ئايا ياپراق ( ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-17 10:55:00

ئايا ياپراق ( ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم) ئايا ياپراق قاچانلاردىن قارا باستىكىن، ئۇزاق تۈنلەردىن چىقتىم پەرىشان . ماڭا نە كېرەك پەرۋاسىز ياشاش, سۆيگۈ- ھاياجاندا ياغماقتا خازان. بولدىلا، مەن ئۈچۈن ئۆكۈنمە...

    ئايا ياپراق 

      ( ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم)

    ئايا ياپراق قاچانلاردىن قارا باستىكىن،

    ئۇزاق تۈنلەردىن چىقتىم پەرىشان .

    ماڭا نە كېرەك پەرۋاسىز ياشاش,

    سۆيگۈ- ھاياجاندا ياغماقتا خازان.

    بولدىلا، مەن ئۈچۈن ئۆكۈنمەيلا قوي،

    مەن بىر ياپراقتا چاقنىغان تامچە.

     باغاشلاپ ئۆتىدۇ كەچكۈز شامىلى،

    شەھەر كوچىلىرىدا قىيغىتقانچە.

    ئۈستىۋېشىمدا ئۇچىدۇ خازان،

    يانار كۆزلىرىمدە ھىجران ئاپتىپى.كەل،

     سوغۇق تېنىڭنى قۇچاقلاپ ئالاي،

    كەل، كەچكۈز تېرەكلەر كۆكلىمەس ئەمدى!...

    بىر دەم تىڭشىماي تۇرغىن، ئەي شامال،

    سېنىڭدەك ئايلىنىپ چىقاي كوچىنى.

    ئايا، ياپراق دۇنيا بەرىبىر ،

     ئايا، گۈللەر سۆيەي بەرگىڭنى.

    كەل، مەن بۇ نەپەستە تەئەللۇق ساڭا،

    كەل، ئۈزەي باغرىڭدا لەرزان، خىرامان.

    كېتەرمىز دۇنيادىن جىمجىت، يېگانە،

     ياشارمىز ئالەمدە يۇلتۇزدەك ھامان.

    ئايا، ياپراق - ۋۇجۇدۇڭ يەلكەن!

    زۇلمەتلىك قەلبىمگە تۇتاشتۇردۇڭ ئوت.

    ئاھ، سەن كەچكۈزنىڭ مىسكىن شائىرى،

    شائىرلار سەن كەبى ياشىيالماس چورت.

    كۆرۈشمەك زەپ قىيىن، سۆيۈشمەك ئاسان،

    ھەر كېچە كۆرىمىز بىرلا يۇلتۇزنى.

    ئىشقىم ئاسمىنىدىن كۆتۈرۈلگەن تاڭ،

    ئۆچۈرۈپ تاشلىدى كۆزلىرىمنى.

    تېرەكلەر ئۇچىدا قەدىمىي ناخشا،

    يەنىلا شۇ كۈيگە بېغىشلىنىمەن.

    ئانا دەپ يىغلايدۇ سەبىي بالىلار،

    ھاياتقا كەچكۈزدەك كىرىپ كېلىمەن.

    سەرگەندان خازانلار ئۇچقان كوچىدا،

    توساتتىن مەنىلىك قارايدۇ بىرسى.

    ئۆمۈرلۈك جۈپلەردىن بولۇپ قالىمىز،

    ھېچ كىشى ئاشىق دەپ ئويلىماس بىزنى.

    مەن ئۇلار تەلپۈنگەن بەختكە، گۈلگە،

    ھەۋەستە قايلىرىپ باققان بەندە ئەمەس.

    ئىمتىياز، شۆھرەت دەپ چەكمىدىم پىراق،

    ئارمىنىم ياپراقنى پۇرىسام بىر پەس.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.