زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: ئوغلۇم

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-23 09:25:11

ئوغلۇمزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىئەي مېنىڭ كۆز نۇرۇم، ئەزىز، دىل پارەم،يۈرگەنسەن نەلەردە، كىمگە ئەركىلەپ ؟!سەنسىز توك كەتكەندەك قاراڭغۇ خانەم،ھەر ئەسنا تۇرار ئاھ، جاننى ئىكەكلەپ...لالەرەڭ ك...



      ئوغلۇم

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

    ئەي مېنىڭ كۆز نۇرۇم، ئەزىز، دىل پارەم،

    يۈرگەنسەن نەلەردە، كىمگە ئەركىلەپ ؟!

    سەنسىز توك كەتكەندەك قاراڭغۇ خانەم،

    ھەر ئەسنا تۇرار ئاھ، جاننى ئىكەكلەپ...

     

    لالەرەڭ كەچمىشتىن ئىزدەيمەن سېنى،

    ھەر قەدەم ئۆزۈمنى دەسسەپ مىڭ قېتىم.

    قايغۇرسام بۈگۈندىن، ئەتىنىڭ غېمى،

    سەۋدادىن ھېچ يىراق ئەمەس بۇ بېشىم...

     

    تەن ئالدىم تەقدىرنى، بىراق شۇندىمۇ

    سەل بولۇپ كۆز يېشىم ئاقتۇرار مېنى...

    نالە قىپ ھوقۇشتەك كۈن چىققاندىمۇ،

    تىلەرمەن ئاللاھتىن: ساقلا، دەپ سېنى.

     

    ئىھتىمال، سەن غېرىپ كۈنلەر كۆزىدە،

    كىملىكىڭ كىملەرنى قىلغاچقا بىدار...

    ھەسرەتلىك تىنىقلار سالغانچە گېرە،

    تۇيۇلار ئالدىمدا تۇرغاندەكلا دار...

     

    رەزىل بىر چۆچەكتەك ئاڭلىنار بۈگۈن،

    مەن خۇشلۇق ئىزدىگەن ئازغۇلۇقلۇرۇم.

    تۆبەمدىن يېشىلگەن بولسىمۇ تۈگۈن،

    پەسەيمەس ئەجەپ ھە، دىل خۇنۇقلۇرۇم.

     

    ئىقرارمەن، ئالدىڭدا يۈزۈم رو-سىياھ،

    شۇندا ھەم كۈن ئۆتمەس ئەسلىمەي سېنى.

    پەقەتلام ھەققىڭدە قىلارمەن دۇئا،

    باغلىغاچ ئىمكانسىز رېئاللىق مېنى...

      

    لاغەرمەن شۇ قەدەر، ئاجىز، دىل سۇنۇق،

    ياشارمەن« ئۆتەر ھەم بۇ كۈنلەر» دېبان!

    ۋە بەرگەچ ئىشەنچىم ئاللاھقا تولۇق،

    ئويلايمەن: «ئۆلتۈرگەن، تىرگۈزەر ھامان...»*

    *«اللە جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن تىرگۈزىدۇ...»(سۈرە بەقەرە 28-ئايەت)

     

    2012-يىل 23-يانۋار   ئۈرۈمچى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.