ئۇستاز ھەققىدە مۇرەببە

يوللىغۇچى : hotanboy يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-11 00:00:00

باغۋەن دىگەن ئۇلۇغ نامىڭ قەلبىڭدە ئۇستاز،دەستە-دەستە گۈل ئۆستۈردۇڭ تەرىڭدە ئۇستاز .مەرىپەتنىڭ نۇرى چاقنار چېھرىڭدە ئۇستاز،گۈل-غۇنچىلارنى يېتىلدۈردۈڭ مېھرىڭدەئۇستاز .تامچە-تامچە سۇ قوشۇلۇپ دەر...



    باغۋەن دىگەن ئۇلۇغ نامىڭ قەلبىڭدە ئۇستاز،

    دەستە-دەستە گۈل ئۆستۈردۇڭ تەرىڭدە ئۇستاز .

    مەرىپەتنىڭ نۇرى چاقنار چېھرىڭدە ئۇستاز،

    گۈل-غۇنچىلارنى يېتىلدۈردۈڭ مېھرىڭدەئۇستاز .

     

    تامچە-تامچە سۇ قوشۇلۇپ دەريا بولۇر تىز ،

    ئېقىنلاردىن ھاسىل بولۇر كەڭ ئەزىم دېڭىز .

    ئەجىر ئەمگەك بەدىلىدىن مول-ھوسۇل ئېتىز،

    كۆچەت –بوستان مېۋە بەردى تەرىڭدە ئۇستاز.

     

    باھار بىلەن سۆيۇندى جىمى تەبىئەت،

    باھاردىنمۇ ئىللىق بىزگە بىلىم –مەرىپەت .

    بىلىم بىلەن بىز تاپارمىز روناق –كامالەت،

    بۇ خىتابىڭ مەڭگۈ ماڭا ئابىدە ئۇستاز.

     

    بۇ ھېكىمەتتىن يولۇم يورۇق نەگىلا باراي ،

    مەيلى شەھەر-سەھرا ،ئىدىر ،يايلاقتا بولاي .

    ئوبرازىڭدىن ئايان بولدى گويا نۇرلۇق ئاي،

    قانچە قىلسام ئازلىق قىلار ھەققىڭگە ئۇستاز. 

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.