ھايات دىگەن مانا شۇ(مۇھەممەتجان راشىدىن )

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-10-09 17:00:00

ھايات دىگەن مانا شۇ تۇرۇۋالدىڭ چۈشەندۈر دەپ ھاياتنى ،نىمە دەيمەن، يەنە دىسەم يەنە شۇ!كەلمىدۇقمۇ ئەتە ئۈچۈن ئات چېپىپ،مەنچە بولسا ،ھايات دىگەن مانا شۇ! ئاھ ئۇرىسەن ئارمىنىڭغا يېتەلمەي،يا ئارزۇ...

    ھايات دىگەن مانا  شۇ

    تۇرۇۋالدىڭ چۈشەندۈر دەپ ھاياتنى ،
    نىمە دەيمەن، يەنە دىسەم يەنە شۇ!
    كەلمىدۇقمۇ ئەتە ئۈچۈن ئات چېپىپ،
    مەنچە بولسا ،ھايات دىگەن مانا شۇ!

    ئاھ ئۇرىسەن ئارمىنىڭغا يېتەلمەي،
     يا ئارزۇيىڭ ئىشىكىدىن كېتەلمەي .
    زارلىنىسەن بىرنى ئىككى ئېتەلمەي ،
    مەنچە بولسا ،ھايات دىگەن مانا شۇ!

    دۇرۇس تەبىر؛«ئۆمۈر-- ئاتقان ئوق!»دىگەن،
    بۇ ئالەمگە قانغان كىشى يوق،دىگەن .
    بىرلىرى ئاچ،بىراۋلىرى توق ،دىگەن،
    مەنچە بولسا،ھايات دىگەن مانا شۇ!

    شائىر يازار:ئۇلۇغ ئىنسان ئانا!دەپ،
    ئانا ئۆتەر بۇ دۇنيادىن بالا! دەپ،
    بالا كۆزى تەلمۈرىدۇ دالا دەپ،
    مەنچە بولسا، ھايات دىگەن مانا شۇ!

    بېسىلمايدۇ تىرىكلىكنىڭ ۋاڭ-چۇڭى،
    بىلەلمەيسەن نەدە ئۇنىڭ تەڭپۇڭى؟
    كىچىكلەرنى بوزەك قىلار ئەڭ چوڭى ،
    مەنچە بولسا، ھايات دىگەن مانا شۇ!

    گاھ ئېتىزدا ئارپا،بۇغداي تېرىيسەن،
    گاھ بازغاندا غۇلىچىڭنى كېرىيسەن،
    تىرىكچىلىك ھارۋىسىدا قېرىيسەن،
    مەنچە بولسا،ھايات دىگەن مانا شۇ!

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 20:02:29]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.