توققۇزىنچى رىۋايەت(چىمەنگۈل ئاۋۇت )

يوللىغۇچى : chimengul يوللىغان ۋاقىت : 2011-09-20 12:58:03

توققۇزىنچى رىۋايەت (داستان)چىمەنگۈل ئاۋۇتسەۋدالىق قىسمىتىگە كىشەنلەنگەن ناتىۋانمەن. سېنى ئويلاۋاتىمەن. ئۆزۈمنى كۈيلەۋاتىمەن... كۆز ياشلىرىمدىن پۈتكەن بۇلاق سۈيىنى ئىچىپ نۇرغۇن مەلىكىلەر كىيىكك...

     


    توققۇزىنچى رىۋايەت (داستان)
    چىمەنگۈل ئاۋۇت


    سەۋدالىق قىسمىتىگە كىشەنلەنگەن ناتىۋانمەن. سېنى ئويلاۋاتىمەن. ئۆزۈمنى كۈيلەۋاتىمەن... كۆز ياشلىرىمدىن پۈتكەن بۇلاق سۈيىنى ئىچىپ نۇرغۇن مەلىكىلەر كىيىككە ئايلىنىپ قالدى، ناخشامنى ئاڭلىغان بالىلار قۇشقا ئايلىنىپ قاياققىدۇر ئۇچۇپ كېتىشتى، تېرەكلەرنىڭ يىلتىزى قۇرۇپ، تاغلارنىڭ توپىسى تۇپراققا قېتىلدى، پەريادىمنى ئاڭلىغان تاشلار يېرىلدى، كۈلكەمنى ئاڭلىغان باشلار ئېگىلدى.... پەقەت سەنلا مېنىڭ يۈرىكىمدە مەڭگۈلۈككە ئامان قالدىڭ ئەزىزىم ! كەچۈرگىن,بەرىكەتلىك ئازابلىرىمدىن ساڭا سېپىل ياسىدىم …ئەمدى ئىككىمىزگىلا تەۋە بۇ ھالاللىق ئىچىدە كۆيىۋەرسەم، كۆكلەۋەرسەم تەبىئەت ماڭا بارلىق گۈزەللىكىنى، يىتۈكلىكىنى بەخش ئىتىۋېرىدۇ ....سەن بىلىسەن، ئىتىكىمگە غايىپتىن چۈشكەن ئالمىنى مەغرۇرلۇق بىلەن ئېقىپ كىتىۋاتقان دەرياغا تاشلايمەن، ئېتىلغان تاشلارنى رازىمەنلىك بىلەن يېنىمغا دۆۋلەپ قويىمەن. كەل، بىردەم مۇڭدىشايلى!سەن ماڭا ئۈزۈپ بەرمەكچى بولغان گۈللەر، ئىرغىتىپ بەرمەكچى بولغان جىگدىلەر... جۇدالىق زەخمىتىگە، ھىجران پىراقىغا، ۋىسال دەھشىتىگە ئوخشايدىغان ئاقۇچ تۇمانغا قوشۇلۇپ بىزنى مۇشۇ يەردە كۈتۈپ تۇرىدۇ...
    -خاتىرەمدىن
    مۇقەددىمە


    بۇلبۇلنىڭ سايراشلىرىغا چىدىيالمىغان گۈل قان قۇسۇشقا، زەينەپنىڭ نالىسىگە بەرداشلىق بىرەلمىگەن شور دەريا ئاستا-ئاستا قۇرۇشقا باشلىدى! جاھان غەۋغالىرىدىن يىراق بىر ماكاندا، ئەلقىسسە توققۇز قەۋىمنىڭ توققۇز يۇلتۇزى چاقناپ تۇرغان يالغۇز كېچىدە مەجنۇننىڭ نالىسى قۇلىقىمغا كىردى ...

    جۇنۇنلۇق تارىنى چەكسەم ،
    زىمىننى كۆز يېشىم باستى .
    يالاڭئاياق كەزگىنىم چۆلدۇر ،
    ھىجىرگە باغلىدىم چاچنى .
    نى سەۋدا كەلمىگەن باشبۇ ،
    ساڭا يەتكەيمۇ ئەپغانىم ؟
    ئى ئاللاھ لەيلىگە سۆز بەر ،
    قاچان توشقايكى پەيمانىم ...

    كۆزلىرىمنى بوش يۇمدۇم ...
    پەرھاتنىڭ ئاشىقلىقى بىلەن يېرىلغان تاغ، شىرىننىڭ كۆڭۇل بوستانىغا غۇلاپ چۈشتى. ئەيھانناس! تىللا بىلەن تەشنالىقنىڭ، ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ پەرقى ئۇنتۇلدى. جادۇگەر موماينىڭ مۈكچەيگەن بىلى، قارا قولى ئۇلارنىڭ روھىنى تېنىدىن ئايرىغان بولسىمۇ ،روھىنى بىر-بىرىدىن ئايرىيالمىدى .
    بىر چىنە زەھەرچىلىك قۇۋۋىتى يوق ،
    كەيخىسراۋ ئاشۇنداق ئەر ئىكەن ئەجەپ .
    پەرھاتنىڭ ئاشىقلىقى شىرىن ئۈچۈن ،
    ئۆلۈمنىڭ باغرىدىنمۇ تۇرار كۆكلەپ .


    بۇقۇلداپ-بۇقۇلداپ يىغلىغىنىمچە دەريا-دەريا تىۋىنىشلىرىمنى،سېغىنىشلىرىمنى مىھرىڭ بىلەن قوشۇپ ئاقتۇردۇم .بىر ئۆرلەپ،بىر لەيلەپ ئېقىپ كىتىۋاتقان ساندۇقتىكى قۇلۇپنى،زۆھرەنىڭ توققۇز تال كىرپىكى بىلەن ئاۋايلاپ ئاچتىم .تاھىرنىڭ قولىدىكى زەنجىرنى قىسمەت شەمشىرىدە زەرب بىلەن كىسىۋىدىم،چاقماق چاقتى !!!

    شاھىي ئابباسنىڭ قولىدا يىرتىلغان پۈتۈك، ئىشىق يولىغا تىكەن بولۇپ چېچىلدى .تاغ مەلىكىسىگە ئەل بولمىغان غېرىپنىڭ،ئابدۇللا شاتىرنى سۈيەلمىگەن سەنەمنىڭ ۋىسالى ئۈچۈن ئۆلمەس ناخشىلار تارىخ بېتىگە پۈتۈلدى :
    قابا پەلەكنىڭ دەردىدىن ،يۈرەكىمدە داغلار قالدى،
    بۇلبۇلنى ئايرىدى گۈلدىن،نە-نە قاشلىق باغلار قالدى ...
    .....رابىيەنىڭ شىۋىرغاندا يەلپۈنۈپ تۇرغان رومىلى،زامان رەنجىدىن ئىزىلگەن يۈرىكى،ئۇنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى يالماپ كەتكەن سۇنىڭ شاۋقۇنى ۋۇجۇدۇمدىكى پىراق كۈلپىتىنى ئۇلغايتىۋەتتى.سەئىدىننىڭ ئاھۇ-زارى ئۈچۈن ئۆزۈمگە نىمىلەرنىدۇر شىۋىرلىغاچ دەرىزەمنى ئاۋايلاپ ئاچتىم ....پەسكە قاراۋىتىپ قىياداكى رابىيە،راۋاقتا پەرياد چىكىۋاتقان سەنەم يەنە خىيالىمدىن كەچتى...

    سېنىڭ تۇرقۇڭنى كېچە قاراڭغۇلىقىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ يۈرىكىمگە سىڭدۈردۈم .سېغىنىشلىرىمنى ،يالغۇزلۇقۇمنى ساڭىلا مەنسۇپ بارلىقىمنى ،قەدرىمنى ئالقىنىڭغا تاشلىدىم .گۈل كەشتىلەنگەن قولياغلىقنىڭ رەڭگى ئۇچاڭدىكى كىيىمىڭنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش ئىدى...

    ھازىرقى ئۆيلەرنىىڭ ئۆگزىسى يا تۈڭلىكى يوق لېكىن،ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ مۇھەببەتلىك يۈرىكى ھەممىلا زاماندا بولىدۇ جېنىم...! مەن شۇنداق پۇخادىن چىققاندەك بولدۇم .ئۆزۇمنى رابىيەدىن قەھىرلىك،سەنەمدىن مىھىرلىك ھېس قىلالىدىم .چۈنكى مەن سۈيۈلدۈم ،قىسمەتلىرىمىزدەك سىھىرلىك بىر رىئاللىققا كۆمۈلدۈم !

    1 -باپ

    توققۇز ياشلىق غار


    تىزىغا باش قويۇپ ئۇخلاۋاتقان ئوغلىنىڭ يۈزلىرىگە نۇر تۆكۈپ ئولتۇرغان ئانا ،خورازنىڭ چىللىغىنىنى ئاڭلىدى يۇ كەڭ ئىتەكلىرىنى يۈرەك پارىسىنىڭ يالىڭاچ بەدەنىگە يايدى،ئۇنى قانماي-قانماي پۇرىدى.مۇشۇنداق يۈكۈنۈپ ئولتۇرغىنىغا توققۇز سائەت بولغان بولسىمۇ،ئوغلىنى ئويغۇتىىشنى،ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇتلىرىنى سۇنىۋىلىشنى،ئۇيقۇدىن ،يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىنى بىردەم بولسىمۇ يۇمۇۋىلىشنى ئويلاپ باقمىدى !

    زەھەردىن بىر قوشۇق ھەسەل ئايرىغان ،
    ئۆمرىنىڭ قەددىنى گۈلدەك قايرىغان .
    ھىجران دەشتىگە سۇدەك يامرىغان ،
    رىيازەت گۈلخانىنىڭ سۇلتانى ئۆزۈڭ !

    -ئەي پەلەك،كىملەر ئۈچۈن يۇم-يۇمدۇر كۆزۈڭ؟
    تۈڭلىكتىن چۈشكەن كۈن نۇرى كۆزلىرىنى چېقىۋىدى،بالا ئويغاندى .ئۇ ئانىسىنىڭ گۈللۈك ئىتەكلىرىدە،مۇھەببەتكە لىق تولغان قۇچاقلىرىدا بىردەم ئېغىنىۋالغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلدى:
    - ئانا،بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا،دەريادا سۇ با ،بېلىق يوق؛باغدا گۈل با،بۇلبۇل يوق؛ تاغدا ئاسمان با،بۇلۇت يوق؛ئاي با ،كۈن يوق چاغدا بىر ئادەمنىڭ مىنىدىغان بىرلام ئېشىكى باكىن،ئاسماندا يۇلتۇزى يوقكىن ...
    ئۇنىڭ يۈزىگە تۆكىلىۋاتقان نۇردىن، دىلىغا سېلىنىۋاتقان ھىكمەتلەردىن پارە-پارە بولىۋاتقان ئانا ،شۇنداق تىزلا يۇلقۇنۇپ تالاغا ئوقتەك يۈگۈرگەن ئوغلىنى تۇتىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى.
    ئاپتاپتەك يالىڭاچ،قالغاچتەك مەسۇم ،
    توپىلىق يوللاردا ئوماق بىر بالا .
    پۇتىغا سانجىلغان تىكەننى يۇلۇپ ،
    خىرامان يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ يانا .
     

    بوسۇغىدا ئولتۇرغان بوۋاي-مومايلار،
    كۈلۈشۈپ ئۇنىڭغا بىرىشەر دۇئا .
    ئۇياتچان يوللارنىىڭ يۇمۇلۇپ كۆزى
    جىگدە چىچەكلىرىمۇ تۆكۈلدى ئاستا .
     

    كۆلدىن گۈل سۈزگىلى چىققان قىزلارنىڭ ،
    بالىغا قاراپلا قىززىدى تېنى .....
    خوشنىسى كەينىدىن توۋلىدى قوغلاپ :
    «ھوي،بەڭباش بىر سۆيۈپ قويغىنە مېنى»!


    ئۇ شۇ يۈگۈرگىنىچە مەھەللىدىن توققۇز چاقىرىم كىلىدىغان بۈككىدە ئورمانلىققا بېرىۋىدى،قۇشلار ۋىچىرلاپ كەتتى:
    - كەل، ئوغۇلچاق ! سېنى بەك سېغىنىپ كەتتۇق ...بىز بىلەن مۇڭداشقىن،يا بولمىسا بوينۇڭدىكى تاشنى بىر تۈپ دەرەخكە ئېسىپ قوي،ئۇ بىزگە گۈزەللىكنىڭ پاراغىتىنى سۆزلەپ بەرسۇن.
    - ياق،بەرمەيمەن ....
    بالا شۇنداق دېگىنىچە،كۈلكىسىنى ئۇلارغا قالدۇرۇپ ئورمانلىقتىن ئۇزىدى .بىر ھازا ئۇنىڭغا ئەگەشكەن قۇشلار قاناتلىرىنى يىنىك سىلكىپ ئارقىغا قايتتى...بالا ئورمانلىقتىن توققۇز چاقىرىم يىراقلىقتىكى دەريا بويىغا كەلگەندە يۇمران تىرىلىرى قىزىرىپ،كۆزلىرى چاقناپ كەتكەن ئىدى.
    قىززىق قۇم ئۈستىدە يالاڭئاياق پۇت
    شامالنىڭمۇ يالىڭاچ بولغۇسى كەلدى .
    بېلىقلار بېشىنى چىقىرىپ سۇدىن ،
    پىلتىڭلاپ ئۇنىڭغا تاتلىق سۆز بەردى
    «-بېلىقسەن سۇدىمۇ ،يەردىمۇ ئوخشاش،
    ئەجەپمۇ خىسلەتلىك ئىكەن تەبىئەت .
    كۆرەيلى سەن تۇرغان ئىسسىق ماكاننى ،
    بىزنىمۇ ئۆزۈڭگە قوشۇپ ئېلىپ كەت!»
    ئۆزىنى دەرياغا تاشلىدى بالا ،
    توققۇز بېلىق ئۇنى ئارىغا ئالدى .
    نۇربەردى سۇلارغا بوينىدىكى تاش،
    سۇلارنىڭ شاۋقۇنى پەلەكتە قالدى...

    بالا قىرغاققا چىقىپ ،قىززىق قۇمغا باغرىنى يېقىپ ئاۋازىنى بولىشىغا قويۇپ بەردى:
    سەن بېلىق،مەن بېلىق ،
    ئىشتىنى يىرتىق .
    سەنمۇ تاش ،مەنمۇ تاش،
    بولايلى ئاداش !

    سۇلار،قۇملار،شاماللار،بېلىقلار ...تېلىقىپ-تېلىقىپ كۈلۈشتى.بالا ئەمدى،دەريا بويىدىن توققۇز چاقىرىم كىلىدىغان غارغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەتتى.......
    ئىككىنچى باب
    توققۇز كوكۇلىلىق قىز

    ئەلقىسسە،ئوغول توققۇز تاملىق غار ئىچىدە ئۇخلاپ قالدى.ئوغۇلنىڭ توققۇز قەدىمىدىن توققۇز پارچە بولغان تاش ئۇنىڭغا ياستۇق بولدى.ئۇ ئانىسىنىڭ ئېتەكلىرىگە ئوخشاتقان تاش يوتقاندا ئېغىناپ-ئېغىناپ ئۇخلاۋاتقاندا،مۇقەددەس ئانا ھىدىدىن ئۇچۇپ كەلگەن توققۇز پەرىشتە ئۇنىڭ بېشىدا ئولتۇراتتى.ئۇ خىرامان ئۇيقۇدا ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە،توققۇز پەردىلىك بىر ھوجىرىغا يەتتى......
    مۇھەببەت قوياشىدىن تاڭدەك يورىغان،
    ۋىسال دەملىرىدىن جان بوپ تامچىغان،
    ھەۋۋانىڭ جىسمىغا نۇردەك ساقىغان،
    پەرزەنىت يىغىسىنىڭ بۇلاقى سەن-سەن،
    ئادەم تۇلپارىنىڭ تۇياقى سەن-سەن...

    تاغلارنىڭ گۈلدۇرلىشى،زىمىننىڭ تەۋرىنىشى،پەلەكنىڭ پەريادىدىن ئوغۇلنىڭ ۋۇجۇدى توققۇز قېتىم تولغاندى.ئۇ قىرقىراپ يىغلىدى.شەيتاننىڭ پىتنىسىدىن ئەمەس،جېنىدىن يەنە بىر جاننى ئاپىرىدە قىلىش تاجىنى بېشىغا تاقىغان ئانىنىڭ مېھىرلىك ئۇھ تارتىشىدىن ئۇنىڭ تۇنجى سەزگۈسى لەرزىگە كەلدى......
    توققۇز پەرىشتە بىر تامچە سۈتكە ئايلىنىپ ئوغولنىڭ لىۋىگە تامچىدى.بۇلبۇلنىڭ سەھەردىكى قېنى بىلەن ئېغىزلاندۇرۇلغاندا ئۇنىڭ كۆزلىرى يوغان ئېچىلدى. مىڭلىغان رىۋايەت جېنىغا قوشۇلدى.ئانا ئىككى قولى بىلەن مەيدىسىنى يېرىپ،قان تامچىپ تۇرغان ،پەلەك رىيازەتلىرىدىن ئۇيۇل بولغان بىر پارچە تاشنى ئېلىپ ئوغولنىڭ بوينىغا ئاستى:
    -ئەلمىساقتا ،ئادەمگە ھەۋۋا جۈپ بولغان جەننەت باغلىرىدا شەيتانمۇ بار ئىدى.قابىل بىلەن ھابىل قۇچاقلىشىۋاتقاندا ،بىر قاغا دەرەختە ئولتۇراتتى. توققۇز ئېقىن بىر دېڭىز بولۇپ ئۆركەشلەۋاتقاندا بىر نامەرتنىڭ ئوقى پەلەك گەردىشىدە ئەگىپ يۈرەتتى،شۇڭا سەن تۇمارىڭنى ئېسىشنى ئۇنۇتما،بالام!.......
    قىپيالىڭاچ پېتى يۈگۈرگەن ئوغۇلنى تۇتۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ئانا،يۈلتۇزدەك ئۇچۇپ كۆككە قادالدى.ئۇ كۆز ياشلىرىنى زىيا قىلىپ بالىنىڭ تىنىگە سەپتى.

    سۇلاردەك يالىڭاچ،زىمىندەك يالغۇز،
    تۇمارغا ئېسىلىپ كۈلەر بىر بالا.
    تىكەننى يۇلىدۇ كىرپىكى بىلەن،
    زۆھرە يۇلتۇزىغا ئايلانغان ئانا.
    بوۋاينىڭ ساقىلى،موماينىڭ چېچى،
    ئانىنىڭ ئالقىنىدەك بەرمەكتە دۇئا.
    ئۇياتچان يوللاردا قىزارغان چېچەك،
    يۆگىشەر ئوغولنىڭ پاچاقلىرىغا.
    توققۇز قىز ئىچىدە بىر ياۋا گۈل بار،
    ئۇيات دەپ ئىتەكلەر ئىچىدە قالغان.
    دەريا بويلىرىدىن ئۈزۈپ پىچاننى،
    بېشىغا توققۇز تال كوكۇلا سالغان.

    بالا ئورمانلىقتا قۇشلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا،مەجنۇنتال بوينىدا بىر تومۇچۇق توققۇز تال كوكۇلىسىنى ئوينىغىنىچە كۈلىۋاتاتتى.
    قۇشلار قوغلاشتىن ھېرىپ،سوزۇلۇپ ياتقاندا ئۇ ناخشىسىنى باشلىدى:
    قوغلاپ قويساڭ ئۇ بالا،
    يانلىرىڭغا كېلەمتى؟...
    يۈرەكتاشنى-تۇمارنى،
    سورىغانغىلا بېرەمتى؟!...


    بىلىقلارنىڭ دوستى ئۇ،
    چۈنكى سۇدەك يالىڭاچ.
    يار بولۇشقا مۇناسىپ،
    پەقەت مەندەك قاراقاش...
    غار ئىچىدە قۇياش ئۇ،
    ئاسماندىكى قوياشتەك.
    ئەمدى چىقسا ئاڭلاڭلار،
    مەن قاچارمەن كېيىكتەك.......


    قۇشلار نالە-زار قىلىشتى. تومۇچۇق غار ئېغىزىدىكى تاش ئۈستىگە چىقىپ بىر سىلكىنىپلا يالاڭئاياق،بەڭباش توققۇز كوكۇلىلىق قىزغا ئايلاندى. ،سۇلار،قۇملار،شاماللار،بىلىقلارغا ئەگىشىپ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى................
    3ـ باپ
    يەتتىنجى كېچە

    قىزنىڭ كوكۇلىسى توققۇز دەريانىڭ ئېقىنىدەك،توققۇز يۇلتۇزنىڭ نۇرىدەك،توققۇز بۇلاقنىڭ يىغىسىدەك ئەتراپقا تارالغاندا ،ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتۈپ كەتتى...
    ھازىر غارنىڭ ئەتراپىدا توققۇز تۈپ خورما،توققۇز تۈپ ئالما،توققۇز تۈپ گىلاس،توققۇز تۈپ ئۈرۈك،توققۇز تۈپ توغاچ،توققۇزتۈپ چىلان،توققۇز تۈپ شاپتۇل،توققۇز تۈپ ئانار،توققۇز تۈپ زەيتۇن كۆچىتى قويۇلغان بىر باغ بار ئىدى.
    قىزنىڭ كوكۇلىلىرنىڭ ئورنىغا ھالرەڭ چىچەك ئالماشقان،يىلىم ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان قوڭۇر چاچلىرى تاپىنىغا تاقاشقان ئىدى .ئۇنىڭ يالاڭئاياق پۇتلىرىنى قۇملار،سۇلار،بېلىقلار،شاماللار بىلىندۈرمەي سۈيۈۋىلىپ ۋىلىق-ۋىلىق كۈلىشەتتى:
    ـ ھەي،مەلىكە ! بىز بىلەن بىر مۇڭداشقىنە،ئۇنى سېغىندىڭمۇ؟
    قىز قىزىل گۈلدەك قىزىرىپ يىراقلارغا كۆز تىكتى...
    بۇلبۇلۇم كۆزۈمدە باغرىڭدىكى قان ،
    سېنى دەپ كۆيىدۇ تېنىمدىكى جان .
    بىلىمەن ئەزىزىم،تۇيىدۇ كۆڭلۈم ،
    مۈشكىلات ئاياغىڭدا بولۇر زەپىران

    بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىۋىدى سۇلار غۇنچىلىدى،بېلىقلارنىڭ كۆزى چەكچەيدى.قۇملارنىڭ تېنى يۇيۇلۇپ،شاماللارنىڭ كۆينىكى نەمدەلدى .پەقەت ،ئەتراپتىكى قورام تاشلارلا ئىچىدىكى تىترەكنى بىلىندۈرمەي ،جىم تۇرۇشاتتى .قىز غار ئىچىگە كىرىپ تاش سۇپىغا ئۆزىنى تاشلىدى...
    ـ جان پارەم ،يىغلىما بولدى...مەن مېھرىم بىلەن ساڭا ئەقىدە-ئخلاسنىڭ قۇدرىتىنى،دەرت-ئەلەمنىڭ ھىممىتىنى تونۇتقان،ئايىقىڭدىكى تىكەنلەرنى يۈرىكىم بىلەن يۇلۇپ قۇرۇتقان...چىدىغىن،بىزمۇ سېنى كۈتىۋاتىمىز...دۇئا لىرىمنىڭ
    بەركىتى پىشانەڭگە نۇر بولغاي قىزىم !
    ـ ئانا....
    قىزنىڭ يىغىدىن ئاۋازى بوغۇلۇپ قالدى.ئۇ دادىسىنىڭ قەھىرلىك ھەم مېھىرلىك كۆزلىرىنى،ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئۆزىگە ئەگىشىپلا يۈرىدىغان ئوماق ئاسلىنىنى خىيال قىلدى ...
    ـ مەلىكەم ،يەنە يىغلاۋاتامسەن ؟
    قىز بۇ ئاۋازدىن يىنىك سىلكىنىپ ياشلىرىنى سۈرتتى...يىگىتنىڭ يولغا چىقىش ئالدىدا دىگەنلىرىنى تەكرارـ تەكرار خىيال قىلدى :
    ـ سەن ئىشىق دۈشمەنلىرىگە زۇلۇم ،مېنىڭ ئۈمىد نۇرۇم !سەن جان مۈلكىمنىڭ ھەقدارى،مەن ھاياتىڭنىڭ پايانى...مەلىكەم ،مېنى ئەسىر قىلغان كۈلكىللىرىڭ ،بەرداشلىقىڭ بىلەن مېنى مۇشۇ يەردە كۈتۈپ تۇر... .توققۇز چۆل،توققۇز تاغ،توققۇز دېڭىز نىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تىلسىمدا توققۇز تال ئوقيا بار .مەن ئۇنى ئېلىپ كىلىپ باشلىرىڭغا تاج قىلىمەن .شۇ چاغدا،بوينۇمدىكى تاشنى سېنىڭ قەددىڭدە بەختىمىزدەك ھۆر قىلىمەن...
    قىز كۆزلىرىنى بوش يۇمۇپ ئۆز-ئۆزىگە كۈلۈپ قويدى.
    ..........يەنە بىر كۈن ئۆتۈپ كەتتى!
    ئۇ غار ئىچىدىن چىققاندا،شۇنداق تۇيۇقسىز دەھشەتلىك بىر چاقماق چاقتىكى ،قارا قۇيۇن پەيدا بولۇپ قىزنى باغ ئىچىدىكى بىر تۈپ دەرەخكە بەنت قىلىپ قويدى .ئەمدىلا ئۇيقىدىن ئويغانغان قۇشلارپەيلىرىنى توزۇتتى،قۇملار بىردىن ـ بىردىن كۆيۈپ كۈل بولدى .سۇلار قانغا،بېلىقلار ئۇستىخانغا ئايلاندى !!!
    ـ ھاھ...ھاھ..ھاھ...قېنى ئۇ شاھزادە،قېنى ئۇ مەلىكە ؟ ئۇ قايتىپ كەلگىنىدە ۋەيران بولغان جەننىتىنى،خاراپ بولغان باغلىرىنى كۆرسۇن ... ناۋادا، ئۇسۆيگەن قىزى بەنت قىلىنغان دەرەخنى توققۇز قەدەمدە تاپالىسا،توققۇز قېتىم قىلىچ ئۇرۇپ چاپالىسا سېھىر يىشىلىدۇ .لېكىن،ئۇ،دەريادىكى قاننى سۈزۈلدۈرۈشكە،بېلىقلارنى ئۈزدۈرۈپ،قۇشلارنىڭ زۇۋانىنى بىلىشكە قادىر ئەمەس ...ھاھ...ھاھ...ھاھ....
    ئەلقىسسە ،مانا مۇشۇنداق بىر زەئىپ كۈلكىگە،گۈزەللىك ھەم ساداقەتنىڭ جاھالىتىگە پەقەت،پارە-پارە بولغان قورام تاشلارلا گۇۋاھ بولۇپ قالدى...

    تۆتىنچى باب
    مۈشكۈلات بىشارىتى ۋە ئىشىقنىڭ ئىشارىتى

    يالىڭاچ ئوغول دۇنيانىڭ كۈن-كۈنلەپ قىزىرىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن ئىشتان كىيىۋالغان ئىدى.ئۇنىڭ كۆبجۈپ تۇرغان مەيدە،بىلەك مۇسكۇللىرىغا ئون سەككىز باھارنىڭ قارلىغاچلىرى ئۇۋا سالغان،بويى تاش ئۆڭكۈر ئالدىدا بىنا قىلغان توققۇز خىل مىۋىلىك باغنىڭ دەرەخلىرى بىلەن قاتارلاشقان ئىدى .كۆزلىرىدە ئوت يېلىنجاپ تۇراتتى.ئاستىدىكى چىن تۆمۈردىن قالغان ئارغىماق ھەر قېتىملىق كىشىنىشدە ئۇنىڭ ۋايىغا يەتكەن يىگىتلىكىگە ئاپىرىن ئېيتاتتى.بەلبىغىدىكى خەنجەر نامەرت-خۇمسىلارنىڭ نەيرەڭلىرىگە بەتلەنگەن ئىدى.چۈنكى ئۇنىڭ بىسىدا قىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئالغان ۋەدىسى يالتىرايتتى:
    -ئەركەكلىك -مەردلىك-مەردانىلىق دىمەكتۇر!مېنىڭ مۇھەببىتىمنىڭ بەلگىسى بولغان بۇ خەنجەر جېنىڭغا جان بولسۇنكى، دۇشمەنلىرىڭ ئۇنىڭ قەھرىدە يەر بىلەن يەكسان بولسۇن!!!.......
    بەلباغدا خەنجەرسەن مېنى سۆيگەن يار،
    بوينۇمدا ساڭىلا ئاتالغان تۇمار.
    باغرىمدا ئىرىسەڭ قىلدەك تولغۇنۇپ،
    تۇلپارنىڭ ئىزىدا رەقىبلىرىم خار.
    كۆكتىكى زۆھرەنىڭ تۆكۈلسە يېشى،
    لەرزىدە ئېگىلەر زىمىننىڭ بېشى.
    ئەركەكنىڭ مىھرىگە بۆلەنگەن چاغدا،
    تېرىقتەك چېچىلار پەلەكنىڭ تېشى.


    بالاغەت پەللىسىدىكى نەۋقىران چۈشىدىن چۆچۈپ ئويغاندى.ئارغىماق غەزەپ بىلەن يەر تىپىپ كىشىنىدى.ئۇ چۈشىدە گۇگۇم پەيتىدىكى سامادا ئەگىپ يۈرگەن قارا بۇلۇتلارنى،يىراق جاڭگالدا مەشرەپ سېلىۋاتقان ھوۋقۇشلارنى كۆرۈپ قالغان ئىدى... يىگىت بوينىدىكى يۈرەكتاشنى چىڭ سىقتى،ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا باياۋاندىكى پادا توپىغا ئۆزىنى يوشۇرۇپ لەيلىنىڭ جامالىنى بىر مەرتە كۆرۈشكە ئامال ئىزدەۋاتقان مەجنۇن،دەرياغا تاشلانغان ساندۇق ئىچىدە بىھۇش بولغان تاھىر،ئۆز تەقەززاسى بىلەن بىر تامچە قانغا ئايلىنىپ گۈلنىڭ لىۋىگە ساقىغان بۇلبۇل،شېرىننىڭ ۋىسالى ئۈچۈن بازغان بولۇپ تاغقا ئۇرۇلىۋاتقان پەرھاد،سەنەمگە بەرگەن ئىشقى ئۈچۈن پالاندى بولغان غېرىپ،زەينەپنى سۆيگىنى ئۈچۈن شور دەريا بىلەن زەنجىرلەنگەن كاككۇك......تاڭ پەيتىدە ئۇپۇقىنىڭ قان-يېشى بىلەن قوشۇلۇپ ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى.
    دەردى يوقنى كىسەك دەيمىشلەر،
    ئىشقى يوقنى ئىشەك دەيمىشلەر.
    ئارغىماقنىڭ ئۈستىدە ئاشىق،
    بەلبىغىدا مىڭبىر كەچمىشلەر.
    ئايدەك يالغۇز قوڭۇر چاچلىق قىز
    تىلسىملاندى قارا زەنجىرگە.
    نەرە تارتىپ كېلەر بىر يىگىت،
    تىترىكىنى تارىتىپ يەرگە.
    توققۇز يىللىق ھېجرۇ بالەر ،
    توققۇز قەدەم تۇرار نېرىدا.
    نامەرتلەرنىڭ پۈكۈلدى تىزى
    توققۇز تال كوكولا ئاتقان سالغىدا.

    ئەلقىسسە،يىگىت ئاتنىڭ ئۈسىتىگە قوندى.ئارغىماق قارا بوراندەك ئاياقلىرى بىلەن ئۇنى ئېلىپ دەريالارنى كېچىشكە،ئۇسىتخانغا ئايلانغان بىلىقلارغا مەشۇقنىڭ كۆڭلىدەك سۈزۈلگەن سۇ بېرىشكە،قۇش تىللىرىغا بەنىت قىلىنغان سىھىرنىڭ زۇۋانىنى بىلىشكە ماڭدى.كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان قۇملار شاماللارغا قوشۇلۇپ،نېمىلەرنىدۇر شېۋىرلىغاچ يىراقلاردا قالدى...

    5-باپ

    ئاھۇنىڭ يۈرىكى

    قىزنىڭ پارە-پارە بولغان يۈرىكى ،ۋۇجۇدىدىكى ئىشەنچ ھەم كۈتۈشنىڭ قىيامى بىلەن يۇغۇرلۇپ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرمىقىنى رەسىدە قىلدى .سۇسىز،قۇمسىز سىلكىنىۋاتقان تۇپراققا قاراپ مىۋىلىرىنى تۆكمە قىلدى...قۇشلارنىڭ توزىغان پەيلىرى،قۇرىغان بېلىق سۆڭەكلىرى ئاسمانغا يېيىلىپ تۇرغان كۆكۈش تۇمانغا ،يامغۇر بولۇپ ياغالمايۋاتقان بۇلۇتلارغا تەلمۈرۈپ تۇراتتى....
    ئاللاھنىڭ قۇدرىتى،تەبىئەتنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋەچىن سۆيگۈنىڭ ھىممىتى بىلەن قاخشال بولمايۋاتقان باغقا قاراپ سېغىزخاننىڭ شاراقلاشلىرى،ھۇقۇشلارنىڭ سۈرەنلىرىمۇ بېسىقىپ قېلىۋاتاتتى.
    سىھىر زۇلمىتىگە باغلىنىپ تۇرۇپمۇ كۆيىۋاتقان قىز،توققۇز دوزاقنىڭ ئوتىنى،جەننەتۇل رىزۋاننىڭ توققۇز قۇلۇپىنى كۆڭۈل كۆزىدە كۆرۈپ تۇراتتى:
    ساراسىم گۈللىرى سۇنسا،تىكەنلەر گۈل ۋە يا غۇنچە ،
    تىكەننى شورىغان قاننىڭ ھوزۇرىغا كۆڭۈل كۆنسە .
    ئىشىق دەردىنى باغ بىلدىم،سېنىڭ قەددىڭنى تاغ بىلدىم،
    تېغىمدا ھوۋلىدى بۆرەم كېچەمنىڭ رەڭگىمۇ ئۆڭسە .
    دىلى خەستە ،يولى دەشتتە كۆيۈپ يۈرگەنلەر ئايلانسۇن ،
    بۇ ئوتنىڭ زەۋقىگە ئاللاھ يەنە بىر ئوتنىمۇ كۆمسە .
    ئىزىڭغا سالغىنىم ئىسرىق ھىدىم سىڭگەندۇ جىسمىڭغا ،
    مېنىڭ ياشىمدا چاي دەملەي،سېنىڭ ياشىڭغا جان چۆمسە .
    قەسەم ئەيلەي مېنى سۆيگەن جاھاندىن كەڭرى باغرىڭدا ،
    قولۇمنى تۇت،گۈرۈستانىم شېخىغا بىر باھار ئۈنسە...

    قىزنىڭ پىراقىدىن ئۆرلەۋاتقان ئوت كۈندۈز ئاسمىنىغا ئاپتاپ،تۈن قوۋۇقلىرىغا يۇلتۇز بولۇپ چېچىلىۋەردى!!! ئۇ يىگىتىنىڭ توققۇز تاغنىڭ بەستىنى،توققۇز ئېقىننىڭ دەردىنى،توققۇز باھادىرنىڭ ئەجرىنى يۈدۈپ يۈرەلەيدىغان مەردانىلىقىنى خىيال قىلغاچ نالە ئەيلىدى :
    «ئەزىزىم،تارتقان جەۋر –جاپالىرىڭنىڭ سەۋرىسى،يەڭگەن مۈشكىلاتلىرىڭنىڭ ئەركىسىمەن. كۆزلىرىڭدىكى نۇر قوزغۇنلارنىڭ قەسىدىسىنى پايخان قىلغاي .ئاياغىڭدىكى تۇپراق تاڭ لەشكەرلىرىنىڭ نەرىسىنى دەۋران قىلغاي !!! »
    بۇ نالىنىڭ تەپتىدىن دەرەخلەر تىترەشكە،ئۆز زۇۋانى بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى:
    ـ ئەي مەلىكە! ئۇنىڭ ھوۋلاشلىرىنى ،ئات تۇيۇقىنىڭ دۈپۈرلەشلىرىنى يىلتىزىمنىڭ جۇغۇلدىشىدىن سەزگەندەك بولىۋاتىمەن . پەريادىڭنى ئۆچۈر،ياشلىرىڭنى سۈرتىۋەت....ئۇ كىلىۋاتىدۇ،جادۇگەرنىڭ جېنىنى ئېلىشقا،سەن بەنت قىلىنغان سىھىر تىلسىمىنى تېپىشقا كىلىۋاتىدۇ .
    قىز لەۋلىرىنى يوپۇرماقتەك،بارماقلىرىنى يۇمران شاختەك ئاستا مىدىرلاتتى :
    سېنى سۆيگەچكە بەرنا مەن ،
    سېنى كۈتكەچكە غەۋغا مەن .
    ناداندىن رەنجىشىم يوقتۇر ،
    ئېتىڭغا كەڭرى سەينا مەن .
    بىلىڭگە باغلىغان بەلۋاغ ،
    چىگىلگەن ئۆز قولۇمدا جان .
    پىچاقىڭغا غىلاپتۇرمەن ،
    كۆزۈمدە ياشلىرىمدۇر قان .
    يولۇڭدا بەختىمىز ئوقيا ،
    ئامان بولغىن،ئامان بولغىن .
    كىلىپ باغرىڭغا باس ئەمدى ،
    يۈرەكىمگە ئارام بولغىن .

    قىز قىسمەتلىرىدەك چىگىلگەن چاچلىرىنى بەدىنىگە تولۇۇق يېيىپ ،قاباھەتكە زەنجىرلىنىپ ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇتلىرىنى ئازراقمۇ مىدىرلاتماي،دەرەختەك تىك ھەم مەغرۇر تۇرغان پېتى ئۇيقۇغا كەتتى...قىزنىڭ چۈشىدە،شۇنچىلىك تونۇش،شۇنچىلىك سۈزۈك بىر زۇمرەت كۆل پەيدا بولدى...ئۆزى سېھىرلەنگەن دەرەخ دەل ئاشۇ كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇراتتى !!!
    ئالتىنچى باب

    فۇرقەتنىڭ كۆز يېشى

    يىگىتنىڭ قەھرىدىن،ئارغىماقنىڭ غەزىپىدىن زىمىن گۈلدۈرلەۋاتاتتى.ئۇنىڭ جېنىنى كۆيدۈرۋاتقىنى سەراتاننىڭ يالقۇنى ئەمەس، بەلكى قارا پەلەكنىڭ زەنجىرىگە باغلانغان جانانىنىڭ كۈتۈشى ئىدى.چىكىسىدىن ئېقىۋاتقان قارا تەر يامغۇرغا ئايلىنالماۋاتقان بۇلۇتلارنىڭ پەيمانىنى تولدۇردى بولغاي، ئاسمان يىغلاشقا باشلىدى.قىزنىڭ مىھرلىك نىگاھى بىلەن قاقشاللىق تەقدىرىدىن قۇتۇلۇپ قېلىۋاتقان باغ،ئەبەدىيلىك ئابى ھاياتنىڭ بىشارىتىنى سىزىپ شاماللارنى چاقىردى.كېچىنىڭ پەيزى بىلەن ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويغان ھوۋقۇش،ئۆز ئەجىلىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ دەھشەت بىلەن سۈرەن سالدى.
    يىگىت قۇرىغان بۇلاق بويىدا ئولتۇرۇپ بەلبېغىنى يەشتى.چاكىلداپ كەتكەن لىۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ ،تۇلۇمىدا قالغان ئاخىرقى بىر تىمىم سۇنى كۆيگەن ئۇسىتخانلار ئارىسدا جان تالىشىۋاتقان بىر بېلىجاننىڭ ئاغزىغا قۇيدى.ئۆلۈم دەھشىتىدىن قۇتۇلغان بېلىجان پىلتىڭلاپ تۇرۇپ بېشىنى يەرگە ئۇردى.
    -مانا مەردلىك،مانا ئەركەكلىك!!.........
    بېلىجان بېشىنى ئۇرغان يەر يېرىلدى.مېھىردىن،مەردلىكتىن لەرزىگە كەلگەن كىچىككىنە جان سانسىز قەتىرىگە ئايلىنىپ،كۆككە ئېتىلدى،يىگىتنىڭ جېنىغا مىڭ جان قېتىلدى...
    قۇرىغان بۇلاق ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە ياشلىقىغا قايىتتى.ئەجەلدىن يانغان بىلىقلار يىگىتنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى.چىھرىگە قان يۈگۈرگەن چىچەكلەر يالىڭاچ بولۇپ ئوينىشىۋاتقان سۇ،بىلىق ۋە يىگىتنى كۆرۈپ تېخىمۇ قىزاردى ۋە لىچەكلىرىنى يۈزىگە تارىتتى.
    چېچىڭدىن ياسدىم قامچا جېنىم تۇلپارىغا يار دەپ،
    مىھىرلىكتىللىدىم جانان قەھىرلىك ھەمرىيىڭ بار دەپ.
    ئىمادا باغلىدىم بەلگە نازاكەت سۆرىگەن قاشنى،
    ھىلال ئاي ئۈستىدە تەمبۇر مۇھەببەت كۈيىگەزار دەپ.
    مۇئەللەق بېشىدىن تارتتىم كۆيۈكنىڭ رىشتىنى دار قىپ،
    كۆزۈمنى باغلىدىم سۇبھان،ۋىسالنىڭ يولىنى تار دەپ.
    ئەجەپتە قالدىلەر ھەر كىم،ئاياغىم ئاستىدا يانتاق،
    قاراقتىن تاممىدى قەترە يىگىتلىك نامىغا ئار دەپ.
    نىشانسىز قالمىدىم يارەب،جۇنۇنلۇق قىسمىتىم ھەرئان،
    ئىشىقنىڭ راھىتى يوقلار ھايات ئالىمىدە خار دەپ.

    يىگىت بىلىقلار سۇغا تولدۇرۇپ بەرگەن تۇلۇمنى ئېلىپ ئېتىغا مىندى.ئارغىماق بېشىنى كۆتۈرۈپ،مەيدىسىگە مۇشىتلىغىنىچە قاقاقلاپ كۈلدى.بېلىقلار قىيالماسلىق بىلەن سۇدىن سەكىرىشىپ ئۇنىڭغا ئاق يول تىلىدى.
    ئەي نەۋقىران بىزلەردىن،
    مەشۇقىڭغا مىڭ سالام.
    تىكەن باسقان يوللاردا،
    دۇئا بىلەن بول ئامان.
    توققۇز كۈن ماڭ ئۇخلىماي،
    بىر چۆللۈككە يىتەرسەن.
    پىيى كۆيگەن قۇشلارنى،
    ئارامى جان ئىتەرسەن.
    ئاچقۇچنى ئال قولۇڭغا،
    گۆشلىرىڭنى دان قىلىپ.
    جانان سېنى كۈتمەكتە،
    كۆزلىرىنى قان قىلىپ.


    يىگىت كۆزىنى يۈمۈپ قىزنى كۆردى.رۇخسارى سارغايغان گۈزەل بىھۇش ياتاتتى.لىۋى توختىماي مىدىرلاۋاتاتتى......
    7-باپ
    قىز ئويغاندى


    پەلەك پەريادىدىن پۇچۇلانغان تولۇنئاي ،قويۇق تۇمان ئارىسىدا ئاستاـ ئاستا ھىلال بولدى .قىز كۆل ئوتتۇرىسىدىكى دەرەختە كۆكۈش نۇرغا چۇلغۇنۇپ ئېسەدەۋاتاتتى :
    ئەجەپ قىينالدى بۇ جانىم ،
    يېشىمنىڭ ئورنىدا قانىم .
    قېنىم دەرياغا ئايلانسۇن ،
    كىچىپ ئۆتكىن ئەزىز يارىم .
    چېچىمنى تار قىلاي تۈنگە ،
    تونۇڭنىڭ تۈگمىسىنى يەش .
    يۈرەك باغرىم كاۋاپ بولسۇن ،
    نىسىپ بولغاي ماڭا ئۈنلەش .
    سەۋىردەك تاش بولۇپ قاتقان ،
    لېۋىمنى سەن توپان ئەيلە .
    توپاننىڭ زەۋقىدە ئوتسەن ،
    سېھىر زۇلمەتىنى چەيلە .

    كۆلگە ئايلانغان مېھىرلىك كۆز،كۆزگە ئايلانغان غېرىپ كۆل تەڭلا بىر چايقىلىۋىدى يىگىتلىك مەۋسۈمىدە باھارغا ،جۇنۇنلۇق چۆلىدە ناھارغا،رىيازەت تاغلىرىدا شۇڭقارغا ئايلانغان ئاشىق قېسمەتلىك يوللاردىن ئات سېلىپ كەلدى .ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆرلەۋاتقان پىراق قۇملارنىمۇ تاغ،تىكەنلەرنىمۇ گۈل قىلىۋاتاتتى ...
    ـ ئاھ ،خۇدا !!!
    قىز ئالقانلىرى بىلەن يۈزىنى توسۇپ ،تولغانغىنىچە ئاچچىق بىر چىرقىرىۋەتتى .ئۇنىڭ نالىسىدىن ئىرىگەن يۇلتۇزلار كۆلگە سۇ بولۇپ قېتىلدى .قىز سەۋىر كۈلپىتىدىن زەرىب بىلەن يۇلقۇنۇپ يىگىتىگە قاراپ ئېتىلدى .چۈنكى قىزنىڭ كۆزى ئۇنىڭ پۇتىدىكى يارا ئېغىزىغا چۈشكەن ئىدى ...قىز ئۇچتى! ئۇچۇۋېتىپ توققۇز يىللىق كۈتۈشىنىڭ پاراغىتىنى توققۇز نەپەستە قۇچتى :
    سۇنۇپ شاخى سەنەم بولغان ئەلەمسىز ناتىۋانىڭمەن ،
    سېنىڭ ئشقىڭغا ئەل بولغان چۆلىڭدە ئاھۇزارىڭمەن .
    ئىزىپ جانىمنى سەندەلدە ياراڭغا مەن داۋا ئەيلەي ،
    جاھان رەنجىدە يەكتاسەن غېرىپلىق دەشتىنى كۈيلەي ،
    دىلىم دەريا، تىلىم خەندان ساڭا پەيمانە بولغايمەن ،
    قولۇڭدا ئىزدىگەن ئوقيا بېرىپ ئوقياغا قونغايمەن .
    ئىزادىن گەر قىزارسام ئاھ،قۇچاقىڭدا قىزىلگۈلمەن ،
    سېغىنغان دەملىرىم كەلسە يېشىمدا چۆرگىلەر تۈگمەن.
    قەسەمكى ئول سېنى سۆيگەن بىتاقەت باشى سەۋدادىن ،
    كۆيۈپ كۈل بولمىقى ھەقتۇر جاھانمۇ ئۇشبۇ غەۋغادىن .


    قىز يىگىتىنىڭ باغرىغا ئەمەس، بەلكى ئايىقىغا يامغۇردەك تۆكۈلدى .شەلۋەرەپ تۇرغان يارا ئېغىزىنى غۇنچىدەك لەۋلىرى،ئسسىق تىللىرى بىلەن شوراپ،زەھەر-زەرداپلارنى تۇپراققا ياندۇردى .يارا ئەتراپىنى كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇپ- تازىلاپ ،ھالرەڭ ياغلىقىنىڭ بۇرجىكى بىلەن تاڭدى ! يىگىت توغراقتەك بەستىنى ئىگىپ ،ئوتتەك لاۋۇلدىغىنىچە پۈكۈلۈپ تۇرغان قىزنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ئۇنى باغرىغا چىڭ باستى ....
    ئاتنىڭ كىشنەشلىرىدىن ،تۇيىقىنى يەرگە ئۇرۇشلىرىدىن جىمى ئەتراپ لەرزىگە كەلدى ...ئۇلۇغلۇق گەردىشىگە گۇۋاھ بولىۋاتقان مىۋىلىك دەرەخلەر يىنىك سىلكىندى ....قىز قۇرۇپ چاكۇچاك بولغان لەۋلىرىنى چىشلىگىنىچەقۇياشتەك كۈلۈپ ،سەھەر شەبنىمىدەك لىغىرلاپ ئۇيقۇدىن ئويغاندى...

    ئەخمەتجان خۇما
    رىۋايەتكە جان كىردى- سۆيۈلمىگەن قىز

    بۇ يەردە توساتتىن چۆچەكلەر پەسلى يېتىپ كېلىپ، رېئاللىق بىلەن رەڭ تالاشقان ھالدا نەزىم گۈلىستانىغا خۇش ھىد چېچىشقا باشلىغاندا, سەنەمنىڭ ئاھى پەلەك دەرگاھىغا يەتتى. داستانلار مەشرىپىدە يىراق ئۆتمۈشتىكى ھىجران قىناقلىرىغا بەنت بولغان توققۇز قىز سۆيگۈ ئاھىنى تۆكۈلۈپ-تۆكۈلۈپ نەغمە قىلىشقا باشلىغاندا ئوتتۇز يىگىت نەگە كەتكەندۇ؟

    سۆيگۈ ئۆز ئۇۋالىنى ھىكايە قىلماقچى ئىدى. لېكىن ئانىلىق مېھىر ئۇنىڭ رەڭگىنى شامالغا سورۇپ يىپ-يېڭى بىر ئەر ياراتماقچى بولدى، ئۇنىڭ ياراتماقچى بولغىنى جۈملى جاھانغا ئەركەكلىك ئۇرۇقىنى چاچالايدىغان، يۇمرانلىق باغلىرىدىن يىگىتلىك چۆللىرىگە ئات سالالايدىغان بىر نەۋقىران ئىدى. ئۇ بالىنى سۈيقەستلەردىن ھىمات قىلماقچى بولۇپ باغرىنى يېرىشتىن ئايانمىدى. شۇ دەقىق بالىنىڭ كۆكسىدە مۇھەببەتكە قان قۇيۇلدى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى مۇقاملار كۈيىگە تەڭداش ئاھاڭدا ھىلە ۋە نامەردلىك قورغىنىغا غەزەپ بىلەن ئۇردى.

    كۆكتىكى زۆھرەنىڭ تۆكۈلسە يېشى،
    لەرزىدە ئېگىلەر زىمىننىڭ بېشى.
    ئەركەكنىڭ مېھرىگە يۆلەنگەن چاغدا
    تېرىقتەك چېچىلار پەلەكنىڭ تېشى!

    ئۇ قەھرىدىن تىترەۋاتقان زۇلمەت ئاراچلىرىدىن ئاشىقلار نالىسىنى ئاختۇرۇپ ئۇلارنى ئازات قىلماقچى بولدى...
    بۇ چاغدا سەھەردەك پاك بىر قىز تىلسىملارغا يەم بولغان ھالدا، ھىجراندىكى سۆيۈملىرىنى باغرىغا چىڭ باسقان پېتى ئۇنىڭغا جاسارەت ئاتا قىلىشقا كۈچىنىڭ بارىچە تىرىشىپ ئۇنى قان-قان بولۇپ كۈتىۋاتاتتى.
    قىزنىڭ مۇھەببەت زەۋقىدىن كۈچ ئالغان باھادىر يىگىت تىلسىملار بېشىدا ئات ئوينىتىپ جانانىغا باققاندا، ۋىسالنىڭ ئالتۇن تېڭى خورازلىرىنى نەغمىگە چىللاپ قىزنى ئويغاتتى.......
    نۇرغۇن كىشىلەر شائىرلارغا قىزىققاندەك مەنمۇ شائىرلارنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ شائىرانە ھېسلىرى بىلەن شائىرلىق دىتىنىڭ نەدىن كېلىدىغانلىقىغا بەكمۇ قىزىقىمەن. ئامال بار ئۇلار تەۋە بولغان مەدەنىيەت، ئېقىملار ۋە ئاڭ ئىستەكلىرىنىڭ تەكتىگە يېتىپ باققۇم كېلىدۇ. چىمەنگۇل ئاۋۇت زامانىمىزدىكى مەن بۇ تەرەپلىرىگە ئەڭ قىزىقىدىغان ئۈچ شائىرنىڭ بىرى. شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ھاياجان ياكى قىزىقىش بىلەن ئەمەس بەلكى بىر خىل ئىشتىياق ۋە زوق بىلەن ئوقۇيمەن. لېكىن چىمەنگۇلنىڭ دۇنياسىدا تېگى-تەكتىدىن قانداق شېئىرى قىيامەتنىڭ سۈرەن سېلىۋاتقانلىقىنى تولۇق بىلىشكە مۇۋەپپەق بولالماي ئاۋارىمەن. بەزىدە چىمەنگۇلدىن گۇمانلىنىپمۇ قالىمەن. چىمەنگۇل ئاۋۇتنىڭ قەلىمىدىلا ئەمەس شېئىرىيەت تىنىقلىرىنىڭ تەكتىدە بىر خىل ياتلىشىشنىڭ كۆلەڭگۈلىرى ئەگىپ يۈرەمدۇ قانداق، دەپ. ئەمما تازا زەڭ قويسام ئۇنداقمۇ ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن ئۆزەمنى ئەيىپلەپ قويىمەن، ئەخمەتجان خۇما سەن نىمە دەپ ئۆزۈڭ بىلەلمىگەن تۇرۇپ قارىسىغىلا خەقكە تۆھمەت تېشى ئاتماقچى بولىسەن، دەپ. «توققۇزىنچى رىۋايەت»نى ئوقۇپ بولماي تۇرۇپلا ئالدىمدا تۇرغىنى باشقا بىر چىمەنگۇل ئاۋۇتتەك غەلىتە بىر تۇيغۇدا جىممىدە بولۇپ قالدىم.
    -سىز كىم؟
    -مەن چىمەنگۇل!.
    ھەيران قالدىم.
    -راستلا خاتالاشماپتىمەن. ئەگەر سىز يەنىلا سىز بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى باشقىدىن يارىتىپسىز.
    -راستىنى ئېيتسام بۇ قېتىم يارىتىشنى ئەمەس بەلكى باشقىدىن يارىلىشنى نىشان قىلغان ئىدىم. بۇ نىشانىمغا يەتتىممۇ يوق، بىر مەزگىلدىن كېيىن بىر نىمە دىيەلەيمەنغۇ دەيمەن.
    -مېنىڭچە يەتتىڭىز، تولۇق يەتتىڭىز. ئەمما بىر گەپ بار. داستانلىرىمىزنى ئوغرىلىۋاپسىز.
    -سىزنىڭچە يۈرىكىدە ئىشق زەۋقى گۇلخان ياسىيالايدىغان ھەر بىر ئايال زاتى بىر داستان ئەمەسمۇ؟
    چىمەنىمنى سۆيگەن كېچىنى ئايدىڭلاردا كۆزۈڭدەك ياشلاي!

    ئىھ سۆيگۈنىڭ رەڭسىز قانىتى ھەسرىتىڭنى قانداقمۇتاشلاي؟

    يىگىت زەۋقى ئۆچتى قومۇشتەك، يىراقلاردا پەرھاد تىۋىشى،

    مەن بېلىقتەك تاراملاپ قۇمدا كىمنى ۋىسال بېغىغا باشلاي؟

    ئەجىبا مەن قەلبىمدىكى مۇشۇنداق سۆيگۈ تىۋىشلىرىنى داستان قىلىپ يازسام ئوغرى بولامدىكەنمەن؟
    داستانغا قايتىدىن نەزەر سالدىم. بۇ يەردە تۇيۇقسىز تىلسىزلار تىلغا كىرىپ رىۋايەتلەرگە جان قۇشى قونۇپتۇ. داستاننىڭ ماۋزۇسىدىن تارتىپ ھەر بىر ھۈجەيرىلىرىگىچە مۇقەددەس سان توققۇز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايانلار شۇنداق جىپسى ۋە يارىشىملىق سىڭىپلا قالماستىن بەدىئى ئىمكانىيەتلەر بىلەن شائىرنىڭ ھېسلىرىنى، تۇيغۇلىرىنى يېڭىدىن يېڭى ئىلھامغا ۋە قايناق ھاياجانغا باشلىغان. باشلىنىشىدىلا بىزگە ئەجداتلار قەدىمى ئىزلىرىنى ۋە تىۋىشلىرىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ: «...ئەلقىسسە توققۇز قەۋمنىڭ يۇلتۇزى چاقناپ تۇرغان يالغۇز كېچىدە مەجنۇننىڭ نالىسى قۇلىقىمغا كىردى...» ئۇندىن كېيىن توققۇز ئىنسان ئاپىرىدە بولغان دەملەرگە قاراپ ئۆزىنىڭ ساماۋىلىقىنى زىمىن ۋە ئاسمان قەھرىدە جەۋلان قىلىدۇ. «... ئۇنىڭ مۇشۇنداق يۈكۈنۈپ ئولتۇرغىنىغا توققۇز سائەت بولغان بولسىمۇ، ئوغلىنى ئويغىتىشنى، ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇتلىرىنى سۇنىۋېلىشنى، ئۇيقۇدىن، يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىنى بىر دەم بولسىمۇ يۇمۇۋېلىشنى ئويلاپ باقمىدى!» بۇ يەردە ئېنىقكى، تەۋەللۇت ئالدىدىكى تۆرەلمىگە ئىشارەت قىلىنغان. مەشھۇر ئېپوسىمىز «ئوغۇزنامە» دە ئوغۇزخان تۇغۇلۇپلا ئايىقى چىقسا، قىرىق كۈن بولغاندا ..... داستاندىكى بوۋاق «تۆڭلۈكتىن چۈشكەن كۈن نۇرى» بىلەن ئويغىنىپ ئانىسىغا ھىكايە ئېيتىپ بېرىشكە باشلايدۇ. ئانىنىڭ تەۋەللۇت قىلمادقچى بولغىنى دەل مۇشۇنداق ئوغۇز سۈپەت ئەزىمەت ئىدى. داستاننىڭ بېشىدىلا كىلاسسىك قىسسەچىلىك ئەنئەنىسىنى چاقنىتىپ باشلانغان مىسرالار كىشىنى بىلىپ-بىلمىگەن ھالدا قەدىم تارىخ ۋە ئەجداتلار قىسمەتلىرىگە باشلاش بىلەن بىرگە بۈگۈنكى زامانىۋى ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى خاسلىقى بىلەن ئەدەبىياتمىزنى گۈلگە پۈركەپ كېلىۋاتقان شائىرەنى فولكلور قاينىمىدا كۆرىۋاتقاندەك تۇيغۇدا غىدىقلايدۇ.
    داستاننىڭ بايان شەكلى ئۇيغۇر كىلاسسىك داستانچىلىقىنىڭ شەكلىنى ئۆرنەك قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىقى ۋە شەكىل، ئۇسلۇبىنى ئۆزىدە قىيامىغا يەتكۈزگەنلىكى بىلەن قىممەتكە ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ.داستاننى ئوقۇش جەريانىدا ئوقۇرمەن ئېنىقكى، شائىرە چىمەنگۇل ئاۋۇتنى خىيال قىلىپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىزلا ئېغىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس بۇلىقىغا چۆمۈلۈپ قالىدۇ. بۇ نۇقتىدىنلا «توققۇزىنچى رىۋايەت» ھەر بىر كىشىنىڭ ئوقۇپ بېقىشىنى تەقەززا قىلسا، شائىرە تۇيغۇلىرىنىڭ غىدىقلىشىدىن بىر ئۆرىلىپلا شېئىرىيىتىمىزنىڭ يېڭىلىنىۋاتقان يېڭىچە ھالىتىگە ئەسىر بولىدۇ. ئۇيغۇر خەلق داستانچىلىقىنىڭ نەسرى بايان بىلەن شېئىرى ھېسلار ۋە باياننىڭ بىرىكىش ئالاھىدىلىكى بىر تەرەپتىن شائىرەنىڭ خاس شېئىرىيەت ئۇسلۇبىدىن دېرەك بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەمنى بۇ شېئىرلار خەلق قوشاقلىرىمۇ ياكى چىمەنگۇلنىڭ شېئىرلىرىمۇ دىگەن تەئەججۈپلىك گاڭگىراشتىن سوئاللارغا كۆمۈپ تاشلايدۇ. شېئىر ۋە نەسرى بايانلار شائىرەنىڭ قەلىمىدە سۇدا ئۈزگەن بېلىقتەك ئەركىن ۋە تەپەككۇردەك ئازادە قانات قاقىدۇ.
    بىز شېئىرغا ناھايىتى كۆنۈك. ھەر بىر پارچە شېئىردىن مەنا ئىزدەيمىز. ئەمما بىزنىڭ مەنا قوغلاشقىنىمىزنىڭ ئەكسىچە چىمەنگۇل تۇيغۇ بوستانىدا كېپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا داستاندا پىكىر ئىزچىللىقى بىلەن تۇيغۇ ئىزچىللىقى تەتۈر تاناسىپلىق ھالەتتە بىر-بىرىگە سۇۋاشماي سويلاپ يۈرۈيدۇ. بۇنى بىز مۇقەددىمىنى ئوقۇپلا ھېس قىلالىشىمىز مۈمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە پىكىر ۋە ۋەقەلىك تەمەسىگە بەنت بولغان ھېسلىرىمىز دەممۇ-دەم ئاسىقىپ قالىدۇ. چۈنكى، شائىرە ئۆز تۇيغۇسىنى بويلاپ ئەركىن قەلەم تەۋرىتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ھەر نەپەس ئۇرغان ئاھلىرىدىن ئاشىقلىق قىسسەلىرىنىڭ بىز زادىلا ھېس قىلىپ يەتمىگەن ئىچكى مەنالىرى تىزىلىپ چىقىدۇ. شۇڭا مۇقەددىمىنىڭ ئاخىرىدا شائىرە بىر لىرىك سىما سۈپىتىدە خىتاپ قىلىدۇ:
    «ھازىرقى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى يا تۆڭلىكى يوق لېكىن ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ مۇھەببەتلىك يۈرىكى ھەممىلا زاماندا بولىدۇ جېنىم...! مەن شۇنداق پۇخادىن چىققاندەك بولدۇم. ئۆزۈمنى رابىيەدىن قەھرلىك، سەنەمدىن مېھرلىك ھېس قىلالىدىم. چۈنكى مەن سۆيۈلدۈم. قىسمەتلىرىمىزدەك سېھىرلىك بىر رېئاللىققا كۆمۈلدۈم!»
    دەل مۇشۇ سەۋەپتىن ئوغۇز سۈپەت يىگىت ئەڭ ئاخىرى مەشۇقىنى قورشاپ تۇرغان تىلسىمغا غەزەپ بىلەن قىلىچ ئۇرغاندا، قىز ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. ئەپسۇسكى ئۇ بىز كۆرگەن مەھكۇملۇقتىكى قىز بولماستىن روھىدىكى قىسمەت تىلسىمىدىن ئۇيقۇغا كەتكەن يەنە بىر قىز بولۇپ چىقىدۇ. «ئاتنىڭ كىشنەشلىرىدىن، تۇيىقىنى يەرگە ئۇرۇشلىرىدىن جىمى ئەتراپ لەرزىگە كەلدى.... ئۇلۇقلۇق گەردىشىگە گۇۋاھ بولىۋاتقان مېۋىلىك دەرەخلەر يېنىك سىلكىندى..... قىز قۇرۇپ چاك-چاك بولغان لەۋلىرىنى چىشلىگىنىچە قۇياشتەك كۈلۈپ، سەھەر شەبنىمىدەك لىغىرلاپ ئۇيقۇدىن ئويغاندى...». ئەمىلىيەتتە بۇ قىز بىرلا ياكى ئىككى ئەمەس، يىگىتمۇ شۇنداق. قىز بارلىق قىزلىرىمىزنىڭ ئېزگۈ تۇيغۇلىرىنىڭ بىرىكمىسى. ئوغۇز سۈپەت يىگىتچۇ؟ ئۇ قىزلىرىمىز كۈتىۋاتقان ئوغۇز ئەر. شائىرەنىڭ قەلىمىدە ئۇ ھەرگىزمۇ رىۋايەت، چۆچەك، داستانلىرىمىزدىكى غايىۋى قەھرىمانلارلا بولۇپ قالماستىن بەلكى بۈگۈنكى يىگىلەۋاتقان ئەركەكلىككە قىلىچ ئۇرالايدىغان بىر زەبەردەست بولۇپ جەۋلان قىلغان. كىشىنى تەئەججۈپلۈك ئويغا سالىدىغىنى شائىرەنىڭ قەلىمىدە ئەركەكلىك بۇ قېتىم ئاشكارا قامچىلىنىشنىڭ تەتۈرىسىچە جەۋلانغا كەلتۈرۈلگەنۇ، بۇرۇنقىدىنمۇ ۋەزنى ئېغىر ۋە سالماق سوئاللار ئەركەكلەرگە قاراپ سانسىز يا ئوقىدەك ۋىشىلداپ ئېتىلغان.....

    "كروران"ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.