رۇبائىلار- كۈيلەردىن بىر پىيالە(ساداقەتجان ھاجى )

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-27 19:21:00

‹كەتمەنباي› كۈيلەردىن بىر پىيالە كۈيلەردىن بىر پىيالەساداقەتجان ھاجى ۋىجدانىڭ، ئىمانىڭ ئۆرتەنمەي تۇرۇپ، ئېچىلماس قەلبىڭگە سېلىنغان قۇلۇپ. ئۆرتەشنى بىلمىسەڭ بۇلۇتلارنى ھەم،باغلىرىڭ باياۋان بو...

    ‹كەتمەنباي› كۈيلەردىن بىر پىيالە  

     

        كۈيلەردىن بىر پىيالە
    ساداقەتجان ھاجى 

     ۋىجدانىڭ، ئىمانىڭ ئۆرتەنمەي تۇرۇپ،
    ئېچىلماس قەلبىڭگە سېلىنغان قۇلۇپ.
    ئۆرتەشنى بىلمىسەڭ بۇلۇتلارنى ھەم،
    باغلىرىڭ باياۋان بولىدۇ قۇرۇپ.
    (2001- يىل 7- ئاي)

    (35)
    كۆز تويار تۇپراق بىلەن.
    ھەرگىز تامادا تويمىغاي.
    نەپسى بولسا  گەر قانائەتلىك
    ھىچ بالادا قويمىغاي.

    قۇشنى يىگەنمۇ ياتار
    ئۆلگەندە يەرنىڭ باغرىدا،
    كۆزى توقنىڭ ھەر ۋاقىت
    كۆڭلى سامادا ئوينىغاي.
    (2001-يىل 6-ئاينىڭ 8-كۈنى)

    (36)
    كۆزۈم روشەن، ۋەلىكىن كۆرەلمەيمەن ئۆزۈمنى.
    كۆردۈم دىسەم ئەمالار ئويۇۋىتەر كۆزۈمنى.
    شۇنداقتىمۇ ئۆزۈم بار تاغنى كۆزلەپ ماڭىمەن،
    ئېيتىش ئۈچۈن ئۆزۈمگە كۆڭلۈمدىكى سۆزۈمنى.
    (2001-يىل 6-ئاي)

    (37)
    ئاشىق ئارام تاپمىغاي ۋەسلى دىدار بولمىسا.
    ۋەسلى دىدار بولمىغاي ئىشقى بىدار بولمىسا.
    ئىشقى بىدار بولمىغاي دىل بىغۇبار بولمىسا.
    دىل بىغۇبار بولمىغاي قەلبىدە يار بولمىسا.

     (2001-يىل 11-ئاي)

    (38)
    ساقى تولسۇن سۆيگۈگە پىيالىمىز.
    يار ۋەسلىگە يەتمەكتۇر خىيالىمىز.
    مۇھەببەتسىز - سۆيگۈسىز قالساق ئەگەر
    بۇ ھاياتتا نە بولۇر ئەھۋالىمىز؟
    (2002-يىل 20-يانۋار)

    (39)
    نە كېرەك ساقى مەدەتكار بولمىسا؟
    ياخشى سۆھبەتكە دەۋەتكار بولمىسا؟
    نە كېرەك سۆھبەت قۇرۇپ شەربەت ئىچىش
    ۋەسلى دىلبەرگە سەۋەبكار بولمىسا؟
    (2002-يىل 23-يانۋار)

    (40)
    جېنىمغا جان قوشۇپ جانان كېلىدۇ.
    جاناننى سۆيگىدەك ئىمكان كېلىدۇ.
    ئىمكانلار چۆلىدە بولسام گەر شىھىد
    بەختىمگە جەننەتۇل رىزۋان كېلىدۇ.
    (2002-يىل 26-يانۋار)

    (41)
    شەربەتتۇرمەن ئەي ساقى، پىيالىنى ئۆرتەيمەن.
    غەپلەتتىكى روھىمنىڭ خىيالىنى ئۆرتەيمەن.
    ھەر قەترەمدە مىڭ دەريا دولقۇنلايدۇ مەۋج ئۇرۇپ،
    زەررەم بىلەن ئالەمنىڭ زاۋالىنى ئۆرتەيمەن.
    (2002-يىل 26-يانۋار)

     (42)
    ساقى شەربەت قۇي پىيالەمگە بۈگۈن.
    مەن تۇغۇلدۇم قايتا ئالەمگە بۈگۈن.
    جانمۇ مەن، جانانمۇ مەن.
    جان كۆكلىگەن مەرھابا نەۋرۇزى ئايەمگە بۈگۈن.
    (2002-يىل 26-يانۋار)

     (43)
    قىلما كۆڭلۈمنى خۇدا زەۋقى گۈلىستاندىن جۇدا.
    بىناۋا مەن ئەيلىسەڭ شەۋقى گۈلىستاندىن جۇدا.
    بارمىدۇر ھۆر ئاشىيان بۇلبۇلغا بوستاندىن بۆلەك؟
    ئەيلىمە ھەرگىز مېنى بەرقى گۈلىستاندىن جۇدا.
    (2002-يىل 26-يانۋار)

     (44)
    ھەزەر قىل شەيتاننىڭ دامىدىن دوستۇم.
    مەي ئىچمە ئۇنىڭ زەر جامىدىن دوستۇم.
    ئۇ ئاپتاب بولسىمۇ ئاپەتتۇر ساڭا،
    نۇر ئالغىن ھەقىقەت شامىدىن دوستۇم.
    (2002-يىل 27-يانۋار)

    (45)
    زەر ئەمەستۇر پاقىراپ تۇرغان سامان.
    ئۇ شامالدا سورۇلۇپ كەتكەي ھامان.
    بولمىغىن مەغرۇر شۇڭا ھۆسنۈڭ بىلەن،
    ئۇستا بىر زەرگەرگە ئوخشايدۇ زامان.
    (2002-يىل 28-يانۋار)

     (46)
    ياخشىلارنى ياخشىلىق يەرگە قاراتمايدۇ ھامان.
    يۈرمىگىن مەپتۇن بولۇپ يەتسە مۇرادىغا يامان.
    ياخشىلارغا يول ئوچۇق ھەم جەننەتۇل رىزۋان تامان.
    ياخشىلىق قىل ئىشقى بىدار گەر ياشاي دىسەڭ ئامان.
    (2002-يىل 28-يانۋار)

     (47)
    نېمە ھىكمەت باركى دىسەم تۈلكىدە؟
    شۇملۇقىنى يوشۇراركەن كۈلكىدە.
    كۈلكىنى بىلسەك ھەسەل دەپ بىز،
    لېكىن ئۇ زەھەركەن شۇم نىيەتلەر مۈلكىدە.
    (2002-يىل 28-يانۋار)

     (48)
    چۆرگىلەپ-چۆرگىلەپ پەلەكنىڭ چاقى
    ، مېنىڭمۇ نۆۋىتىم كېلىدۇ ساقىي.
    بېشىڭغا كەيمىگىن مەيخانىمىزنى،
    ساقىيلىق ساڭىلا ئەمەستۇر باقى.
     (2002-يىل 1-دىكابىر)

     (49)
    ھاياتلىق يولىنى تۈز دەپ قارىما.
    تۇرمۇشنى ھەمىشە ئۇز دەپ قارىما.
    ۋەلىكىن چىدىماي ئازابقا يەنە،
    بورانلىق باھارنى كۈز دەپ قارىما.
    (2003-يىل 1-ئاي)

     (50)
    بىلىم ئۆگەن ھاياتتىن تاپاي دىسەڭ مەنا سەن.
    بولۇپ قالماي دىسەڭ ھەم كۆزى ئوچۇق ئەما سەن.
    بىلىم بىلەن بەختىڭنىڭ بىناسىنى پۈتتۈرسەڭ،
    ئاندىن ئەلنىڭ قەلبىدە بولالايسەن دانا سەن.
    (2003-يىل 19-مارت)

    (51)
    نۇر ئىچىدە ياشايمەن دىسەڭ ئەگەر ھاياتتا،
    پەرۋاز قىلغىن بىلىمدىن پۈتكەن سۇنماس قاناتتا.
    ئۇچالمىساڭ ئۈمىدتە قۇچالمىساڭ كۆكنى ھەم،
    قەلبىڭ نۇرغا چۈممىسە ئۆتەر ئۆمرۈڭ ئازابتا.
    (2003-يىل 20-مارت)

     (52)
    «ئايمىدۇر، ئايلامىدۇر، ئايغا بۇلۇت دالدامىدۇر؟»
    دالدا بولدۇم دەپ تۇرۇپ ئاينى بۇلۇت ئالدامىدۇر؟
    باغرى قان بولمايدۇ كىمنىڭ كۆزىنى قويسا توسۇپ؟
    ئايدىكى داغ ئەسلىدە غەم – قايغۇدىن يالدامىدۇر.
    (2003-يىل 16-ئاپرىل)

    (53)
    چاڭقاپ تۇرار يۈرىكىم ئوتتەك يېنىپ.
    بۈگۈن شەربەت ئىچكۈم بار قېنىپ – قېنىپ.
    قىنى ساقى، لىق تولدۇر پىيالىنى،
    ئىچەي – ئىچەي! يۈرگىچە ئېغىر تىنىپ.
    (2003-يىل 22-ئاپرىل)

     (54)
    باغرىمدا بىر گۈزەل لالەم بار مېنىڭ.
    قەلبىمدە بىر گۈزەل ئالەم بار مېنىڭ.
    لالەمنىڭ غېمىدە روھىم ئۆرتىنەر،
    ئالەمگە سىغمىغان نالەم بار مېنىڭ.
    (2003-يىل 25-ئاپرىل)

     (55)
    ئالىملىق بەلگىسى – ئەقىلدە ئەمەس.
    ياكى بىر ھىكمەتلىك نەقىلدە ئەمەس.
    ئالىم دەپ بىلگۈلۈك بولسا گەر كىمدە
    ئۆمۈرلۈك ئىزدىنىش، ئەقىدە، ھەۋەس.
    (2003-يىل 27-ئاپرىل)

     (56)
    جامالىڭ گۈل بولسا سولىدۇ بىر كۈن.
    قوللىرىڭ غازاڭغا تولىدۇ بىر كۈن.
    خىيالىڭ گۈل بولسا، قەلبىڭ گۈل بولسا
    يوللىرىڭ گۈلىستان بولىدۇ بىر كۈن.
    (2003-يىل 27-ئاپرىل)

    (57)
    كەل ساقى، تولدۇرۇپ مەي قۇي تاۋاققا.
    مەست بولۇپ تاڭايلى تاشنى تاياققا.
    ئىچەيلى، بىز تېخى تاپماپتۇق ئەقىل،
    ئېرىشكەن بولساقمۇ نۇرغۇن ساۋاققا.
    (2003-يىل 27-ئاپرىل)

     (58)
    كۆرسەتمەس ھەقىقى يۈزىنى ساقى.
    ئېيتماس ھەم دىلدىكى سۆزىنى ساقى.
    «تەقدىرداش» دەپ قالما تۇرقىغا قاراپ،
    تەڭ كۆرمەس سەن بىلەن ئۆزىنى ساقى.
    (2003-يىل 27-ئاپرىل)

    (59)
    مەن ئانا تۇپراقتىن ياسىدىم كوزا.
    ساقلىدىم ئۇنىڭدا روھىمنى تازا.
    ئۈمىدۋار ياشايمەن شۇڭا ھاياتتا،
    ئەۋلادىم بەختىگە يەتمەيدۇ قازا.
    (2003-يىل 27-ئاپرىل)

     (60)
    يارغا مەن كۆڭلۈمنى بەرسەم يار ماڭا بەردى ئازاب.
    بۇ ھاياتىمنى مۇھەببەت دەشتىدە قىلدى خاراب.
    بۇ خارابلىقتىن يۈرەك – باغرىم يېرىلدى چاكى- چاك،
    بار ئۈمىدىم سەندە قالدى، ساقى كەلتۈرگىن شاراب!
    (2003-يىل 27-ئاپرىل)

     (61)
    جان تەلەپ قىلما مېنىڭدىن ئەي جانان.
    چىن يۈرەكتىن ساڭا سادىق مەن ھامان.
    بەلكى ئۆمرۈمنى تىلە بەختىڭ ئۈچۈن،
    سۆيىمەن سېنى جېنىم بولسا ئامان.
    (2003-يىل 27-ئاپرىل)

    (62)
    ئارمانغا يەتمەستىن ئۆلگۈم يوق خۇدا.
    ھۆرلۈكتىن ئالمىدىم تېخى زوق خۇدا.
    توسقايسەن قۇدرەتلىك قالقىنىڭ بىلەن
    جېنىمغا دۈشمەنلەر ئاتسا ئوق خۇدا.
    (2003-يىل 27-ئاپرىل)

    (63)
    ئىچسەڭ سۆيگۈدىن شاراب غەنىيمەت.
    سۆيگۈ دەپ چەكسەڭ ئازاب غەنىيمەت.
    غەمسىز خىيالىڭ غەپلەتنى چىللار
    ، ئۆتكىن يار ئۈچۈن ياشاپ غەنىيمەت.
    (2003-يىل 8-ماي)

    (64)
    يار قۇچاي ۋەسلىڭنى بەر ئىمكان ماڭا.
    ئەيلە ھەق شارابىدىن ئىھسان ماڭا.
    مەنمۇ بەختىمنى تاپاي ھەقنى تونۇپ،
    قالمىسۇن جەننەت سىرى پىنھان ماڭا.
    (2003-يىل 18-ماي)

    (65)
    بىۋاپا يار ئىشقىدا ئېيتىپ غەزەل،
    بولدى ئاھ، روھىم زەئىپ، قەلبىم كىسەل.
    چاڭقىدىم ھىجران چۆلىدە قانسىراپ،
    ساقىيا تولدۇر پىيالەمگە ھەسەل.
    (2003-يىل 18-ماي)

     (66)
    غەيرىتىم ئۈستۈندۇر غېمىم بولسىمۇ.
    كۆزۈم توق، كۆڭلۈم توق كېمىم بولسىمۇ.
    جېنىمغا جان قوشار دوستلۇق شارابى،
    ئىچكىنىم گەرچە بىر تىمىم بولسىمۇ.
    (2003-يىل 18-ماي)

    (67)
    كۆزۈمدىن قان بىلەن ياشلار ئاقىدۇ.
    باغرىمغا خەنجەردەك تاشلار پاتىدۇ.
    نېمە دەي دەردىمگە؟ يارنىڭ يولىدا
    جانان دەپ جان بەرگەن باشلار ياتىدۇ.
    (2003-يىل 18-ماي)

    (68)
    نۇرغا تولغان تاڭلىرىڭ بولسۇن ھامان خەيرىلىك.
    گۈزەل ياشلىق چاغلىرىڭ بولسۇن ئامان – خەيرىلىك.
    ئۆز بەختىگە نىجادكار بولالايدۇ ئىجادكار.
     ھالال مېھنەت – ئەجرىڭدىن بولسۇن زامان خەيرىلىك.
    (2004-يىل 4-ئاي)

     (69)
    مىھرىڭ بىلەن ھاياتنى سۆيۈپ ياشا ھەر زامان.
    چوغدەك يالجىپ گۈلخاندەك كۆيۈپ ياشا ھەر زامان.
    بەختلىك سەن قەلبىڭدە بولسا مىھرى – مۇھەببەت،
    قايغۇرمىغىن ئەتەڭدىن، كۈلۈپ ياشا ھەر زامان.
    (2004-يىل 4-ئاي)

     (70)
    يېتەي دىسەڭ مەقسەتكە ھىممەت بىلەن ياشىغىن.
    ئىزدەپ ھەقنىڭ ۋەسلىنى ھىكمەت بىلەن ياشىغىن.
    ئېشىپ بارار شۇندىلا ئادىمىيلىك قىممىتىڭ،
    ئادەمگە خاس قەدىرىيەت، قىممەت بىلەن ياشىغىن.
    (2004-يىل)

    (71)
    بولمىسا ئىشقىمدا جان جانان مېنى قىلماس كېرەك.
    بولمىسا شېئىرىمدا دان خامان مېنى قىلماس كېرەك.
    جان ئەمەس، قاندىن كېچىپ جاناننى قىلغايمەن خۇشال.
    قىلمىسام جاناننى خۇش زامان مېنى قىلماس كېرەك.
    (2004-يىل 5-ئاي)

     (72)
    سەندە ئوتلۇق يۈرەك بولسۇن، تىلەك بولسۇن.
    گۈل ياشلىقىڭ ئەل بەختىگە كېرەك بولسۇن.
    ياخشىلىقنىڭ ئۇرۇقىنى يوللارغا چاچ.
    ئۇتۇقلىرىڭ ئەۋلاتلارغا تىرەك بولسۇن. (2004-يىل 12-ئاي)

     (73)
    غۇرۇرلۇق بول، ئىمانلىق بول، ئەدەبلىك بول.
    ئۈمىدلىك بول، ئۇلۇغ ئارزۇ – تەلەپلىك بول.
    ھىممەت بىلە ياشا ھەردەم ھاياتتا سەن،
     ئەل قەلبىدە قەدىرلىك بول، شەرەپلىك بول.
    (2004-يىل 14-دېكابىر)

    (74)
    سۆڭىكىم تۇپراققا ئايلىنار بىر كۈن.
    تۇپرىقىم تاۋاققا ئايلىنار بىر كۈن.
     تاۋاقتا سۇ ئىچكەن ئەۋلادلار ئۈچۈن
    ھاياتىم ساۋاققا ئايلىنار بىر كۈن.
    (2004-يىل 22-دېكابىر)

     (75)
     تۆت كۈنلۈك ئالەمگە تويماي ياشايمىز.
    تويسىمۇ كۆزىمىز تۇيماي ياشايمىز.
    ئىچىمىز دوست- دۈشمەن قۇيغان شارابنى،
    ۋەلىكىن ئۆزىمىز قۇيماي ياشايمىز.
    (2004-يىل 22-دىكابىر)

     (76)
    ئادەم ئۈچۈن ھەممىدىن ئادىمىيلىك قىممەتتۇر.
    ئادىمىيلىك ئادەمگە ئاللاھ بەرگەن نىئمەتتۇر.
    ئارمان بولسۇن سەن ئۈچۈن ئادەم بولۇپ ياشىماق،
    ئادىمىيلىك – ئالەمنى بويسۇندۇرغان قۇدرەتتۇر.
    (2006-يىل 14-فېۋرال)

     (77)
    ‹گۈل نىمىشقا بۇلبۇلغا ئامراق؟›
    چۈنكى بۇلبۇل گۈلنىلا سۆيەر.
    باشقىلاردەك پۇل ئۈچۈن ئەمەس،
    بەلكى پەقەت گۈل ئۈچۈن ئۆلەر.
    (2008-9-7)

     (78)

    سۆيگۈ باشقا، سۆيۈش ئۈچۈن چارە قىلماق باشقا گەپ.
    سۆيۈش ئۈچۈن جانىنى مىڭ پارە قىلماق باشقا گەپ.
    سۆيۈش ئۈچۈن باغرىنى قان لالە قىلماق باشقا گەپ.
    گۈل ئىشقىدا بۇلبۇل كەبى نالە قىلماق باشقا گەپ.
    (2008-9-8)

     (79)
    كۆزىمىزنىڭ كۆزىنى ئاچقان مۇھەببەت.
    كۆڭلىمىزگە نۇرىنى چاچقان مۇھەببەت.
    دەسلەپ تازا كۆيدۈرۈپ، ئاندىن ئازراق سۆيدۈرۈپ،
    كىيىن شۇنچە قوغلىساق قاچقان مۇھەببەت.
    (2008-9-8)

     (80)
    يۈرىكىمىز سۇ بىزنىڭ، كۆيدۈرگەنگە كۆيمەيمىز.
    روھىمىزنى مەست قىلسا، ئۇنداق يارنى سۆيمەيمىز.
    مۇھەببەت دەپ ياشايمىز. ياشاش ئۈچۈن سۆيىمىز.
    چىڭدۇر بىزنىڭ جېنىمىز، ئۆلتۈرگەنگە ئۆلمەيمىز.
    (2008-9-9)

    (81)
    سىناش ئۈچۈن بوپتىلا جاپا قىلسۇن مۇھەببەت.
    ئەڭ ياخشىسى بىزلەرگە ۋاپا قىلسۇن مۇھەببەت.
    بۇ قىممەتلىك ھاياتتا مۇھەببەت دەپ ياشايمىز.
    كۆڭلىمىزنى نىمىشقا خاپا قىلسۇن مۇھەببەت؟
    (2008-9-9) ★★★★★
    (بۇ رۇبائىيلارنىڭ ‹1ــ33› گىچە بولغانلىرى ‹سۇمرۇغ› قا يوللىنىپ بولغان .

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 12:44:05][admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 12:44:50]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق