تاھىر تالىپ شىئىرلىرى

يوللىغۇچى : ilhamtahir يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-18 04:13:00

سۆيۈپ قالدىم مۇشۇ دۇنيانى تاھىر تالىپ بەردى بىزگە تۈنۈگۈننى ، بۈگۈننى ، راسا توللاپ شاپائەتلىك بۇ دۇنيا . بەردى شىرىن ئۈمىد تولغان تۈگۈننى ، ئىككى قولللاپ ساخاۋەتلىك بۇ دۇنيا . دۇنيا بىزگە ...

          سۆيۈپ قالدىم مۇشۇ دۇنيانى
                    تاھىر تالىپ

     بەردى بىزگە تۈنۈگۈننى ، بۈگۈننى ، راسا توللاپ شاپائەتلىك بۇ دۇنيا .
    بەردى شىرىن ئۈمىد تولغان تۈگۈننى ، ئىككى قولللاپ ساخاۋەتلىك بۇ دۇنيا .

     دۇنيا بىزگە يورۇق بەردى- نۇر بەردى ، ئاش-نان بەردى ، ئالتۇن بەردى ، دۇر بەردى .
    لېكىن ، ئۇنىڭ تەقىسىماتى تۈلكىچە ، ئاز -كۆپ بەردى تاپاۋەتلىك بۇ دۇنيا .

     بىر ئېرىق يا بىرلا يېرىق چېگىرىمىز ، ئوخشىمايدۇ كېسىلگەن چوپ – ئۈگىرىمىز ،
    ئۈزۈلگەنمىش زۇۋۇلىمىز چوڭ – كىچىك ، قازى ئىكەن « لاياقەتلىك » بۇ دۇنيا .

     بەزىلەرگە قاش _ كۆزىنى ئويناتتى ، ئۆز قوينىدا قوزىسىدەك ئويناتتى . 
          بەزىلەرنى قىلىپ قويۇپ مەھلىيا ، كۆلدۇرلاتتى لاتاپەتلىك بۇ دۇنيا .

     بەزىلەرنى قارام قىلىپ ياراتتى ، بەزىلەرنى قايرىپ يۈرۈپ قاراتتى ؛
    بىر دەمدىلا مۈنار قىلدى قۇدۇقنى ، شەيتان كەبى ماھارەتلىك بۇ دۇنيا .

     بەزىلەرگە قانات بەردى ئۈچۈشقا ، بەزىلەرنى قونداق قىلدى ھوقۇشقا ؛
    تەڭ بەندىنى قىلىپ قويدى ئېگىز _ پەس ، ھاڭۋاقتىغا تالاپەتلىك بۇ دۇنيا .

     بەزىمىزدىن تەر ئۈستىگە ياش ئالدى ، ياش ئۈستىگە ھەتتا يەنە باش ئالدى؛
    تولمايدىكەن تەگسىز بەدەل ئامبىرى تويمايدىكەن قاباھەتلىك بۇ دۇنيا .

     مۇشتى زورلار قورققاق ئىكەن ئەسلىدە ، «قوش كۆرۈنۈش» ئۇدۇم ئىكەن ئەسلىدە؛
    ئۇلار دائىم ئېتىپ ، تىز ياتتى ؛ تەڭشەيدىكەن كارامەتلىك بۇ دۇنيا .

          ئەسىر قىلدى چۈمۈلىگە يولۋاسنى ، ئىگىۋەتتى مەن _ مەن دىگەن «سۇنماس»نى
    ئەل رايىنى «ھام ئاغزى» غا موم قىلىپ ؛ قاپلىۋەتتى جاسارەتلىك بۇ دۇنيا .

     تۈرتىۋەتتى گاھى ئۇخلاپ ياتقاننى ، تارتىپ قويدى پاتقاققا چىڭ پاتقاننى ؛
    مەھكۇملارغا زەنجىرلەرنى كەسكىن دەپ ؛ ئىكەك بەردى دالالەتلىك بۇ دۇنيا .

     يۇمۇلاتتى زۇۋۇلانى بەزىدە ، قار پومزەكنى يوغانلاتقان پەدىدە ؛
    شۇ يول بىلەن ئىتەكلەرنى يالىغا ، ئايلاندۇردى شاراپەتلىك بۇ دۇنيا .

          بەخىت دىگەن ئۇۋىسى يوق قۇش ئىكەن ، ئارزۇ دىگەن سوغۇق سۇلۇق دۇش ئىكەن .
    مەن سەن ئىدىم ، سەن مەن بولدۇڭ ، يانا ھەم، ئالماشتۇرار پاراسەتلىك بۇ دۇنيا .

     سۆيۈپ قالدىم بۇ ئاجايىپ دۇنيانى ، چىن سۆيگەندەك كۆڭلۈمدىكى گۈل يارنى ،
    يىغلاتسىمۇ ، كۈلدۈرسىمۇ ، بەرىبىر ، ھاكىملاردىن دىيانەتلىك بۇ دۇنيا .

     كۆز يۇمسام دەيمەن دائىم ئەبەتكە ، قاراپ ياتسام ھەممە ئوقەت ، تەلەتكە .
    كۆرۈپ بولۇپ ئاخىرىنى« ئويۇن»نىڭ ، دەيتتىم يەنە ئادالەتلىك بۇ دۇنيا .
    1994 _ 2006 _ يىل ، قەشقەر

     شۇ ئەسىرىڭ بىر قامۇس _
    بىر تارىخشۇناسقا ئوچۇق خەت

    «چۈشنىنىكسىز ئادەم ئىكەن» دەۋەردىڭ ،
    مېنىڭ گىپىم بولغانلىكى سورۇندا .
      دىل ئەلچىسى  تىلىڭ كۆيۈپ كەتمەمدۇ ،
    مېنى يازغان قەلەم تۇرسا قولۇڭدا .


     تەرجىمھال _ تارىخىمنى ، خۇيۇمنى ،
    ئۆزۈڭ يازدىڭ تۈجۈپىلەپ دۈمبەمگە .
    ھەتتا يازدىڭ خىيالىمنى ، چۈشۈمنى
    بىرەر قىتىم كىرىپ باقماي كۈلبەمگە .


    دۈمبەمدىكى شۇ ئەسىرىڭ _ بىر« قامۇس»
    ئۆزۈڭ بولساڭ بىر «تالانتلىق ئىجاتچى» .
    ھەي ، سەن ئۆزۈڭ _ مەندە يوقنى بار قىلغان ،
    تارىخىمغا يار قىلغان بىر «نىجاتچى» .

     نىمە قالدى «چۈشۈنىكسىز» مېنىڭدە ،
    قېنىمنىڭمۇ تىپى ساڭا ئېنىققۇ ؟
    ئوقۇيالماي قالدىڭمۇ ئۆز خېتىڭنى ،
    بەس ، تۇمارىم ، رېڭى شۇنداق قېنىققۇ ؟

    يېرىپ بىرەي دىسەم يۈرەك _ كاللامنى ،
    جان ئۈزۈمەن ، سەن قالىسەن ساياقلا .
    ياشاپ تۇراي ، ئۈزۈلۈپمۇ قالمىسۇن ،
    ۋۇجۇدۇمدىن «سىر» تاپقۇچى سىناقلار .

     دۈمبەمدىكى «ئۇلۇغ» ئەسەر- بىر قامۇس ،
    كۈندىن - كۈنگە يېڭى مەزمۇن قوشۇلار .
    ئەپسۇس ، ئۆزۈم ئوقۇيالماي يۈرسەممۇ ،
    ھەممە يەردە ، ھەر مىنۇتتا ئوقۇلار .
    2006 _ يىلى قەشقەر (تاھىر تالىپ بەكتۇر)

    ----------------------------------------------------

    ئەبرىشىمبەگ ھەققىدە قوشاق

     پايانى يوق بىر ئورمانزار بار ئىدى ،
    دەرەخلەرنىڭ ئارىلىقى تار ئىدى .
    ھەتتا شامال كىرەلمەيتتى ئارىغا ،
    سۇۋادانلار بىر _ بىرىگە يار ئىدى .
    قوغدار ئىدى ئورمان يۇرتنى بوراندىن ،
    چاڭ _ تۇزاڭدىن ، ھەتتا قارا بوراندىن .

     سانسىز دەرەخ بىر تۈپتەكلا ياشايتتى ،
    خالى بولغاچ جىدەل ، ماجرا ، گۇماندىن .
    باش _ ئۇچلىرى كۆك ئاسماننى قۇچاتتى ،
    خۇش پۇرىغى يىراقلارغا ئۇچاتتى .
    مەمنۇن بولۇپ پاسىبانى ئىنسانغا ،
    ساپ ھاۋا...نى سوۋغا قىلىپ تۇتاتتى .

    ئۆتتى يىللار ، ئۆتتى ئەسىر _ ئىرالار ،
    يىشىللاشتى ئەتراپتىكى جىرالار .
    ئىناقلىقنىڭ بەرىكىتىدىن سۆيۈنۈپ ،
    تازىم قىلدى تىك چوققىلار ، قىيالار ...

    ئۆتتى كۈنلەر ، ئۆتتى ئايلار ئىز بېسىپ ،
    خۇي چىقىرىپ _ قەدىمىنى تىز بېسىپ .
    شۇ چاغ كەلدى بىر ياغاچچى بېلىگە ،
    سىپى يوق بىر ئايپالتىنى تىك ئېسىپ .

          ساپ ئىزدىدى ئورمانزاردىن ئۇ ھامان ،
    كۆزلىرىنى قايرىپ تىلىپ ھەر تامان .
    تېپىۋالدى ئىزدەپ - ئىزدەپ سايىدىن ،
    ئەبرىشىمرەك بىر ساپلىقنى بىر زامان .

    قاتلىسىمۇ سۇنمايدىكەن بۇنداق ساپ ،
    تىچ ئۆتتى شۇنچە كەسكىن «كەس» « چاپ _ چاپ» .
    «ئەبرىشىمبەك» ئۆسكەن ئاشۇ سايىنى ،
    ئىگىلىدى ھەمساتتىلا «نۇر _ ئاپتاپ» .

    تاقىر سايدا سانسىز كۆتەك يىغلايدۇ ،
    بۇ يىغىلار يۈرەكلەرنى تىلغايدۇ .
    ئامال قانچە ، ياغاچچىلار ئەزەلدىن،
    دەرەخلەردىن شۇنداق ساپنى ئىلغايدۇ .

    2001 _ 2006 _ يىل قەشقەر (تاھىر تالىپ بەكتۇر)

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 22:43:49]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق