شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى 4-باب ( چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-23 17:10:00

تۆتىنجى باب ئېغىرلاشقان ئاياغلىرىمنى تەسلىكتە يۆتكەپ، ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراشقىمۇ رايىم بارمىغان ھالدا كېتىۋاتىمەن. يول شۇ قەدەر جىمجىت، شۇ قەدەر سۈرلۈك... بىرھازا ماڭغاندىن كېيىن، يىراقتىن ...

     تۆتىنجى باب

     ئېغىرلاشقان ئاياغلىرىمنى تەسلىكتە يۆتكەپ، ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراشقىمۇ رايىم بارمىغان ھالدا كېتىۋاتىمەن. يول شۇ قەدەر جىمجىت، شۇ قەدەر سۈرلۈك... بىرھازا ماڭغاندىن كېيىن، يىراقتىن ئېشەكنىڭ سوزۇپ ھاڭرىغان ئاۋازى ۋە كولدۇرمىنىڭ يېنىك جىرىڭلىشى قۇلىقىمغا كىردى.
    سەندە بارى مەندە يوق، مەندە بارى سەندە يوق.
    تەندە بارى روھتا يوق، روھتا بارى تەندە يوق.
         ھارۋىكەشنىڭ يېقىملىق ناخشىسى يېقىنلاشقانچە، ۋۇجۇدۇمنى ئىللىق بىر سېزىمغا ئارىلىشىپ كەتكەن قورقۇنچ چۇلغىۋالدى.
      كېتىۋاتىمەن ... ئارقامدىن يېتىپ كەلگەن ھارۋا ئۈستىدە خامۇش ئولتۇرغان يىگىتكە قورۇنۇپ تۇرۇپ سالام بەردىم. ئۇمۇ سالىمىمنى ھارغىن بىر نەزەر بىلەن ئىلىك ئالغاندىن كېيىن:
     — بۇلبۇلكۆلگە... سىزچۇ؟ — دېدى.
    — نېمە؟ بۇلبۇلكۆل... بۇ خىل تاسادىپىيلىقتىن ئەندىكىپ ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇۋالدىم-دە، — مەنمۇ، — دېدىم پەس ئاۋازدا.
    — چىقىڭ.
    — رەھمەت.
    بىرنەچچە سائەت يول يۈرۈپمۇ بىرەر ئېغىز پاراڭلاشمىدۇق، ئۇ پەقەت ھېلىقى ناخشىنى توختىماي تەكرار-تەكرار ئوقۇيتتى:
     سەندە بارى مەندە يوق، مەندە بارى سەندە يوق.
    تەندە بارى روھتا يوق، روھتا بارى تەندە يوق.
        يارىيار ھارۋىنىڭ تىنىمسىز غىچىرلىشى، پىژغىرىم ئىسسىق ھەم يوللاردىكى غېرىبلىق، مېنى يەنىلا ئۇزاق يىللار ئىلگىرىكى قۇتۇلغۇسىز ئەسلىمىلىرىمگە سۆرەپ كېتىۋاتاتتى.

     ... ئۇ چاغلار باش كۈزنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرى، مېنىڭ 16 ياشلىق ۋاقىتلىرىم ئىدى.
    ... ئانامنىڭ توختىماي كايىشلىرىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يەنە سۇغا چىقتىم. ئۇلار مېنى بەرمەكچى بولۇۋاتقان 40 ياشلار چامىسىدىكى چېقىر كۆز، چار ساقال، مۇشتۇمدەك پوقىقى بىلەن تېخىمۇ سەت كۆرۈنىدىغان ۋىجىككىنە ئۇ ئادەمنى خىيال قىلغانسېرى شۈركۈنۈپ، شۈركۈنگەنچە ئۇنىڭ نۇقسانلىرىنى تېخىمۇ كۆپرەك تېپىش ئۈچۈن يەنە خىيال قىلىپ كۆل بويىغا كەلدىم. سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالغان ئىككى-ئۈچ تال سارغۇچ يوپۇرماققا قاراپ ئولتۇرۇپ بوغۇزۇمدىكى ئاچچىق يىغىنى يۇتۇۋېتىشكە قۇربىم يەتمىدى. بۇ ھالەتتە قانچىلىك ئولتۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا بۇرنۇمغا قويۇق نەشە پۇرىقى ئۇرۇلۇپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم.
     — يىغلاپسەنغۇ، خۇددى ئەرگە تېگىدىغاندەك؟
     — تەگسەم تەگدىم!
    بۇغداي ئۆڭ، تەتۈر ئۇستىخان تەمبەل بۇ يىگىتكە زەردە بىلەن جاۋاب قايتۇردۇميۇ، يۈرىكىم باشقىچە سېلىپ كەتتى.
    — مەندىن باشقا ئادەمگە تەگكىنىڭنى كۆرەي، كېلەر ھەپتە تويۇڭ بولارمىش ھە تېخى.
     ...— 
       — ئۇ ئىپلاسقا تەگكۈڭ بولمىسا، پەيشەنبە كۈنى قاش قارايغاندا مۇشۇ كۆل بويىغا چىق. ئۇ شۇنداق دەپلا گۈس-گۈس دەسسىگىنىچە ئۇزاپ كەتتى.
        
    ئىزغىرىن شامالغا تۇتتۇم يۈزۈمنى،
    سۇدىكى سايەمگە چۈشتى يوپۇرماق.
    چېلەككە ئۇسۇغىنىم تېگى يوق خىيال،
     كۆزۈمدىن يېشىمنى سۈرتتۈم ئاۋايلاپ.

     ئايلىنار يېنىمدا بىر جۈپ چۈمۈلە،
    بىلمەكچى بولغاندەك كۆڭلۈمدىكىنى.
    ئىزتىراپ ئارىلاشقان قىرتاق ھاياجان،
    سىرلىق بىر چۈش كەبى قىينايدۇ مېنى.

    ئۇ ئەجەب تۇيۇقسىز بوپ قالدى پەيدا،
    سەزدىكىن قانداقمۇ ئازابلىرىمنى.
    يا تېخى بىلەمدۇ ئۇزاقتىن بۇيان،
    بىر ئۇنى ئۈن-تىنسىز سۆيگەنلىكىمنى.

     چېچىمنىڭ ئۆرۈمىنى چۇۋۇدۇم تەكرار،
    يۇلتۇزدەك چايقايدۇ خىياللار تۈننى.
    ناۋادا شۇ كۈنى بارسام ئۇ يەرگە،
    راستتىنلا ئۇنتۇماي كۈتەرمۇ مېنى.

        ئىنتىلىش ھەم قورقۇش، بۇرۇقتۇرمىلىق ھەم ئېسەنگىرەش ئارىلىشىپ كەتكەن خەتەرلىك كەيپىياتتا بۇ ئۈچ كۈننى ناھايىتى تەستە ئۆتكۈزدۈم. مەن ئۆزۈمنى قاچۇرغان ھەم كۈتكەن پەيشەنبە ئاخىر يېتىپ كەلدى.
        قاش قارايغان چاغ... «ئۇ كەلمەي قالسىچۇ؟ كەلسە يەنە نېمە دەر؟» دېگەن خىياللار ئىسكەنجىسىدە كۆل بويىغا يېقىنلاشتىم. قولۇمدىكى چېلەكمۇ نېمىشقىكىن ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
     — ھوي گۈلبانۇ. تونۇش ھەم سۈرلۈك بۇ ئاۋازدىن يەنە بىر قېتىم چۆچۈپ كەتتىم.
    — چىقىپسەندە؟
     — نېمە گېپىڭ بار، تېزرەك ئېيتقىن، بولمىسا ئانام...
       — يەنە ئۆيگە ئالدىراۋاتامسەن كالۋا؟ ھېلىقى پوقاققا تەگكۈڭ باركەندە؟
    — كىم شۇنداق دەيدۇ...
     — ئۇنداقتا ئەمدى ئۆيگە قايتىمەن دېمە، مەن سېنى ھازىر يىراقلارغا ئېلىپ كېتىمەن.
    — نېمىشقا؟
    — سېنى غەمدىن خالاس قىلاي دەپ.
    — قورقىمەن.
    — قورقما، ئەخمەق.
    — قاچان قايتىپ كېلىمىز ئەمىسە؟
     — سەن مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان كۈنى.
        ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ مەنمۇ كۈلۈپ سالدىم. ئەمەلىيەتتە ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى خېلى بۇرۇنلا ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى بىلمەپتىكەندە، خۇداغا شۈكۈر... ئارقامدا نېمىلەرنى قالدۇرۇپ، نېمىلەرگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىمنى ئېنىق بىلمىسەممۇ، مەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ئەگەشكەن.... مېنىڭ قىسمىتىم دەل ئاشۇ كۈندىن باشلانغانىدى.

    چاراسلاپ چېقىلماقتا ئاۋازىممۇ ئاھ،
    يوللارنىڭ جىملىقى بولماقتا ۋەيران.
    قورقساممۇ، سەزگۈمدىن رازىمەن لېكىن،
    ئەسەبىي رېئاللىق بەرمەيدۇ ئىمكان.

     تولۇن ئاي تۆشەكتىن چۈشكۈسى يوقتەك،
    بۇلۇتلار ئارىسىدا ئۇخلار خىرامان.
    نۇركەبى پارلىغان ئىككى ۋۇجۇدتىن،
    تەبىئەت ۋەسلىگە ئوقۇيتتى دەرمان.

    يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئاراچلىرىدا،
    كۆيمەكتە ھاياتلىق، كۆيمەكتە يۈرەك.
    شاخلاردەك قاراسلاپ كۈچىنەر تاتلىق،
    ئىسسىق بىر تۇيغۇدا كۆپجۈگەن بىلەك.

     كېچىنىڭ شىددىتى قىستايدۇ جاننى،
    بايىقى تەشۋىشنىڭ يوقتۇر دېرىكى.
    خۇمارلىق سىلكىنەر يالاڭئاياغ پۇت،
    غۇنچىلار ئەتراپتا نەشە پۇرىقى.

       ئارىدىن بەش ئاينى ئۆتكۈزۈپ مەھەللىگە قايتىپ كېلىۋىدۇق، كىچىك بالىلار تاش ئاتتى، ئاياللار لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈشسە، پەقەت ئاندا-ساندا ئەرلەرنىڭ: «ئوغۇل بالا دېگەن شۇ، سارنىڭ قولىدىكى رىزقىنى تارتىپ ئالالايدۇ» دېيىشكىنى قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالاتتى. شۇ كۈنلەردە ئاتا-ئانامنىڭ ئىشىكىدە بىركېچە يىغلاپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاران بوسۇغىدىن ئاتلىيالىغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.
        كۈنلەر كۈنلەرگە، تۈنلەر تۈنلەرگە ئۇلىشىپ ئۆتۈۋەردى. ئۇنىڭ قىمار، ھاراق ھەم نەشىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن بىر ئادەملىكىنى بارا-بارا ھېس قىلدىم. مەن ئۇنى ھۆرمەت قىلغانچە ئۇ مېنى ئازابلايتتى، مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەنچە ئۇ مېنى بىھۇدە ئۇرۇپ دۇمبالايتتى، مەن ئۇنىڭغا يالۋۇرغانچە ئۇ مېنى تېخىمۇ ھاقارەتلەيتتى، ھەتتا تاياق زەربىدىن ئىككى قېتىم بالىمىزنىڭ بويۇمدىن ئاجراپ كېتىشىمۇ ئۇنىڭغا قىلچە تەسىر قىلمىدى. يىغلىدىم، قاقشىدىم، غېرىبسىندىم، لېكىن يەنىلا پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا نېمە ئىشنى خاتا قىلغىنىمنى، نېمىشقا بۇنچە خورلىنىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ: «ھۇ بۇزۇق، قېرى ئوغرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويغىنىمغا تويدۇردۇڭغۇ مېنى» دەپ سالدى.
       شۇئان كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. قىزىق! ئۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگىنىمنى مېنىڭ ئاجىزلىقىم، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەگەشكىنىمنى مەڭگۈلۈك ئاھانىتىم دەپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىكەن. ئاياللىق ئىززىتىم ھەم ۋۇجۇدۇمدا ئاپىرىدە بولغان يەنە بىر يېڭى جاننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن لېۋىمنى زەرب بىلەن چىشلىدىم. ئەپسۇس، مىڭلارچە ئەپسۇس... ماڭا ئانىلىق غورۇر، ئاياللىق ئىپتىخار ئاتا قىلىپ ئەمدىلا قورسىقىمدا تەۋرەشكە باشلىغان بالام تاياق زەربىدىن يەنە بويۇمدىن ئاجرىدى.

       يېرىلىڭ تاشىم، يېرىلىڭ، مەن بالامنى كۆرۈۋالاي.
    جان ئانامنىڭ باغرىدەك، باغرىڭىزغا كىرىۋالاي.

     مەن چاچلىرىمنى يۇلۇپ بار ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ يىغلىغىنىمچە ماڭا مۇھەببەت ھەم ئاھانەت ئاتا قىلغان بۇ ئۆيدىن ئاخىر قېچىپ چىقتىم. مۇشۇ ھالدا ئاتا-ئانامنىڭ يۈزىگە قاراۋېرىشتىن خىجىل بولۇپ، شۇ يۈگۈرگەنچە مەھەللىدىنمۇ ئۇزاپ كەتكەنىدىم.

    مەندە بارى سەندە يوق، سەندە بارى مەندە يوق.
    تەندە بارى روھتا يوق، روھتا بارى تەندە يوق.

     ھارۋىكەشنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى خىيالىمنى بۇزۇپ، يۈرىكىمنى تېخىمۇ ئەزدى. كۈن يەنىلا شەرقتىن چىقىپ، غەربكە پېتىۋاتاتتى.

       پۇشقۇرۇپ-پۇشقۇرۇپ ماڭار جانىۋار،
    ئايدىڭنىڭ بەرگىدە سۇنماقتا ناخشا.
    چېكەتكە ئاۋازى چۆكمەكتە يەنە،
    كۆزلەردىن جىمجىتلا سىرغىغان ياشقا.

       — بۇلبۇلكۆلگە كىمنىڭكىگە ماڭدىڭىز؟
     — ياخشى كۆرگەن قىزىم قېچىپ كېتىپتۇ، دېرىكىنى قىلاي دەپ... ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى تەمكىنلىك ھەم كۆزلىرىدىكى پەرىشانلىقتىن جۇغۇلداپ كەتتىم. مەھەللىدىكى قۇرۇغان دەريا بويىدىن زەينەپنىڭ مۇڭلۇق سايرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

    -داۋامى بار......

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق