دېڭىزنىڭ چۈشى

يوللىغۇچى : kamal يوللىغان ۋاقىت : 2008-05-20 18:02:00

دېڭىزنىڭ چۈشى دېڭىزنىڭ چۈشى تالاي ئەسىر ئۇيقۇلاردا مەست بولغان دېڭىزدا، مارجىنىنى ئۇنتۇپ قالدى شۇ چىرايلىق بىلىقلار. شاماللاردىن قۇۋۋەت ئېلىپ مېڭىشىدۇ پىقىراپ، قىرغاقلاردىن ئۇزاپ كەتكەن لاي...

    دېڭىزنىڭ چۈشى

         دېڭىزنىڭ چۈشى تالاي ئەسىر ئۇيقۇلاردا مەست بولغان دېڭىزدا، مارجىنىنى ئۇنتۇپ قالدى شۇ چىرايلىق بىلىقلار. شاماللاردىن قۇۋۋەت ئېلىپ مېڭىشىدۇ پىقىراپ، قىرغاقلاردىن ئۇزاپ كەتكەن لايدىن پۈتكەن قېيىقلار. چاقماق چاقسا يالتىرايدۇ قاشتېشىدەك بۇ زىمىن، تەكلىرىدە يىغلاپ تۇرار ئۈڭى ئۆچكەن يېزىقلار. ئورمانزارلار گاڭگىرىدى پەسىللەرنى بىلەلمەي، شامال كەلسە ئاڭلىنىدۇ ئۇندىن مىسكىن چاۋاكلار. پەرۋاز قىلار كۆك ئاسماندا بىلىق ئالغۇچ بەك لەرزان، ئولجا ئۈچۈن قاناتلىرى ۋەھىمىلىك پالاقلار، دىڭىز پات-پات مەسلىكىدە يىنىك دولقۇن ئاتىدۇ، قۇملار كۈچەر شامال ئۇنى ئالدىرىماي ۋاراقلار. I مۇسەللەسكە چىلاپ قۇيۇپ يۈرىگىنى بىر بۇۋاي، شەھرىزاتقا مەي تۇتماقتا،ئالتۇن –كۈمۈش قەدەھتە، قىسسە سۆزلەر بۇ بۇۋاينىڭ تىلىم-تىلىم يۈزلىرى، ئارخىئولوگلار قاراپ تۇرار ئاڭا ھەممە تەرەپتە. شەھرىزاتنىڭ چۆچىكىدىن ئىرىپ كەتتى بۇ بۇۋاي، بىر دەرياغا ئايلاندى ئۇ ئېقىپ كەتتى بىر پەستە. موزىيلاردىن ئۇرۇن ئالدى ئەشۇ ئالتۇن قەدەھلەر، قەدەھتىكى قىزىل يۈرەك تىپىرلار ھەر نەپەستە. قوللىرىدا لوپا ئەينەك قاراپ تۇرار بىر كىشى دىڭىز ئوخشاش دولقۇنلىغان قۇملۇقلارغا ھەۋەستە. II كىپەنلىكنى كىيىۋالدى دېڭىزدىكى بىلىقلار، ماتەم تۇتۇپ ئۆركىشىدىن ئايرىلغان بۇ ئېقىنغا. ئەسىر بولدى سۈكۈتلەرگە تاشقا ئايلانغان دىڭىز، ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى ئاڭلانماس بۇ يېقىنغا. بەك يىراقتا قالدى بەلكى ئاتلىقلارنىڭ ھەيۋىسى، «يەجۈجىلەر»ۋەھىمىسى سىڭىپ كەتتى جاھانغا. ئاسمان كۆزلەپ ئۇچقان ئاتلار ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە، ئايلاندىغۇ بۈگۈن ئاخىر «ئەخمەتشاھنىڭ ئېتىغا» يىپەك يۇلى تاماملىدى ناخشىسىنى ئات بىلەن، مىراسىنى سېلىپ قويدى قۇملۇقلارنىڭ قېتىغا، بارخان-بارخان قۇملۇقلاردا ئېقىپ يۈرەر رىۋايەت، تىلسىماتلار قۇنۇۋالغان قۇملۇقلارنىڭ شېخىغا. III شەپەقلەردىن كىيىم كىيگەن پەرىزاتلار ناخشىسى، چاڭ كەلتۈرەر كەڭ دالانى خوشلۇق بىرىپ ھەممىگە. بارچە ئۇزلۇق كەشتىلەنگەن بىر پارچە گۈزەل دۇنيا، نازاكەتتە كۈڭۈللەرنى سالار دائىم لەرزىگە. پەيغەمبەرنىڭ كۆڭلىدەك بەكمۇ سۈزۈك قاشتېشى، سۈزۈكلۈكنى تارىتار ئادەملەرنىڭ قەلبىگە. گۈل چەككەن پىشايۋانلار قۇشلارغا بۇلار ئۇۋا، گۈزەل-سەنئەت ئەسلىدە ئوخشار باھار پەسلىگە. ھەر نەرسىدە بىر بىزەك،گۈزەل-سەنئەت نامايان، يەتكەن ئىكەن بۇ دېڭىز گۈزەللىكنىڭ ۋەسلىگە. تارىخ سۆزلەپ ھىكايە،ئۇنتۇلدۇردى ھەممىنى، ئۇخلاپ كەتكەن بۇ دېڭىز،قايتالمىدى ئەسلىگە. يەلكىسىگە تەگمەكتە مەدىنىيەت ئوقلىرى، يىغلىماقتا تەمتىرەپ غېرىپلىقنىڭ دەشتىدە. IV قاچالمىغان ھەرنەرسە،ئۆتكۈر كۆزلەر نۇرىدىن، نۇر چاچاتتى ھەر كىچە رەسەتخانا پەشتىقى. تەبىئەتكە سىڭىپ كەتكەن شۇ ئەسەبى قىزغىنلىق، چىچەكلەيتتى ھەر سەھەر ھەقىقەتنىڭ مىۋىسى. تەبىئەتتىن ھىكمەتنى ئىزدەر ئىدى سەيياھلار، ئىزلار تامان چاچرايتتى،مەرىپەتنىڭ جىلۋىسى. سۇ،ئوت،تۇپراق ھەم ھاۋا بولغانىدى مۇجەسسەم، ئالتۇن بىلەن بىزەلگەن،مەرىپەتنىڭ بەتلىرى. شاماللاردەك تىز ئۆتتى،ئەشۇ قىزغىن ھاياتلىق، يۇقاپ كەتتى شۇنچە تىز،مەرىپەتنىڭ ھەيۋىسى. يىگىلەشكە باشلىدى مەرىپەتنىڭ مىۋىسى، تاراپ كەتتى جاھانغا «بۇخارانىڭ ئۇيقۇسى» تەپرىقلەردىن ياسالغان،قېىلىچ نەيزە توقماقتا، ئېغىرلىشىپ باردى ھەردەم مەدىنىيەت يەلكىسى. ئۇلۇغبىكتەك ئالىملار ئارمىنىغا يەتمىدى، قۇرۇپ كەتتى پەرۋىشسىز سەمەرقەنت ئالمىسى. مەرىپەتنىڭ ئۇچقۇنى چاقناپ تۇرار ھازىرمۇ، قۇملۇق ئىچرە سۆزلىنەر،مەدىنىيەت كەچمىشى. V كائىناتنىڭ بۈرجىكى سۆزلەر ئىدى رىۋايەت. جىمجىتقىنە ئاڭلايتتى قېرىپ كەتكەن بۇ قۇملۇق، ھەممە نەرسە ئىزدىگەن يىلتىزىنى بۇيەردىن، چىقىراتتى سەيياھلار توغراق تۈۋىدە ھاردۇق. سېخى ئىدى نامراتتەك،كۈرۈنگەن بۇ باياۋان، ھەتتا ئۇنىڭ مەرتلىكى ھەزرەت ھاتەمدىن ئارتۇق، ئالەم بىلەن سىردىشىپ،داۋا ئىزدەپ ئۈزىگە، تىبابەتنىڭ ئىلىمىگە چاچقان ئىدى زەر ئۇرۇق. ھەر قامۇسلار يېزىلغان،جەسەتلەرمۇ يېرىلغان، ھەم دۇرىغا ئايلانغان پىننە بىلەن گۈلسۈرۈخ. ساقايتىلغان ھەر كىسەل گۈللەنگەچكە تىبابەت، ساقايتىلغان ھەتتاكى ساقايمىغان ھەر سۇنۇق. چىمەنقۇلنىڭ دۇرىسى،داۋالىشى ئاستىدا، ساقايغانتى تاڭ گاۋزۇڭ ئەشۇ كىسەلدىن تۇلق. ھىكمەتكە باي،قىپقىزىل قۇمدىن پۈتكەن بۇزىمىن، دىللار شۇڭا ھەمىشە كۈن نۇرىدەك يۇپيۇرۇق. ئەسىر ئۆتتى قۇم كۆچتى،ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ھەممە نەرسە كۈمۈلدى،ئېچىلىشقا دەرمان يوق. لوقمان ھەكىم دىللارنى داۋالايدۇ تېخىچە، ئەجدات ئىزى ئۆچمەيدۇ،ئۈمىتلەر زور،كۈڭۈل توق. VI قەلبى ئوتتەك كۈيەتتى دىڭىزدىكى جانلارنىڭ، تەڭشەكلەردە پارلايتتى ئادىمىيلىك تۇيغۇسى. مۇھاببەت ۋە ئىتىقات نۇر چاچاتتى ھەممىگە، زاھىر بۇلۇپ تۇراتتى خۇشاللىق ۋە قايغۇسى. مۇراسىملار بايراملار،ئۆرپ-ئادەت ۋە سەنئەت، بىر ئېرىقتا ئاقاتتى،تەڭكەش بۇلۇپ ھەممىسى. ھىس-تۇيغۇلار ئۇچاتتى،پەرىشتىنىڭ نۇرىدا، كۈندەك پارلاپ تۇراتتى،ناخشا-ئۇسۇل يۇلتۇزى. گۈل-گىياھلار،ئورمانلار،تاغ-دىڭىزلار،دەريالار، بىرگە مەشرەپ ئوينايتتى،كىچە قانماي كۈندۈزى. ئون سەككىزمىڭ ئالەمنى سۈيۈپ ئۆتكەن مىھرىدە، قۇملۇقلارنىڭ جىلۋىگەر شۇ ساماۋى ناخشىسى. تارىخ تاسقاپ ھەممىنى،كۆمدى قۇملۇق تىگىگە، جاراھەتلىك قەلبتە،قالدى ئۇنىڭ ھەسرىتى. كونا چاپان ئىچىدىن يامراپ تۇراتتى سەنئەت، ئادەم بىلەن ھاۋانىڭ تۇيىدىكى چاچقۇسى. مەڭگۈ ئۆچمەس بۇ سەنئەت،يۇلتۇزى ئۇ تارىخنىڭ، بىزگە چىنلىق تۇيغۇسى ۋە كامالەت قوشقۇسى. VII بۇ دىڭىزنىڭ ناخشىسى باشلانمىغان زاماندا، قەبرىگاھلار ئىچىدىن يامراپ تۇراتتى سەنئەت. قەلئەلەردە چىمەنلىك تەسۋىرلىرى چاقنايتتى، قۇملۇقلارغا شاماللار گۈل سىزاتتى كارامەت. ساكيامۇنىنىڭ روھى تۇغدى نۇرغۇن بۇد-سەنەم، مىڭئۆيلەردىن چاقنايتتى سەنئەتتىكى پاراسەت. ئەۋزەللىك بۇلاقلىرى تۇرار ئىدى بۇلدۇقلاپ، ھەيكەللەردىن تارايتتى ئەتراپلارغا مۇھەببەت. تاملاردىكى سۈرەتلەر پىچىرلايتتى بىزلەرگە، «يۈتمىسۇن چىڭ تۇتۇڭلار سەنئەتتىكى كامالەت» گۈمبەز،مىھراپ،راۋاقلار،گۈل چەككەن پىشايۋانلار، بىزنى دائىم جەننەتكە قىلار ئىدى دالالەت. شەيتان كىردى بىھىشكە،ۋەيران بولدى ھەممىسى، نەچچە ئەسىر سەنئەتكە بۇلۇپ كەتتى قىيامەت. يىڭى ئەسىر گۈدۈكى چېلىندى بەك شىددەتلىك، ھەرگىز قاراپ تۇرمايلى يوقتۇر بىزگە شاپائەت. بىرلەشسۇن ئۆتمۈش ھازىر،قۇملۇقلارنىڭ باغرىدا، ھىدايەتنىڭ نۇرىدا يۇقاپ كەتسۇن جاھالەت. VIII تارىخ شاخلاپ چىقاتتى قەدىم تەكلىماكاندىن، ئەشۇ شاختىن پۈرەكلەر،سەنئەت يۇپۇرماقلىرى. قەلەم ئۇندا چىچەكلەر،سىياھ قىلىپ ئارماننى، ھىكمەتنى بايان ئەيلەر،چۆللىرى يايلاقلىرى. ئەپسانىدىن باشلىنىپ قىيامەتكە سۇزۇلغان، بۇ قەدىمى كارۋاننىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك سەپلىرى. چىنىستانى ئىلىكبەگ قورقۇتماقتا جىنلارنى، مەڭگۇ تاشتىن چېقىلار تارىخنىڭ چاقماقلىرى. ئىبادەتخانىلاردا ئۇقۇلدى نوم سۈترىلەر، پانى دۇنيا ئۇنتۇلدى قۇرىدى تامغاقلىرى. ئارستوتىل تۇغۇلدى،چۆللۈكلەردە قايتىدىن، پەلسەپىنىڭ يۇلىغا يول ئالدى تايچاقلىرى. جاھان كەزدى قەشقىرى لوغەت تۈزۈش كۇيىدا، لەيلەپ چىقتى كىتاپقا،سۆزلەرنىڭ قايماقلىرى. «قۇت»نى قۇشار«بىلىك»كە،ئوردىدىكى خاس ھاجىپ، ھەق يۇسۇندا ياسالدى ئادالەت قونداقلىرى. پەرھات شىرىن سۆيگۈسىنى،ئۇلغايتتى ئەلشىر ناۋايى، ئايان بولدى،گۈللەرنىڭ تۈۋىدە يانتاقلىرى. جاھالەتنىڭ پىرلىرى،ئەلەم تىكلەپ روھلارغا، باشلاندى نادانلىقىنىڭ مەنىسىز چاقچاقلىرى. VII جاھان كىزەر دولقۇنلار گاھى مىھمان،ساھىبخان، ئادىمىيلىك مىھرىدە،كۈلدۈرەتتى ھەممىنى. ساخاۋەتنىڭ گۈلشىنى،پۈركەنگەنتى چىچەككە، ھەممىگە تەڭ تۇتاتتى قاشتېشىدەك قەلبىنى. قۇملۇقتىكى خەلقنىڭ قەلبى شۇنداق سۈزۈكتى، ئەسىلىتەتتى كارۋانغا قىشتا باھار پەسلىنى. ياخشى تائام،ياخشى سۆز،ياخشى روھى كەيپىيات، رازى قىلغان ھەرزامان،ئادىمىزات نەسلىنى. دوقمۇش،دوقمۇش يوللاردا،ساخاۋەتلىك چايخانا، ساقلىغانتى ھەقىقى ئادەملىكنىڭ مىھرىنى. چاقناپ تۇرغان قۇملۇقتا چىن ئىنسانلىق جۇلاسى، لى بەي،دۇفۇ،بەي جۇيى يازغان نۇرغۇن نەزمىنى. دىڭىز يەنە چۈش كۆردى،ئىبلىس كىردى بىھىشكە، پۇل-مال بىلەن ئۆلچىدى ئىنسانلىقنىڭ نەرقىنى. شەيتانلارنىڭ جىلۋىسى قاماشتۇردى كۆزلەرنى، ھەقىقەتنىڭ گۇمراھنىڭ بىلەلمىدى پەرقىنى. X ھۇما قۇشى يۇقالماس،باردۇر چۇقۇم بىر يەردە، بەلكى كۈندەك رۈشەندۇر،ماڭغان ھەربىر قەدەمدە. تەپەككۇر گۈلشەنىدە سايرىغانتى بۇلبۇللار، ئۇلۇغ يوللار ئېچىلغان،بولغاچ ھەممە ھەمدەمدە. ئۈچ ماكان ۋە ئۈچ زامان ئۇيۇقلارغا تىزىلدى، ئېزىقىشلار يۇقالغان ئۇ كۈتۈرگەن ئەلەمدە. بارچە دىنلار يۈرەككە ئاتەش بۇلۇپ تۇتاشقان، ھەقنى ئىزدەش يۇلىدا بولغان ئۇلار بەخشەندە. چۆللەر ئارا بىھىساپ،يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى بار، جاھالەتلىك زاماندا كۈرەش قىلغان قەلەمدە. تۆت ئەتراپى ئىگىز تاغ،چۆللۈكلەرنىڭ ئارىسى، دائىم يۇرۇپ تۇراتتى،ئۇ كۈتۈرگەن مەشئەلدە. پەلەك چاقى چۆرۈلدى،قىسمەت تەتۈر ئايلاندى، يۇلتۇز كۆچتى بۇيەردىن،چۈمۈپ كەتتى زۇلمەتكە. تۇغلەم تىكلەپ روھلارغا،تاۋاپ قىلىپ ھەر زامان، كىيىۋالدى ئۆشنىگە ،پاسكىنا كۇلەھ جەندە. زەئىپلىكنىڭ پۇرىقىدا زەھەرلەندى تەنلىرى، غايىسىزلىك كۇچىسىدا يىغلاپ قالدى ئەلەمدە. بۈيۈكلۈكنىڭ ھىدى بار،ئۈزۈپ باقساڭ دىڭىزدا، ئىلىمسىزلىك داغلىرى ئۇيۇپ قالغان ۋەتەندە. 11 يۈكسىلىشنىڭ شۇئارى ،چاقىرسىمۇ ۋەتەننى، ئۆتمۈش مەھكەم قۇچاقلار قەدىم تەكلىماكاننى. بىپەرۋالىق ئىلكىدە يېنىپ تۇرار يۇلتۇزلار، قۇياش كۈيۈپ ئاسماندا يۇرۇتسىمۇ جاھاننى. مۇزىيلاردا چاقنايدۇ،قۇمدىن پۈتكەن بۇ زىمىن، سورىسىمۇ شاماللار مەست بولغان زاماننى. ئەسلىشىمىز ھازىرمۇ،ئىپتىخارلىق ئىچىدە، قۇغۇرسۇنىڭ يايلىقىدا ئۈنگەن لالە رەيھاننى. ئۈنچە-مارجان ئاققان ئىدى،قەدىم يىپەك يۇلىدا، قۇملۇق خەلقى قۇملۇقتا،ئەھيا قىلغان بوستاننى. مىھرى-ۋاپا ساداقەت،كۆكلىگەنتى يۈرەكتە، ئەلسۈيەرلەر قېلىچتا يازغان نۇرغۇن داستاننى. ئەسلىسەكمۇ ئۆتمۈشنى،سېغىنىشلار ئىلكىدە، ئەجداتلارغا تەئەللۇق،شۇ گۈللەنگەن زاماننى. بۈگۈن بىزگە تەئەللۇق،بىز بۈگۈندە ياشايمىز، ئىزدەش بىزگە بەك زۈرۈر،يۇقاپ كەتكەن ئارماننى، رىئاللىقنىڭ ئالدىدا تۈگىقۇشتەك باش چايقاپ، ئۆتمۈشكىلا سېغىنىپ،ئېسىۋالدۇق قالقاننى. قۇملۇقلاردەك چاڭقاق روھ،لەيلەپ يۈرەر بۇ يەردە، تاپالمايمىز بىزلەردەك جاھالەتتە قالغاننى. ۋاراقلىساق تارىخنى،ئېچىنىشلىك كەچمىش بار، كۈرىمىزكى ئۇنىڭدىن كاللا مۇنار سالغاننى. دەرتكە تۇشار يۈرەكلەر،ئاققان قانلار بەھرىدىن، كۆرسەك ئادەم قېنىدىن ھەر-ھەر تۈگمەن ماڭغاننى. تارىخ باسقان تامغىدۇر،قىسمەتتىكى گادايلىق، ئايرىيالماي قالىمىز،راست بىلەن يالغاننى. شىر يولۋاسلار بولمىغاچ،قەدىم تەكلىماكاندا، ھار ئالمايمىز خەلقنىڭ يۇۋاش بۇلۇپ قالغاننى. XII ئازاتلىق ۋە ئەركىنلىك نۇرى ئىچرە تۇرسىمۇ، ئازاپلاردىن چاك كەتكەن،بۇ قەدىم تەكلىماكان. روھلارنى چىرماپ تۇرار،جاھالەتنىڭ زەنجىرى، ئەندىشلىك چۈشىدە ئۇخلاپ ياتار بۇ زامان. چۈشلەر ئارا سىلكىنەر ئۆتمۈشلەردىن قالغان چۈش، دىلغا سايە تاشلايدۇ،قاباھەتلىك ئۇستىخان. تارىخىمىز بېتىدە ئېچىنىشلىق كەچمىش بار، ئەندىكىشلەر ئىچىدە تاردەك بىلىنەر جاھان. بۇ تارىختىن قالغىنى پەقەت چۈشتەك ئەسلىمە، ھىس-تۇيغۇلار ئىچىدە جىمجىت ياشايدۇ ئىنسان. شاۋقۇن سۈرەن يوق شۇڭا،ئۇسساپ كەتكەن دېڭىزدا، بىلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇخلاپ تاشقا ئايلانغان. داۋاملىشىپ كىلىدۇ بىزگە دائىم سايىدەك، قەلبىمىزدەك چاڭقىغان،چەكسىز كەتكەن باياۋان. چۈش كۈرىدۇ بۇ دېڭىز،تەڭكەش بۇلۇپ ھەۋەسكە، دىل بىلەن تەڭ بۇلغىنىپ كىچىكلەيدۇ بۇ ماكان. تۈگىدى

    [admin تەستىقلىدى . 2010-3-31 13:17:15]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق