جۇنۇن(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : chimangul يوللىغان ۋاقىت : 2010-05-24 22:53:38

جۇنۇن چىمەنگۈل ئاۋۇت مەن سېنى چاھار باغدا دەپ قىلىمەن خىيال،ئۆيۈڭنىڭ ئارقىسىغا باغلايمەن بوزئات .چىمەنلەر يەلپۈنۈپ تۇرار شامالدا ،ھوجرىنىڭ ئىشىكىدە نەۋكەرلەر قات-قات. گۈل يوپۇرمىقىدا دەملەپ بىر...

    جۇنۇن

    چىمەنگۈل ئاۋۇت

     

    مەن سېنى چاھار باغدا دەپ قىلىمەن خىيال،
    ئۆيۈڭنىڭ ئارقىسىغا باغلايمەن بوزئات .
    چىمەنلەر يەلپۈنۈپ تۇرار شامالدا ،
    ھوجرىنىڭ ئىشىكىدە نەۋكەرلەر قات-قات.

    گۈل يوپۇرمىقىدا دەملەپ بىرەر چاي ،
    سەن ئۈچۈن ھەركۈنى بىرلا كېنىزەك .
    توزۇيدۇ مېۋىسىز، غەمسىز ھەم سۇلغۇن،
    باھاردا سەن ئۈچۈن ئېچىلغان چېچەك .

    سازىڭنىڭ تارىدىن ئۆرلەيدۇ ئاتەش،
    پىراقىڭ زۇلمىتىدىن كۆكلەيدۇ يۇلتۇز.
    ئىشىكىڭ تۈۋىدە يىغلايدۇ بۇلبۇل ،
    دەريانىڭ قىرغاقلىرىغا ئۇرۇلار قۇندۇز .

    نەچچە ياز،نەچچە قىش،نەچچە كۈز ئۆتۈپ،
    ئاخىرى گۇگۇمدا چىقساڭ ھويلىغا .
    سېنى كۈتكىنىچە تۇرار شۇ پېتى ،
    بىر ئايال ھەسرىتىنى تۇتۇپ قولىدا .

    باغرىڭ قان قەدىمىڭ شۇ قەدەر ئېغىر ،
    كېلىسەن يېنىغا بىرىسەن تىللا .
    توختايدۇ تىنىقى ئۇنىڭ ئەشۇ چاغ .
    بىلىنمەس ئۆزۈڭگە ئۆتكۈزگەن گۇناھ.

    نەۋكەرلىرىڭگە بۇيرۇپ ئۇنى سەن ،
    كۆمەرسەن ساۋاپ ئۈچۈن دۇئادا بەلكىم .
    ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئزۈڭ پۈتكەن كۈي .
    بىر كۈنى تۈڭلىكىڭدىن ئاقىدۇ تىم-تىم....

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر چىمەنگۈل ئاۋۇت