ئىككى شېئىر(دولقۇن جاپپار)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-02 09:12:22

ئىككى شېئىردولقۇن جاپپارئەخمەتجان تۇرۇپ يازغىلى سالغان شېئىر(ئەخمەتجاننىڭ «ھاياتقا يۈزلىنىش» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ)بۈگۈنگە تاشلىنىش گەر ① بەخت بولسا ،تاشلانغىن تەپتى يوق ئوتقا ، ئۇچقۇنغا .ئە...

    ئىككى شېئىر
    دولقۇن جاپپار



    ئەخمەتجان تۇرۇپ يازغىلى سالغان شېئىر

    (ئەخمەتجاننىڭ «ھاياتقا يۈزلىنىش» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ)

    بۈگۈنگە تاشلىنىش گەر ① بەخت بولسا ،
    تاشلانغىن تەپتى يوق ئوتقا ، ئۇچقۇنغا .
    ئەتىنىڭ باغرىدا پىچىرلانغان سۆز-
    ئايلانغىن دېمەپتۇ سېنى گۈلخانغا .

    جەسەتلەر قىستىسا سېنى تۆت تامدىن ،
    رېئاللىق ئالدىدا جان بەرمە ئاسان .
    روھ پەسلى بۇنىڭدەك تولماس جىلۋىگە ،
    تېنىڭدە تۆت تال تۈك تۇرسىلا ئامان .

    تۇغۇلغىن قايتىدىن ، كەل قولۇڭنى بەر ،
    توپا چاچ رەھىمسىز رەسۋالىقىڭغا .
    يا بىز دار ، ياكى بىز دارنىڭ ئالدىدا
    ۋە ياكى بارخانلار چوڭقۇرلۇقىدا.. .
    شېئىر يازمىقىڭ ھەقتۇر بۇرادەر ،
    قان بىلەن ھەر ئىككى دۇنيالىقىڭغا .

    يەنە قىش كەلدى

    ئايالىم كىرىپ ئىشىكتىن ،
    ئۈششۈك چۈشۈپتۇ ، دېدى .
    ئوغلۇم غازاڭلارغا بولۇپ ھەيران
    بىرسى دەرەخنى ئۇرۇپتۇ ، دېدى .

    تېخى مەن باھار ھەققىدە ھېچنېمە يازمىغان ،
    ياز سۈرىتىنى ھېچنېمىگە سىزمىغان .
    ئېيتىپ بەرمىگەن ئوغلۇمغا چوكانتاللارنى ،
    بوران ئات ئېغىلى ئالدىدا كىكەچلەپ قالغان.. .

    بازار ، رەستىلەرنى ئايلىنىپ ئاخىر
    تۆمۈرچىنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم بىرپەس .
    كىشەن سوقۇۋېتىپتۇ بىرنەچچە بالا
    قاچتى قەلبىمدىن بازغانغا ھەۋەس .
    غازاڭدەك سارغىيىپ يېتىپتۇ سەندەل ،
    قۇشلارغا ھىجىيىپ تۇرۇپتۇ قەپەس.. .

    ئايلىنىپ توختىدىم مال بازىرىدا ،
    ماللار سېتىلماقتا ، ماللار ساتماقتا .
    ئېرىكلەر قەددىنى رۇسلاپ
    قوچقارسىز بازاردا ماختانماقتا .

    كىتاب ساتقۇچى بودەك قىز ،
    «ئەرلەرنىڭ سىرى»نى ئوقۇۋېتىپتۇ يالغۇز .
    تەييار چۆپ تالىشىۋاتقان بالىلار
    قىلىقلىرى بەك ئوماق ، بەك ئۇز .

    قىش كەپتۇ ، دېدىم
    جۇۋامنى قايتىدىن يېپىنچاقلىدىم .

    ①-(بۇ شېئىر «كروران» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىلى 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.