باشلىنىش

يوللىغۇچى : abduhelil يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-06 23:00:20

باشلىنىشئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىرھېجرانلىق دەملەردە چېچەكلىدى ياز،سەن ئېيتقان ئاخشامقى ناخشا ئىچىدە.بىلمەيتتىم ئېرىقىمدا يۇلتۇز ئاققاننى،ئېچىلدى گۈللەرمۇ ھەتتا كىچىدە.پەرۋانە ۋىسالدىن تاشلاندى ...

     

    باشلىنىش
    ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر
     
     
     
    ھېجرانلىق دەملەردە چېچەكلىدى ياز،
    سەن ئېيتقان ئاخشامقى ناخشا ئىچىدە.
    بىلمەيتتىم ئېرىقىمدا يۇلتۇز ئاققاننى،
    ئېچىلدى گۈللەرمۇ ھەتتا كىچىدە.
     
     
    پەرۋانە ۋىسالدىن تاشلاندى ئوتقا،
    توزغاقتەك تۇزىدى غالجىر خىياللار.
    قاش بىلەن كىرپىكنىڭ دەشتىدە ئۆلۈم،
    تۇرمىسا كۆكلىتىپ جاننى ئاياللار.
     
     
    بولمايدۇ دەيتتىم تەبەسسۇملۇق تۈن،
    كىرگەندە ھۇقۇش چۈشۈمگە بۆسۈپ.
    ھاياتنى تۇنجى رەت باغرىمغا باستىم،
    سەن ئالغاچ روھىمدىن دەرتنى شۈمۈرۈپ.
     
     
    لىق تولدى قەلبىمگە سەن باشلىغان كۈي،
    لىق تولدى قېنىمغا سەن كۆيگەن ئوتلار.
    تاڭلاردەك شولىلار چېچىپ مۇھەببەت،
    لىق تولدى شاۋقۇنغا يىراق-يېقىنلار.
     
     
    لىق تولدىم مەنمۇ ھەم قەلبىڭگە بەلكىم،
    كۆزۈڭدە ياشلىرىم ئاققاندىن باشلاپ.
    ناخشاڭنىڭ سىرتىدا قالسۇن پىراقلار،
    ياشايلى بىز ئەمدى ناخشاڭدا شاشلاپ...
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.