زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: مەن

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-20 20:22:20

غەزەلزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىمەن كۈتمىگەن پەسىلدىمەن، ئۆچكەن قۇياشىم،كۆز ياشلىرىم ئۇسسۇزلۇقتۇر ، غەم بولسا ئاشىم،دەرد داغلىسا دىلنى، سەۋدا ئەپسۇن- سىھرىدىنتاش بولغاندۇر ئاللىنېكەم غېرىپ...

    غەزەل
    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى


    مەن كۈتمىگەن پەسىلدىمەن، ئۆچكەن قۇياشىم،
    كۆز ياشلىرىم ئۇسسۇزلۇقتۇر ، غەم بولسا ئاشىم،
    دەرد داغلىسا دىلنى،  سەۋدا ئەپسۇن- سىھرىدىن
    تاش بولغاندۇر ئاللىنېكەم  غېرىپ بۇ باشىم.
    ئانىي تاپقاچ كوچىلاردىن چىقساملا  دوقمۇش،
    ھەتتا خەسمۇ مەندىن قاچار،  دېمەس قاياشىم...
    تۆكتى ئاسمان يامغۇر قىلىپ يۇلتۇزلىرىمنى
    زەيلىمەكتە مۇھەببەتسىز سەبرىم- چىداشىم...


    2011-يىل 19-ئاپرېل

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.