بولغان بىر چىقارمۇ دەيمەن بەسلىشىپ.

     

    سەسكىنىپ ئويغانسام ئۇيقۇمدا ئېمىش تاتلىق رۇيا،
    سۇ پەرىسى ئوقيانۇسىدا قولۋاق ئۇرارمىش شىپمە شىپ.

     

    ئويلىسام كۆك دە ، دېڭىزدا ھەم ئويۇمدا بىرلا سەن،
    ساڭا چىقماس مەن كەبى بىرسى يەنە جاندىن كېچىپ.

     

    رەقىش ئېتىپ رىشتەڭ بىرلە بوغدۇڭ رەھىمسىز نازىنىن،
    كەلگىنە باغرىمنى داغ قىلغان ئوتىڭغا ئەرگىشىپ.

     

    شۇنچىلا كۆيدۈم يېتەر، قىلماسسەنمۇ بىر ئىلتىفات،
    بۇ كۆيۈكنى ئاب – رەيھان بىرلە دەفئەتكىن چېچىپ.

     

    بىر كۆزۈم ئاچتىم كۆرۈندى يەلپۈنۈپ سايەڭ سېنىڭ،
    بەد بەختلىك سورىنىدىنمۇ ئۇ يەنە كەتتى قېچىپ.

     

    ۋاي تۇتۇپ قالدىم قەدەھنى ھاڭقىراپ تەبىر كۈتۈپ،
    بىر نىدا تەبىر دېسەڭ ئىزلە ئۇنى مەيگە بېقىپ.

     

    ئەمدى بىلدىم مەي ئەمەس تولقۇن ئۇرارمىش شور دېڭىز،
    ئەنە شۇ تولقۇن ئارا بارمۇ ئامال تولقۇن ئېشىپ.

     

    بىر ئامال بۇزماق خىيالنى ، سۈرەتى – فەرىسىنى،
    شور دېڭىزدە لەيلەسۇن، تولقۇن بىلەن كەتسۇن ئېقىپ.

     

    كەلدى ئويغانماق مەدېدى ئۇيقۇلىرىڭىدىن ئەي تىمەن،
    ئات قەدەھنى: «تۇرما مەستلىك بىرلىك شۇنچە تىركىشىپ».

    [admin تەستىقلىدى . 2010-3-28 0:13:59]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.