خاتىرەمدىكى شېئرلار

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-24 15:26:00

سۆيگۈگە ئىزاھات:سۆيگۈ دېگەنيۈرەكتىكى تاتلىق پىچىرلاش.ئىنتىلىش ۋە نازلىق يېتىرقاش.سۆيگۈ دېگەنجۈپ قارچۇقتا يېنىپ تۇرغان ئوت.قالىبلەرنىڭ غەزىنىسىدە ،چاقناپ تۇرغان بىر ئېسىل ياقۇت.سۆيگۈ دېگەنجۈپ ...

    سۆيگۈگە  ئىزاھات:
     سۆيگۈ دېگەن
     يۈرەكتىكى تاتلىق پىچىرلاش.
    ئىنتىلىش ۋە نازلىق يېتىرقاش.
    سۆيگۈ دېگەن
    جۈپ قارچۇقتا يېنىپ تۇرغان ئوت.
    قالىبلەرنىڭ غەزىنىسىدە ،
    چاقناپ تۇرغان بىر ئېسىل ياقۇت.
    سۆيگۈ دېگەن
    جۈپ يۈرەكنىڭ سېغىنىشلىرى،
    بىر-بىرىگە ئىنتىلىشلىرى،
    سۆيگۈ دېگەن باھار چېچىكى-
    قىش ۋە يازدا توزىمايدىغان.
    سۆيگۈ دېگەن جەننەتتىكى گۈل،
    دىماقلاردا گۈپۈلدەپ تۇرغان.
    سۆيگۈ دېگەن ئۇپۇقتىكى يول،
    ماڭسا-ماڭسا تۈگىمەيدىغان.

      خاتىرەمدىكى شېئىرلارنى كۈچۈرگەندە ئەسلى ئاپتۇرنىڭ ئىسمىنى خاتىرلىمىگەنكەنمەن. بىلگۈچىلەرنىڭ يېزىپ قويىشىنى ئۇمۇد قىلمەن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق