مۇزلىدى (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : ۋەلى يوللىغان ۋاقىت : 2013-06-16 21:55:07

بۇ شىئېر 1933-يىلى 1-ئايلاردىكى تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن شۇ يىلى 2- ئايلاردا يېزىلغان

    مۇزلىدى

    (بۇ شىئېر 1933-يىلى 1-ئايلاردىكى تۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن شۇ يىلى 2- ئايلاردا يېزىلغان)

     

    سوغ زىمىستان قەھرىتاندا يولدا داۋان مۇزلىدى،
    پوتلا چېرىك يولغا چىقتى، چىقتى بوران مۇزلىدى.
    قار _ شىۋىرغان ئۇردى_ سوقتى، بولدى سەرسان مۇزلىدى،
    لىيەنجاڭۇ يىڭجاڭى جىڭگوك بولدى ۋەيران، مۇزلىدى.
    پاختىلىق تامبال ئىچىدە جايى پىنھان مۇزلىدى.

    جىڭ شۇرېن غەزەپ بىلەن ھەربىيگە بۇيرۇق قىپتۇمىش،

    << تۇرپانلىق زىۋازىلار >>نى جادۇغا باس دەپتۇمىش.
    ئەللىك ھارۋا دادۈي _ رىنما جادۇلارنى ئاپتۇمىش،
    بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا بەشيۈز چېرىك كەپتۇمىش،
    ياۋغا قارشى سوغ كۈچەپ نەچچە چەندان مۇزلىدى.

    مۇسۇل مۇھىت ئاڭلاپ بۇنى، ئۈرۈمچىدىن ماڭدى شۇئان،
    چىقتى چىغ دەڭدىن چېرىك سايئوپىدا سوقتى بوران.

    كەلدى تۇرپانغا خەۋەر، چېرىك ئاشقۇنچە داۋان،

    رۇسلىنىپ <<قارشى ئېلىش >>قا چىقتۇق ئالدىغا تامان،
    تاڭ سەھەر يارغۇل ئارا بۇ ھەربىي پەرمان مۇزلىدى.

    تاقاببىل تۇرۇشقا بىزدە نەيزە_ ئورغاق تەييار ئىدى،
    جاللاتلارنىڭ ئالدىدا بىزگە ھەقىقەت يار ئىدى.
    جان تىكىپ ئاتلاندى يۇرت، توسماق ئۇنى بېكار ئىدى،
    <. توققۇزى رەڭ، بىرى جەڭ>> دېگەن قەدىم سۆز بار ئىدى،
    ئالدىدۇق دۈشمەننى بىز، ئۇر- ئۇردا چاشقان مۇزلىدى.

    بامدات بىرلە رەپىق ھېسامىدىن بولدى شېھىت،
    << رەكەفا بىللا شېھىت>> دەپ رۇسۇلۇم ئاللاغا ئېيت.

    ئەھلى تۇرپان ھازىدا، ئايرىلدى سەندىن ھەي ئىسىت،
    ھەقىقەت قۇربانىسەن، ئاللاھ نېسىپ قىلسۇن بېھىشت،

    كۈنگىمۇ بولدى مۇسىبەت، تۇتۇلدى ئاسمان، مۇزلىدى.


    ئاقارغان تاڭ سۈبھىگە چۈشتى قىزىل قان جىلۋىسى،

    ئۇجۇقۇپ بولدى شۇ كەم پالەچ چېرىكنىڭ ھەممىسى،

    پاك _ پاكىز چۈشتى قولغا ئوق ۋە مىلتىق جەمئىيسى،
    قالدى جان قايغۇسىدا لويى_ ئامبال، توڭچىسى،
    مىسلى كەچ كۈزدە چىۋىندەك ھالىي پەرىشان، مۇزلىدى.

    شېئىرلار شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان <<ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى>> ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.