شېئىرغا ئامراقلار ئوقۇڭلار!

يوللىغۇچى : hasrat يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-04 18:02:00

كۇندە يېڭى گەپ تۇرار تاشلىنىپ ،يىلدا يېڭى كۇي بولغاندا مۇدا ،ئۆزگەردى دۇنيا كۆپ دىدۇق ۋەلىكىن ،كەم ئەمەس تۇرمۇشتا ئاچال ۋە دوقا . كۆپ ئىشلار ھاجەت ئەمەس باش قاتۇرۇشقا ،ئەنسىرەپ يۇرگەن ئىش يۇ...

    كۇندە يېڭى گەپ تۇرار تاشلىنىپ ،
    يىلدا يېڭى كۇي بولغاندا مۇدا ،
    ئۆزگەردى دۇنيا كۆپ دىدۇق ۋەلىكىن ،
    كەم ئەمەس تۇرمۇشتا ئاچال ۋە دوقا .

    كۆپ ئىشلار ھاجەت ئەمەس باش قاتۇرۇشقا ،
    ئەنسىرەپ يۇرگەن ئىش يۇز بىرەر بەك ئاز ،
    ھەسرىتىم ،دەتلىرىم بۇزمىسۇن ئەسلا  ،
    بۇ گۇزەل كىچىنىڭ كەيىپى نەك ساز.

    +++++++++++++++++++++++

    ئاي نۇرى قۇينىدا كۆلەر ياسىمەن ،
    زېمىندا تەۋرىنىپ ئۆزەر ئاي كىمە ،
    دىلىمىزدىن چىقىرىپ تىلەيلى ؛ تۇرمۇش -
    بولسۇنچۇ ياخشىراق ئاسايىش يەنە .

    ++++++++++++++++++++++++

    كۇلكە ياغار كۆزلەردىن _كۇلكە ياغار ،
    كۇلكە ياغقان كۆزلەردە مۇھەببەت بار،
    كۇلۇپ باقساڭ ئالەمگە ھەر دەقىقە ،
    بار مەۋجۇدات ساڭىمۇ كۆلۇپ باقار .

    +++++++++++++++++++++++++++++++

    ئەسلىنىسەن نۇر سۆيسەڭ نۇر قەلبىدە ،
    ئۆركەشلەيدۇ دەريامۇ سىنىڭ ئۈچۈن ،
    چىراغ بولۇپ يېقىلساڭ دىل قەسىرگە ،
    يېشىلىدۇ يېشىلمىگەن سانسىز تۇگۇن .

    ++++++++++++++++++++++++++++

    باقىي ئەمەس ھېچكىمگە ھايات دېگەن ،
    كەتتى تالاي ئەركەكلەر ئەستىن چىقىپ ،
    كىملەر باھار ،كىملەر گۇل،كىملەر تىكەن ،
    كەلدى تارىخى بىر _بىرلەپ باھا بىرىىپ .

    +++++++++++++++++++++++++++

    شۇڭا دەيمەن كۆزلىرىڭ كۆلۇپ تۇرسۇن ،
    كۈلكە بەرگىن ئۆزگە ھەم ئۆزگىلەرگە ،
    شەيتىنىڭنى ئادىمىيلىك سۆرۇپ تۇرسۇن ،
    يەتكىن ھامان ھاياتىڭنىڭ قەدىرىگە .

    مەنبە:ھەسرەت

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق