چىرايلىق سۆزلەش(ئەخەت كەلپىن ئىنسانىي)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 09:28:36

چىرايلىق سۆزلەشئەخەت كەلپىن ئىنسانىيچوقۇم شۇنداق بولاتتى،مۇشۇنداق بولۇشىنى بىلىپ بولغانتىم.سىزگە شۇ، دەپ قويمىغان گۇناھىملا بار،مېنى كەچۈرۈڭ، كەچۈرۈۋېتىڭ...كۆزىمىزگە بەك چېلىقىپ كەتكەنىدىڭىز...

    چىرايلىق سۆزلەش
    ئەخەت كەلپىن ئىنسانىي



    چوقۇم شۇنداق بولاتتى،
    مۇشۇنداق بولۇشىنى بىلىپ بولغانتىم.
    سىزگە شۇ، دەپ قويمىغان گۇناھىملا بار،
    مېنى كەچۈرۈڭ، كەچۈرۈۋېتىڭ...

    كۆزىمىزگە بەك چېلىقىپ كەتكەنىدىڭىز،
    يول، رەستىدە، قايناق بازار، دوقمۇشلاردا سىز.
    ھەي... كۆز تەگمىگىيدى، دەپ قالغانىدىم،
    چۈنكى، كۆزى بەكمۇ يامان ئادەم ئىدۇق بىز.

    بولار ئىش ئاخىرى بولۇپتۇ بۈگۈن،
    سىزنى سوققان ماشىنىمۇ، بىر...
    دەپ قويساممۇ بوپتىكەن باشتا
    ئىشىتسەممۇ ئاچچىققىنە تىل!

    مېنى كەچۈرۈڭ ئەي چىرايلىق قىز،
    سىزگە شۇ، دەپ قويمىغان گۇناھىملا بار.
    كىم بىلىدۇ، ئەڭ يامىنى مېنىڭ كۆزۈممۇ
    كەڭ جاھاننى ئۆزىچىلا كۆرۈۋالغان تار؟!...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.