يۈرىكىڭدە مەن سالغان ئىز بار (سەيدۇللا)

يوللىغۇچى : s.firdawis يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-08 23:28:00

يۈرىكىڭدە مەن سالغان ئىز بار... سەيدۇللا ھازىرمۇ ئەسلەيمەن سېنى قايغۇرۇپ،بىر ئاچچىق ئۆتمۈشتە تىترەيدۇ ئەتراپ.قەلبىمنىڭ ئەڭ پىنھان بىر جايلىرىداھېلىھەم بىر تال چوغ تۇرار يىلىنجاپ. ئېھ ياغاچ ئور...

    يۈرىكىڭدە مەن سالغان ئىز بار...
               سەيدۇللا

    ھازىرمۇ ئەسلەيمەن سېنى قايغۇرۇپ،
    بىر ئاچچىق ئۆتمۈشتە تىترەيدۇ ئەتراپ.
    قەلبىمنىڭ ئەڭ پىنھان بىر جايلىرىدا
    ھېلىھەم بىر تال چوغ تۇرار يىلىنجاپ.

     ئېھ ياغاچ ئورۇندۇق، جۈپلەشكەن لەۋلەر،
    تۇيغۇمدا قايتىدىن بولىدۇ زاھىر.
    قارلىق يول ئۈستىدە كۆيگەن بىر جۈپ تەن
    ئەبەدىي ئۇنتۇلماس مۇڭلۇق دىكابىر...

     ئاشۇ كۈن يىرىلدى مۇھەببەت چاك-چاك
    ھاۋادا كۆيمەكتە پۇلاڭلىغان قول.
    سىياقىڭ ئايلانغان چاغدا چىكىتكە،
    رەھىمسىز تەقدىرنى قىلدىممەن قوبۇل.

     ئىسىڭگە كىلىدۇ ئۇنتۇلغان سۆيۈش
    بىر كۈنى ئۇچرىشىپ قالساق تۇيۇقسىز.
    تاماكا كۆيدۈرسە مېنىڭ قولۇمنى،
    چىشلەنگەن لەۋلىرىڭ ئىچىشار پىژ-پىژ...

    [admin تەستىقلىدى . 2010-3-29 22:34:21]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.