شور دەريانىڭ ئۇ تەرپىدە6-باب(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-27 20:20:00

ئالتىنچى باب:گۈلبانۇنىڭ چۈشى سۇ بولغان يۈرەكتە بىر ئوچۇم خوۋلۇق، ھارۋىنىڭ غىچىرلىشىنى يالمايدۇ ئەتراپ. قۇرۇغان شاخلارنىڭ سوۋۇغان تېنى، پاكىز بىر تىنىقتەك سوزۇلار شۇ تاپ. شورلاشقان خىياللار يا...

    ئالتىنچى باب:گۈلبانۇنىڭ چۈشى

    سۇ بولغان يۈرەكتە بىر ئوچۇم خوۋلۇق،
    ھارۋىنىڭ غىچىرلىشىنى يالمايدۇ ئەتراپ.
    قۇرۇغان شاخلارنىڭ سوۋۇغان تېنى،
    پاكىز بىر تىنىقتەك سوزۇلار شۇ تاپ.

    شورلاشقان خىياللار يانىدۇ تاتلىق،
    يېرىلغان ئالىقانغىلا ئوخشايدۇ ئاسمان.
    تەر ھىدى ھورلىنار شۇ قەدەر قېنىق، زېمىنغا چىپىلداپ ئاقىدۇ ئارمان.

    ساراسىم گۈللىرى توزۇغان جايدىن،
    چاڭقىغان قۇشلارمۇ ئىزدەيدۇ پىراق.
    قانىغان لەۋدەكلا تۇرار ئۈمچىيىپ،
    يوچۇن بىر قول بىلەن كېسىلگەن توغراق.

    سىڭمەكتە تەبىئەتكە، سىڭمەكتە تاشقا،
    گۇگۇمنىڭ باغرىدا يۇمران بىر تىۋىش.
    ئاۋايلاپ چېچىلار شۇ چىغىر يولغا،
    يىگىتنىڭ بەلۋېغىغا تۈگۈلگەن پۈتمىش.

    يىراقتىن ئاڭلانغان سۈزۈك بىر شەپە،
    تاراتتى ئەتراپقا تونۇش بىر گۇمان.
    خۇرجۇننىڭ ئىزمىسىنى يېشىۋاتقان قول،
    بىردەملىك ئويۇشۇپ قالدى ئاھ شۇئان.

    چاپچىدى قۇلاندەك ياندى ئوت بولۇپ،
    قەدەملەر سۈلكىتىدە پارلىدى يۇلتۇز.
    سېزىلدى يىگىتكە دەسسەپ ماڭغىنى
    توپىلا ئەمەس، ئۇ بەلكى ھالال تۇز.

     كۆرۈندى بىر جۈپ كۆز چوغدەكلا چاقناپ،
    ۋەھىمە تىغلىرى قايرىلدى تىمتاس.
    يانتاقلىق ئارىسىدىن تەپچىگەن بىر ئۈن،
    ئاينىمۇ زېمىنغا ئېگىلدۇردى باش.

    چېچەكتەك يېيىلغان ئاپئاق كۆڭلەكتىن،
    ھورلاندى ئۇنتۇلغان كەچمىشنىڭ ئىسى.
    قاراڭغۇ كېچىنى يورۇتتى ئىللىق،
    موماينىڭ ئاق نۇردەك ئاقارغان چېچى.

    يىگىتكە زەن سېلىپ كۈلدى مۇلايىم،
    كۈلكىنىڭ ئورنىغا تامدى ئىسسىق قان.
    تاپىنى ئاستىدا تۇرسىمۇ تىكەن،
    يىگىتنى چۇلغىدى چەكسىز ھاياجان.

    — تونۇدۇم مەن سېنى، ئېھ قار مەلىكە،
    قاچاندىن بۇ يەرنى ئەيلىدىڭ ماكان.
    ئادەملەر يۈرىكىدىن يىراق بىر جايدا،
    ھەي بۇنداق ياشاشمۇ ئەمەسقۇ ئاسان.

    — سەن قانداق بىلىسەن مېنى جان يىگىت،
    تونۇمسەن ۋە ياكى ئۆگەي ئانامنى.
    ئۇچرىتىپ قالدىڭمۇ ياكى بۇ يولدا،
    مەن ئۈچۈن ياش تۆككەن ئەزىز دادامنى؟

    — تونۇدۇم مەن سېنى ئوتلۇق كۆزۈڭدىن،
    يېرىلغان پۇتۇڭدىن، سېۋېتىڭدىن ھەم
    . چۇۋۇلغان چېچىڭنىڭ ئۆرۈملىرىدىن،
    تۇيۇلدى تامچىلاپ تۇرغاندەك ئەلەم.

    — قار ياغقان شۇ كۈنى بۆلجۈرگەن ئىزدەپ،
    ماڭغانچە ئاھ ئۇزاپ كەتتىم ئۆيۈمدىن.
    قانچە قىش، قانچە ياز ئۆتتى ھەم باھار،
    قورقمىدىم ھەتتاكى ھەق بىر ئۆلۈمدىن.

    سارغايغان ياپراقلار كۆمدى يولۇمنى،
    بۇ خىلۋەت ماكانغا كەپ قالدىم ئېزىپ.
    قايتىشنى ئىستەپمۇ باقمىدىم ئۆزۈم،
    تەبىئەت باغرىدا كەتتىم مەن ئېرىپ.

    ھە مانا ئۆزۈڭمۇ تۇرۇپسەن كۆرۈپ،
    شۇنچە يىل يا ئاچلىق يەڭمىدى مېنى.
    كۆز يېشىم يېتىشتى ئۇسسۇزلۇقۇمغا،
    ساپ ھاۋا، پاك تۇپراق يۆلىدى مېنى.

    يىگىتنىڭ ۋۇجۇدى كەلدى لەرزىگە،
    ئاھ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى بىمالال.
    ئەپ كەلدى كېسىلگەن توغراق يېنىغا،
    جانىۋارمۇ ئۇيقۇدىن ئويغاندى دەرھال.

    مەي بولۇپ قىزارغان بۆلجۈرگەنلەرنى،
    خۇرجۇنى ئىچىدىن ئالدى ئوچۇملاپ.
    ئۈمىد ھەم ھەيرانلىق ئىسكەنجىسىدە،
    موماينىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى شۇ تاپ.

    — جان يىگىت، ھەر زامان، ھەربىر دەقىقە،
    مەن شۇنداق بىر يۈرەك كۈتكەن ئەزەلدىن.
     خورلۇقۇم ئۇنتۇلغان خىيالىم بىلەن،
    ئەسلىمنى، ۋەسلىمنى تاپتىم بۇ يەردىن.

     تۇت بۇنى، ئالىقىنىمدا بىر تاللا ئۇرۇق،
    چېچىپ باق خىسلەتلىك زېمىنغا ئۆزۈڭ.
    قۇت بولسۇن بىر ئۆمۈر سەندىكى جىگەر،
    تاڭ ئاتسا ئاپتاپتەك نۇرلانسۇن يۈزۈڭ.

    يىگىتنىڭ شىجائىتى كۆكلىدى رەت-رەت،
    تاشلارنىڭ تەپتىدە چوغ بولۇپ تاغلار.
    سۇمبۇل چاچ كۆركىدە سىلكىنسە تۇيغۇ،
    تەر بىلەن يۇيۇلدى يەردىكى داغلار.

     كەڭ سەينا رەڭدار بىر باغدەك كۆرۈنەر،
    كۆزلەرگە ئوخشىتىپ كولاندى بۇلاق.
    قۇشلارمۇ بىر-بىرلەپ سېلىشتى ئۇۋا،
    يوللارنىڭ پايانى ئۇزاقتىن-ئۇزاق.

     يارىلانغان بىر كېيىك كۆلنىڭ بويىدا،
    مۇڭلىنىپ تۇرىدۇ يۈرىكى لەختە.
    ئىزدىمەس ھەتتاكى بىلمەيدۇ ھېچكىم،
    ئۇمۇ بىر ئۇنتۇلغان غېرىب مەلىكە...

    ...سەھەرنىڭ ھاۋاسىغا ئارىلاشقان جىگدە پۇرىقى  ھەم كاككۇك بىلەن زەينەپنىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك كۈلكىسى مېنى سەگەكلەشتۈرۈپ، تاتلىق بىر تۇيغۇدا كۆزۈمنى ئاچتىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق