شامالنىڭ قانىتى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-25 08:53:51

شامالنىڭ قانىتى(قىسسە)1بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىداشامال قاناتلىق پەرىشتە ئىكەنئەركىلەپ ھەر تەرەپكە ئۇچۇپ يۈرەركەن.بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدابولغان ئىكەن بىر قويچى يىگىت.ئۇ ياشاركەن قىردا - دالىدانەي چېلىپ م...

    شامالنىڭ قانىتى
    (قىسسە)



    1

    بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا
    شامال قاناتلىق پەرىشتە ئىكەن
    ئەركىلەپ ھەر تەرەپكە ئۇچۇپ يۈرەركەن.

    بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا
    بولغان ئىكەن بىر قويچى يىگىت.
    ئۇ ياشاركەن قىردا - دالىدا
    نەي چېلىپ مۇڭلىنىپ، نەينىڭ مۇڭىدا.

    شامال ئاشىق ئىكەن يىگىتكە
    يىگىت ئاشىق ئىكەن بىر قىزغا...

    2

    بىر كۈنى، شۇنداق بىر خاسىيەتلىك كۈن
    شۇنداق بىر سۈپسۈزۈك ئېقىن بويىغا
    كەپ قاپتۇ يىگىتمۇ قويىنى ھەيدەپ،
    كەپ قاپتۇ شۇ گۈزەل قىزمۇ ھەم سۇغا.
    تەمتىرەپ قىز سۇغا ئېڭىشكىنىدە،
    پارلاپتۇ چىرايى سۇنىڭ يۈزىدە.
    شۇ مەھەل يىگىتنىڭ يۈرىكى ئېرىپ،
    ئىشتىياق چاقناپتۇ غەمكىن كۆزىدە.
    يالقۇندا ئۆرتەنگەن پەرۋانە كەبى،
    ئۆرتىنىپ ئاھ دەپتۇ پىغان ئىلكىدە.

    3

    بۇ ھالنى كۆرۈپتۇ شۇ ئەركە شامال
    ئاداۋەت يولىنى تۇتۇپتۇ شۇئان.
    ئۇچۇپتۇ، بېرىپتۇ قىزنىڭ ئۆيىگە،
    ھەممىنى قالدۇرماي ئېيتىپتۇ شۇئان.
    غەزەپتىن تىترىگەن قىزنىڭ دادىسى،
    قولىغا قامچىنى ئېلىپتۇ شۇئان...

    4

    كۈنلەرمۇ ئۆتۈپتۇ
    ئايلار ئۆتۈپتۇ،
    ئايلارنىڭ باغرىنى
    ھەسرەت ئېزىپتۇ.
    دالىلار مۇڭلىنىپ،
    قىرلار ئۈمچىيىپ،
    ئەتراپنى ساپسېرىق
    خازان بېسىپتۇ...

    5

    خىزىرنىڭ چۈشىگە كىرىپ بۇ قىسسە،
    يىگىت - قىز شەنىگە قىلغانمىش دۇئا.
    ئۆزىنى بىلمىگەن شامالغا بېقىپ،
    نەپرەتلىك بىر نەزەر سالغانمىش قىيا.

    6

    كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى شامال پەرىشتە،
    ئويناپتۇ گۈل ئارا خۇش پۇراق قۇچۇپ.
    گاھ ناخشا ئېيتىپتۇ، گاھ ئۇسسۇل ئويناپ،
    ئۇ شاختىن بۇ شاخقا ئەركىلەپ ئۇچۇپ.
    شۇ مەھەل تىكەنگە سوقۇلۇپ تېنى،
    قانىتى مەڭگۈلۈك كېتىپتۇ سۇنۇپ.

    7

    ئارىدىن كۆپ ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپتۇ
    زامانلار زامانغا تۇمار پۈتۈپتۇ.
    پۇشايمان ئىلكىدە شامال ھەر كۈنى،
    پىغانلار چېكىپتۇ، ھەسرەت يۇتۇپتۇ.
    شۇ سەۋەب ئۇنىڭدىن ئامەت قېچىپتۇ،
    سەرسانلىق تۈگىمەس قىسمەت بولۇپتۇ.

    خاتىمە

    جىمجىت كېچە، تاماكا ئىسى،
    ئازاب كەبى ئېغىر تولغىنار.
    خىيال ئىچرە باقسام چىراغقا،
    تارام - تارام سارغۇچ ياش ئاقار.

    تىرىقلايدۇ دېرىزە پات - پات،
    بەلكىم ئاشۇ سەرسان شامالدۇر.
    پەرىشتىدەك قاناتقا تەشنا
    پەرىشتىدەك مېھىرگە زاردۇر...
    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-27 23:32:24]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر شامالنىڭ قانىتى