بىر كۈنى(مۇھەممەدجان راشىدىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-25 02:10:42

بىر كۈنىمۇھەممەدجان راشىدىنبالاڭ ئازسا،ئاھ ئۇرما، يول تاپىدۇ بىر كۈنى، ئامان بولسا، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى. خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن، ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ ب...

    بىر كۈنى
    مۇھەممەدجان راشىدىن



    بالاڭ ئازسا،ئاھ ئۇرما، يول تاپىدۇ بىر كۈنى،
    ئامان بولسا،  ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى.
    خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،
    ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.
     
    گەدەنكەشلىك ھېچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا،
    ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى.
    ئات بولغۇچە ئاساۋتاي ھەر يان چاپسا چاپمامدۇ،
    ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۇك ئارتىدۇ بىر كۈنى.
     
    «ئاق»نى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇس-پۇشايمان،
    قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى.
    كوچىلارغا تۈن بويى بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر،
    چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى.
     
    تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
    ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى.
    بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائېتى بار، ۋاقتى بار،
    خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ، ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى.
     
    كۆندىرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى،
    شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى.
    بىز ئوينىغان نۇرۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ،
    ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى،
     
    پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا،
    يۈرىكىڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.
    سەنمۇ ئاتا -ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ،
    ئوغۇل- قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى.
     
    شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،
    ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى.
    يامان دېسەڭ بالاڭنى، كىم بىرىدۇ ياخشىنى،
    ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.